ئۇيغۇرچە | Uyghurche | Уйғурчә | Türkçe | 中文
ھازىرىقى ئورنىڭز :باش بەت > باشقىلار > يازما مەزمۇن بىتى
تەكلىپ پىكىر بىرىڭ
2013-يىلى06-ئاينىڭ17-كۈنى باشقىلار ⁄ يازما جەمىئى513خەت پارچە باھا 10

ئالدىنقى ھەپىتىدە بىلوگىمىز قويغان مۇلازىمىتىردىن ئازراق مەسلە كۆرۈلگەچكە بىلوگمىز بىر قانچە كۈن توختاپ قالدى. بۇ جەرىياندا زىيارەتچىلىرىمىزگە بەزىبىر قۇلايسىزلىقلارنى ئىلىپ كەلدۇق.بۇنىڭدىن سەمىمى كەچۈرۈم سورايمىز.
ھازىر بىلوگىمىز يېڭى مۇلازىمىتىرغا كۆچۈرۈلدى .شۇڭا بىلوگنىڭ ئىچلىش سۈرئىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى توغۇرلىق ئۆزىڭزنىڭ ھىس قىلغانلىرىڭزنى ئىنكاس شەكىلىدە قالدۇرۇپ قۇيشىڭز ئۈمىد قىلىمەن . بۇ ئاراقلىق بىز بىلوگنىڭ ھەرقايسى رايۇنلاردىكى ئېچىلىش سۈرئىتىنى ئىنقىلاپ ئۇقۇرمەنلەرگە تېخىمۇ ياخشى بولغان زىيارەت مۇھىتىنى يارتىپ بىرەلەيمىز.
قوللىغىنىڭزغا كۆپ رەھمەت .

قۇتبەگ بىلوگى

ھازىر 10 پارچەباھا بار بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان :9 پارچە : بىلوگىر :1 پارچە

  1. سەبىرقادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى06-ئاينىڭ17-كۈنى19:40:43  -49قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قۇتبەگدىكى تورداشلار ، قۇتبەگ بىلوگى بىرنەچچە كۈن
    ئارام ئېلىۋالغاندىن كىيىن سۈرئىتى تېخىمۇ تىزلىشىپ كتىتپتۇ. بىز ئۈچۈن
    بەدەل تۈلەۋاتقان ئەلتىكىن ئەپەندىمگە تەشەككۈرلەر بولسۇن .

  2. سېرژانت China Google Chrome Windows : 2013-يىلى06-ئاينىڭ17-كۈنى21:56:49  -48قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئاقسۇ تېلېگىرافى بەكلام ئاستا… بۇ تور تاقىلىپ قالمىسۇن جۇمۇ.. ئايدا بىرەر قېتىم يوقلىساممۇ تاقىلىپ قېلىشىنى خالىمايمەن. تۆنۈگۈن بىر يوقلىغان.

  3. سېرژانت China Google Chrome Windows : 2013-يىلى06-ئاينىڭ17-كۈنى21:58:28  -47قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئانچىمۇ ئاستا ئەمەسكەن جۇمۇ… بايا بەك ئاستىدەك بىلىنگەنتى… نورمال…

  4. سەبىرقادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى06-ئاينىڭ18-كۈنى03:48:26  -46قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    بىلۇگنىڭ سۈرئىتى ئەسلىدىكىدىن تىزلىشىپ قاپتۇ ،
    رەسىمنىڭ ئېچىلىشىنى سىناپ باقاي
    800-600.987dce6996aa1a0d7f1282ddf9cdac450c773261.4dca3e.jpg?t=712a880cb5e8ec7db1646bd217d47bd1&d=20130618

  5. سەبىرقادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى06-ئاينىڭ19-كۈنى01:28:44  -45قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    بۈگۈن كەچ ھىس قىلىشىمچە بىلوگنىڭ پەت ئاتلاش سۈرئىتى سەل ئاستىدەك تۇىدۇ .ياكى كومپىيۇتىردىمدىكى مەسىلىمىدۇ ، يەنە بىر كومپىيۇتېردا كىنو ياخشى قۇيۇلىۋاتىدۇ ،


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Linux : 2013-يىلى06-ئاينىڭ19-كۈنى02:45:58  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      سۈرئەت بۇرۇنقىدىن ياخشى…..

  6. سەبىرقادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى06-ئاينىڭ19-كۈنى04:44:32  -44قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئۇيغۇرئىكىسدىن ئەڭ تىز سۈرئەتتە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى مەنپەئەتدار قىلىمىز دەيدىكەنمىز ، پايدىسى بۇلىدىغان يەنە بىر ئۇسۇل ئۇيغۇرئىكىس ۋە ئۇبۇنتۇ ھەققىدىكى توربەتلەرگە ئەھمىيەت بىرىشىمىز كېرەك . بىر يەردە قىزىق نوختا پەيدا قىلالىشىمىز كېرەك . ئۇيغۇرئىكىسنىڭ كۈڭۈلدىكى ئېچلىشقا تەڭشەلگەن http://www.uyghurix.org دىگەن بەتنىڭ تەسىرىنى ئويلىشىش كېرەكمىكىن .

  7. سەبىرقادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى06-ئاينىڭ19-كۈنى04:49:05  -43قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    بىر سۇئال :
    ئادەتتە ئىشلىتىۋاتقان خىروم توركۆرگۈدە ئۈزى تەمىنلىگەن پىرۇگراممىلار ۋە قىستۇرمىلارنى كۆپ قوزغىتىۋالساق ، تور كۆرگۈنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ . قايسىلىرىنى قوزغاتساق پايدىسى كۆپ ؟
    بىلىدىغانلارنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ باقساق .

  8. سەبىرقادىر China Google Chrome Ubuntu Linux : 2013-يىلى06-ئاينىڭ21-كۈنى07:19:28  -42قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئۇيغۇرئىكىس ياكى ئۇبۇنتۇنى ئىشلىتىۋاتقىنىمغا يېرىم يىلدىن ئېشىپ قاپتۇ ،بۈگۈن ئۈزەمنىڭ ھازىرقى بىلىشىم بۇيىچە قانچىلىك ئىشلىتەلىگىنىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىپ باقاي دەيمەن ، ھىس قىلىشىمچە مەن خېلى تىز ئۈگنىۋالغاندەك قىلىمەن ، چۈنكى ۋىندوۋىسنى ئىشلەتكەن ئون نەچچە يىلدا مەندە كومپىيۇتىرغا نىسبەتەن بۇنچىلىك قىزغىنلىق ، بۇنچىلىك چۈشەنچە پەيدا بولمىغان ھەمدە كومپىيۇتېر توغرىسىدا بىرەر يازمىنىمۇ يازالمايتتىم .دىمەك مەن ئۇيغۇرئىكىسنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن ئوخشايمەن ،

    ۋىندوۋىسنى قانداق ئۈگەنگىنىم ئىسىمدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ ، خەڭسۇچىنى ئازراق بىلگەچكە ھەرھالدا جاپادا بولسىمۇ ئىشلىتىپ يۈرگەن ئىدىم .ئىككى يىل بۇلاي دەپتۇ ، تور ئارىلاۋېتىپ ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تور بېتىدىن لىنۇكىس
    سېستىمىسىنى ئىشلىتىش تەشەببۇسىنى كۆرۈپ بۇ قانداق سېستىمىدۇ ، نىمە ئەۋزەللىكى باردۇ – دەپ ، قىزىلبايراق كومپىيۇتېر بازىرىدىن قاچىلاش دىسكىسىنى ئىزلىدىم . ‹خۇڭماۋزى ›دىگەن بىر سېستىما دىسكىسىنى تاپتىم ۋە قاچىلىدىم ، نەچچە كۈندىن كېيىن ، ئۇبۇنتۇنى توردىن چۈشۈردۈم ، ئۇيغۇرچىنى ugubuntu.com دىن ئۈگىنىپ قاچىلىدىم ، ئۇچاغدا ئۈيۈمدە تور يوق ئىدى. يانفۇنۇمنى ئۇبۇنتۇغا ئۇلىساملا تورغا چىقالىغىنىمدىن بەك خۇشال بوپ كەتكەن ئىدىم . ئارىدا بىرمەزگىل باشقا ئىشىم چىقىپ قېلىپ ، كومپىيۇتېردىن ئايرىلىپ قالدىم . مۇشۇ يىلنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە قەدەر يېرىم يىلچە ۋاقىتتا ، خېلى كۆپ بىلىشلەرگە ئىگە بولىۋالغاندەك تۇيغۇغا كىلۋاتىمەن .

    تۈۋەندە تورداشلارغا كومپىيۇتىرىمنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلاي ، يەنە نىمە ئىشىم چالا قاپتۇ ، مەسلىھەت بەرسەڭلار .

    مەندە ئىككى كومپىيۇتېر بار ، بىرسى ئۈستەل كومپىيۇتىرى ، دەسلەپكى ھالىتى 200 سومغا توختىغان .يەنە بىرى خاتىرە كومپىيۇتېر 650 سومغا ئالدىم .
    ئۈستەل كومپىيۇتىرىم ئائىلەمدىكىلەر ئۈچۈن تېلۋىزورنىڭ ئورنىنى ئېلىۋاتىدۇ .
    ئالتە ياشلىق بالاممۇ خالىغان فىلىملەرنى كۈرەلەيدۇ .تۈركىيەنىڭ تەرجىمە قىلىنىپ ئۈلگۈرمەيۋاتقان فىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىنماستىن كۈرۈۋالىمىز . ئۇيغۇرچە تېلۋىزور پىرۇگراممىلىرىنىمۇ شۇنداق قۇلاي كۈرەلەيمىز .ئادەتتە مەن گۇگىلنىڭ كروم تور كۆرگۈسىنى ئىشلىتمەن . توركۆرگۈنى ئىلخەت تىزىمىمغا تىزىملىۋالغان. دائىم ئىشلىتىدىغان ئۇلانمىلار توركۆرگۈ كۆزنىگىمنىڭ ئۈستىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ . ئۈزەمگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئۇلانمىنى ماس كىلىدىغان تۈرى بۇيىچە ساقلاپ قۇيىمەن . مۇشۇ كومپىيۇتىرىمدىكى توركۆرگۈنىڭ ھالەتلىرى خاتىرە كومپىيۇتىرىمدا ھەم باشقا كومپىيۇتىرلاردىمۇ ئوخشاش ئىشلەيدىكەن. يەنى ، كروم توركۆرگۈنى ئېچىپ ، بار بولغان تىزىملىكىمدە تىزىمغا كىرسەملا بولىدىكەن .
    توركۆرگۈچىمنىڭ ئۇلانمىلار رايۇنىدا بىرنەچچە خىل لۇغەت ، چ چ ، ئۈندىدار ، بۇلۇت بوشلۇق ، ئىملا تەكشۈرگۈچ … ۋە دائىملىق پايدىلىندىغان ئۇلىنشلار بار .
    گۇگىلنىڭ ئىزدەش كۆزنىگىدىن ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنى ئاسانلا تېپىۋالىمەن . خەتلەر ئۆلچەملىك . ئۇيغۇرئىكىسنىڭ ئۈزىدىكى خەت – ئالاقە قۇرالىدىن پايدىلىنىپ ، چ چ ۋە ئىلخەتلىرىمنى ئىشلىتەلەيمەن . چ چ دا ئۇيغۇرچە خەت ماڭمىغانلىق سەۋىۋىدىن
    ھازىر باشقىچە ئۇسۇلنى ئىزدەۋاتىمەن . ئىلخەتلىرىم ئۇيغۇرچە بىلەن ئۇبدان چىقىشىپ قالدى .
    ئۇيغۇرئىكىستىن پايدىلىنىپ ، دوستلىرىمنىڭ خاتىرە سۈرەتلىرىنى سىنغا ئايلاندۇرۇپ ئەۋەتكەن ئىدىم ، بەك خۇشال بولۇشتى .
    ئۇيغۇرئىكىسنىڭ يېزىق بىرتەرەپ قىلىدىغان قۇرالى ۋىندوۋىسنىڭكىدىنمۇ ياخشى ئىشلەيدىكەن .تۇلۇقلىغىلى بولىدىغان قىستۇرمىلىرىمۇ كۆپكەن ھەم تىلى ئۇيغۇرچە بولغاچقا بەك قۇلايلىق بىلىنىۋاتىدۇ .
    بەزىدە بالام ئۈچۈن ئۇيۇنلارنىمۇ ئوينىشىپ بىرىمەن . ئۇيۇن دىگەنمۇ يەتكۈچە كۆپكەن.
    3D ئۈنىمىنى قوزغىتىۋالدىم ، كومپىيۇتىرىمنىڭ قاتتىق دىتاللىرى ياخشى بولمىسىمۇ ، سۈرئىتى ئاستا كەپمۇ قالمىدى .نەچچە مىڭ سوملۇق كومپىيۇتىرىم بولغان بولسا
    قانچە ياخشى ئىشلەر بولغىيتتى .
    لازىملىق پىرۇگراممىلارنى سېستىمىنىڭ ئۈزىدىكى يۇمشاق دىتال مەرگىزىدىن ئاسانلا قاچىلىغىلى ھەم ئىشلەتكىمىز كەلمىسە ئۈچۈرگىلى بولىدۇ . تىپ -تىنىچ تاماملىنىدۇ . بۇ يەردە بولمىغاننى توردىن ئىزدەپ ، تەييار بۇيرۇق جۈملىسىنى تېرمىنالغا كۈچۈرپ
    چاپلىساملا ئىش تامام ياكى deb ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمەن . بىر مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ . تىز چۈشىدۇ – تىز قاچىلىنىدۇ .
    باشقىلارغا سېستىما قاچىلىتىمەن ، سېستىمامنى ئوڭشىتىمەن دەپ يۈرىدىغان ۋاقىتلىرىم كەتكەن ئوخشايدۇ . تېخى باشقىلارغا سېستىما قاچىلاپ بىرەلەيدىغان
    بوپ قاپتىمەن .مەنغۇ ئەقىللىق ئەمەس ، مۇھىمى ئۇيغۇرئىكىسنىڭ ئۇيغۇرچە بولغىنى ماڭا شۇنداق پايدا يەتكۈزدى . بىرەر تاللاشنى خاتا بېسىپ قۇيۇپ ، كومپىيۇتىرنى بۇزۇپ قۇيارمەنمۇ دىگەن ئەندىشىدىن قۇتۇلدۇم . شۇنى ئىتىراپ قىلدىمكى ، دەسلەپكى كومپىيۇتىرنى ئۇيغۇرلار ياساپ چىققان بولسىمۇ ئوخشاشلا بولىدىكەندۇق . شۇنداق بوپ قالغان بولسا ، بىزمۇ باشقىلارنى ئۇيغۇرچىنى ئۈگىنىشكە مەجبۇر قىلىدىغان ھىلە – مىكىرلەرنى ئىشلىتەرمىدۇق .

    كومپىيۇتىر مەن ئۈچۈن دەرىسخانا بوپ قالدى ، ماڭا دىپلوم كېرەك ئەمەس ، لېكىن ئىھتىياجىم چۈشكەننى ئۈگىنىۋىرىمەن . باشقىلارغا خۇشامەت قىلىپ ياكى ھارام مال بىرىپ خىزمەت ئىزدەيمەن دەيدىغان غېمىم يوق . يوللىرىمدا تۇسالغۇلار كۆپ بولسىمۇ ، يۇچۇقلار يەنە بار – خېلى نۇرغۇن . توغرا يول – ھەقىقەت ھامان غالىپ كىلىدۇ .كىچىككەن بولساممۇ ئۈگىنىشنى قايتىدىن باشلىۋالغىنىمدىن كۆڭلۈم خۇشال .
    ئەزىز قەلىبداشلار ، سىلەر بالىلارغا نەسىھەت قىلىشنى ئۇنۇتماڭلار ، ئۈگىنىشنى چىڭ تۇتقاي ، كىچىككەن ئىشتىن ياخشى نەتىجە چىقىشى قىيىن . ئۈگەنسۇن ، دۇنيادىكى ئۈزىگە لازىم بولغان ھەرقانداق تىلنى ئۈگەنسۇن . ئۈگىنىشنىڭ بىر شەرتى بولسۇنكى ، ئەڭ مۇھىم بولغاننى ، ئەڭ ئەسقاتىدىغاننى چىڭ تۇتۇپ ئۈگەنسۇن .
    شۇنداق بىر گەپنى دىگۈم كەلدى ، تىل بىلەن بىلىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا پەرىقلەندۈرۈشىمىز كېرەك . باشقىلارنىڭ تىلىنى بىلىش – ئۇلارنىڭ بىلىمىنى بىلگەنگە باراۋەر ئەمەس . بىلىمنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن ، بىلگۈچىنىڭ تىلىنى ئۈگىنىمىز ، ياكى بىلگۈچى بىزنىڭ تىلىمىزنى ئۈگىنىپ ، بىلىمىنى بىزگە ئۈگىتىدۇ .
    قانداقتۇر ھەممە نەرسىلەرنىڭ ئىسمى ۋە ئىزاھلىرىنى ئۈزىنىڭ تىلىدا خاتىرلەپ ،
    بىلەلىسەڭ پايدىلان دىگۈچىلەر نۇرغۇن پايدىدىن ، ياخشى نەتىجىلەردىن مەھرۇم قالغۇسى . بىز باشقىچە تېخىمۇ توغرىراق يول تۇتالايمىز . تەپەككۇر قىلايلى ،
    بىرنىيەتتە ئىگىلىك يارىتايلى ، ئۈزىمىزنىڭ پۇلىمىزنى ئۈزىمىز خەجلەيلى .
    خەقكىمۇ ئۈزىنىڭكىنى خەجلەشنىڭ دۇرۇسلىقىنى ئۈگىتەيلى .
    ئاخىرىدا خۇلاسەم ، كومپىيۇتىر ھەقىقى دەرىسخانا ، ئىنتېرنىت ئاقىل مۇئەللىم ، دىپلوم ئۆزىمىزنىڭ قۇلىدا . قورىقمايلى ، ئۇيغۇرئىكىس ئۇبۇنتۇ ھەممىمىزگە قۇلايلىق ئېلىپ كەلگۈسى . ئۈزىمىزدىن باشلاپ بالىلارغىچە تىرىشايلى .
    ۋىندوۋىسمۇ ياخشى . ئىككى نەرسە بولۇپ ، بىرسىنى تاللا دىسە ئەڭ ياخشىسىنى تاللاش كىرەك ، تاللاپ بولالمىغاندا ھەرئىككىلىسىنى تاللاش كېرەك ، ھامان بىرسى ماس كىلىدۇ . مەن ھەم شۇنداق قىلىۋاتىمەن . كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىكى مەشغۇلاتىمنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىنى ئۇيغۇرئىكىس ئۇبۇنتۇدا مۇۋاپپىقىيەتلىك ئورۇنداپ كىلىۋاتىمەن .
    باشقىلار ئون يىللار بۇرۇن ئىشلىتىپ ، تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ماس كەلمىگەچ بىزلەرگە تاشلاپ بەرگەن بۇ نەرسە نىمكەش بولسىمۇ شەك يوق . بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقالىدى . كەلگۈسىدە بىزنىڭمۇ ‹ ئىزتاپ › ماركىلىق كومپىيۇتىرىمىز ئۈيىمىزگە ئۇيغۇرچە سالاملار بىلەن كىرگۈسى . ئۈيىمىزنى كاشىلا قىلىپ تۇرىۋاتقان ئەسكى دىلبۇزۇرنىڭمۇ ئۆمرى ئۈتەي دىدى . بىزمۇ دەۋىرگە يىتىۋالىمىز .

    ئۇبۇنتۇ توغرۇلۇق دىيىشكە تىگىشلىك سۆزلىرىم تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ،
    نىمىشقا شۇنداق كۆپ سۆزلەپ كىتىشىمنىڭ سەۋىۋىنى قەلىبداشلار چۈشىنىۋاتقاندۇ . ياخشى كۆرسەتمىلىرىڭلارغا تەقەززا بۇلۇپ يازمامنى بۈگۈن مۇشۇ يەردە توختىتاي .
    خەيىر ، سالاملىشىپ تۇرايلى .

    2013/6/21

  9. بەگمۇراد China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى07-ئاينىڭ06-كۈنى08:24:55  -41قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    سەبىر ئاكا ئەسلى سىزگە مەخسوس بەت ئاچىدىغان ئىشكەنتۇق(ھى ھى….)، دىگەنلېرىڭىزدە ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدىغان تىل سەنئىتى ۋە كۆڭۈل ھەقىقەتى يۇشۇرۇرنۇپ ياتىدۇ. بىلوگباسقا ناخشا تىكىستلېرىنىلا يازماي مۇشۇنداق كۆڭۆل سۆزلېرىڭىزنىمۇ يىزىپ قويغان بولسىڭىزقانداق بۇلا دەپمۇ قالىمەن، بولمىسىغۇ دۇتتارنىمۇ يامان ئەمەس چىلىپ قۇيىدىكەنسىز ئەمما سىزگە سورۇن يارىتىپ بېرەلمىدۇق. بىزمۇ ئۇبۇنتۇ ياكى ئۇيغۇرئىكس تۇغۇرلۇق مەخسوس بىر ھەۋەسكارلار گۇرۇپپىسغا ئوخشاش بىرلەشمە قۇرۇپ تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللانساق قەرەللىك يىغىلىش قىلىپ ئۆزئارا پىكىرلەشسەك ئۇنىڭغا ئانچە-مۇنچە كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلېرىنى قۇشساق نىمىشقا بولمايدۇ، دىپئىن بىلەن ئۇبۇنتۇ شۇنداق قىلىپ كىلىۋاتىدىغۇ . ئاللا خالىسا كەلگۈسى قىلىدىغان ئىشلېرىمىز كۆپ ئىشنى پۇختا قەدەم بىلەن باسقايمىز.

يازمىغا قارىتا ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرىڭز بولسا بۇ يەرگە قالدۇرۇڭ.

باش سۈرىتىڭز يوقمۇ؟


This site is protected by WP-CopyRightPro