ئۇيغۇرچە | Uyghurche | Уйғурчә | Türkçe | 中文
ھازىرىقى ئورنىڭز :باش بەت > باشقىلار > يازما مەزمۇن بىتى
Ubuntu نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش
2013-يىلى09-ئاينىڭ07-كۈنى باشقىلار ⁄ يازما جەمىئى5551خەت پارچە باھا 5

بۇ ئۇبۇنتۇ نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان گۇرۇپپىدۇر. سىزنىڭمۇ بۇ ئىشقا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمىز. بىز سىزگە ئېھتىياجلىق.

گۇرۇپپىنىڭ نامى(ئۇيغۇرچە): «ئۇبۇنتۇ ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسى»
ئىنگلىزچە نامى: «ئۇبۇنتۇ ئۇيغۇر ترانسلاتىئون گروئۇپ»
گۇرۇپپىنىڭ ئېلخەت ئادرېسى: «<ئەمائىل ئاددرەسس ھىددەن>» (گۇرۇپپىغا قوشۇلمىغانلار ئېلخەت ئەۋەتەلمەيدۇ).
ئېلخەت ئارخىپىنى بۇ يەردىن كۆرۈشكە بولىدۇ: https://lists.launchpad.net/ubuntu-l10n-ug/threads.html

بۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر قىسىم بوغچىلارنى مەزكۇر گۇرۇپپا تەرجىمە قىلالمايدۇ. ئۇنى «لائۇنچپاد ئۇيغۇر ترانسلاتورس» دېگەن گۇرۇپپىغا قاتناشقاندا ئاندىن تەرجىمە قىلغىلى بولىدۇ. بۇ گۇرۇپپا تېخى يېقىندا قۇرۇلدى. بۇ گۇرۇپپىغا ئا’ئىت ئۇچۇرلارنى (https://launchpad.net/~lp-l10n-ug) دىن كۆرۈڭ.

بۇنىڭدىن كەيىن، كەلگۇسى نەشرى بولغان سائۇكي13.10، ( 2013-يىلى 10-ئايدا ئەلان قىلىنىدۇ) ،(https://translations.launchpad.net/ubuntu/saucy/+lang/ug/+index?batch=300) نى تەرجىمە قىلىڭ.

بۇرۇنقى نەشىرلىرىدىكى تەرجىمىدىكى خاتالىقلارنى بايقىسىڭىز

رارىڭ(13.04) https://translations.launchpad.net/ubuntu/raring/+lang/ug/+index?batch=300
قۇئانتال(12.10) https://translations.launchpad.net/ubuntu/quantal/+lang/ug/+index?batch=100
پرەكىسە(https://translations.launchpad.net/ubuntu/precise/+lang/ug/+index?batch=300)
پرەكىسە (كېيىنكى نەشرى): https://translations.launchpad.net/ubuntu/precise/+lang/ug/+index?batch=300
ئونەئىرىك (ھازىرقى نەشرى): https://translations.launchpad.net/ubuntu/oneiric/+lang/ug/+index?batch=100
ناتتي (كونا نەشرى): https://translations.Launchpad.net/ubuntu/natty/+lang/ug
ماۋەرىكك (كونا نەشرى): https://translations.launchpad.net/ubuntu/maverick/+lang/ug

غا كىرىپ، ماس بوغچىنى تۇزەتسىڭىز بولىدۇ.

تەرجىمە ستاتىستىكىسى:
ئۇبۇنتۇ 12.10: http://people.canonical.com/~dpm/stats/ubuntu-12.10-translation-stats.html
ئۇبۇنتۇ 13.04: http://people.canonical.com/~dpm/stats/ubuntu-13.04-translation-stats.html

گۇرۇپپىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاۋۋال لائۇنچپاد قا تىزىملىتىشىڭىز شەرت.

تىزىملىتىش ۋە گۇرۇپپىغا قاتنىشىش ئۇسۇلى:

1. تىزىملىتىش

https://login.launchpad.net/

كىرىپ، ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى كىرگۈزۈپ، «نو، ئى ۋانت تو كرەئاتە ئان ئاككوئۇنت نوۋ » دېگەننى تاللاپ، ئاخىرىدا «كونتىنۇئە» دېگەن توپچىنى چەكسىڭىز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەت ساندۇقىڭىزغا بىر ئېلخەت بارىدۇ.

ئېلخەتتىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز توركۆرگۈ ئېچىلىپ سىزدىن، نامىڭىزنى(«دىسپلاي نامە: » )، ھەم ئىم(پارول) نى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. تەلەپنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن «كونتىنۇئە» باسسىڭىزلا لائۇنچپاد قا تىزىملىتىش تاماملىنىدۇ.

2. ئۇبۇنتۇ ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىش

تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن، قايتا https://launchpad.net/ قا كىرىسىز، بۇ چاغدا ئېكراننىڭ ئوڭ يۇقىرى تەرىپىدە سىزنىڭ ئىسمىڭىز كۆرۈنسە، سىزنىڭ نورمال كىرەلىگەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.

تەرجىمىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، سىز چوقۇم «ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا» قاتنىشىشىڭىز زۆرۈر. بۇ گۇرۇپپىغا قاتنىشىش ئۈچۈن،

https://launchpad.net/~ubuntu-l10n-ug

چەكسىڭىز سول تەرەپتە «جوئىن تھە تەئام» دېگەن يەر بار، شۇ يەرنى چېكىپلا، ئاستىدىكى «جوئىن» دېگەن توپچىنى باسسىڭىز بولىدۇ.
ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى سىزنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، سىز بۇ گۇرۇپپىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولالايسىز، ھەم ئۇيغۇرچە تەرجىمىگە قاتنىشالايسىز.

تەرجىمە پرىنسىپلىرى:

1. ئىملا چوقۇم توغرا بولۇش
2. ئاتالغۇ چوقۇم بىردەك بولۇش(بىر قىسىم ئاتالغۇلار تېخى ئېنىق ئەمەس). ھازىرچە تەرجىمىدە ئىشلىتىۋاتقان ئاتالغۇلارنى http://www.kenjisoft.com/atalghu/index.php دىن كۆرگىلى ۋە ئىزدىگىلى بولىدۇ. ھازىرچە توغرا بولسۇن خاتا بولسۇن بىر خىل ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش.
3. ئەگەر ئاتالغۇ ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇچۇرنى تەرجىمە قىلماي قۇرۇق قالدۇرۇش ياكى شۇ ئاتالغۇنى ئىنگلىزچە شۇ پېتى ئېلىپ تەرجىمىنى داۋاملاشتۇرۇش.
4. ئامال بار ئاددىي تىل بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىش(جۈملە سەل ئۇزىرىپ كەتسىمۇ)
ئۇبۇنتۇ قاتارلىق سىستېمىلارنى تەرجىمە قىلىشتا ئامال بار ئاتالغۇلارنى بىردەك قىلىشنى ئويلىشىپ، تەرجىمىدە ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇلارنى

http://www.kenjisoft.com/atalghu/

غە ئۇدۇللۇق خاتىرىلەپ ماڭدۇق. تەرجىمىدە پايدىلانساڭلار، ئامال بار مۇشۇ بويىچە ئالساڭلار بولىدۇ. كېيىن ئۆزگەرتىش توغرا كەلسىمۇ ئىزدەپ تېپىپ ئالماشتۇرۇشقا ئوڭاي بولىدۇ.

تەرجىمىنى باشلاشتىن بۇرۇن: چوقۇم بۇرۇنقى تەرجىمىلەرنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. تەرجىمە قىلىدىغان ھۆججەتنى چوقۇم كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈپ تېجىمە تاماملانغاندا ئاندىن ئۇنى يەنە يوللىسىڭىز بولىدۇ. ئامال بار گۇرۇپپىغا ئاۋۋال يوق، باشقىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇڭ.

تىلدا قىينالسىڭىز، «<ئەمائىل ئاددرەسس ھىددەن>» غا خەت يېزىڭ. مەسىلىلەرنى كۆپچىلىك بىرلىكتە ھەل قىلىمىز

تەرجىمە ۋە ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا قوشۇش قاتارلىقلار ھەققىدە: http://www.kenjisoft.com/ubuntulinux.pdf نى كۆرۈڭ(سەل كونىراق مەزمۇن شۇنداقتىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بار)

بۇنىڭدىن سىرت 2008-يىلى ئۇبۇنتۇ تەرجىمىسىنى باشلىغاندا كۆپچىلىك بىلەن بولغان مۇنازىرىلەر: http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=329 بار.

يۇقىرى ئېقىم(ئۇپسترەئام) ھەققىدە:
يۇقىرى ئېقىم(ئۇپسترەئام) -- بۇ Launchpad.net دىمۇ تەرجىمە قىلىش بولىدىغان گنومە، كدە، خفكە قاتارلىق دېتاللارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇلارنى Launchpad.net دا تەرجىمە قىلسا، ئۇلارنىڭ تەرجىمىسى يۇقىرى ئېقىمغا يوللانمايدۇ.
Launchpad.net دىكىلەر بۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى چوقۇم يۇقىرى ئېقىمغا يوللاپ بېرىشنى ياكى بولمىسا بۇلارنى Launchpad.net دا ئەمەس، يۇقىرى ئېقىمدا تەرجىمە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. «ئۇبۇنتۇ ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسى» مۇ بۇنى تەۋسىيە قىلىمىز.

بىر قىسىم يۇقىرى ئېقىملارنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئورۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

Gnome: http://l10n.gnome.org/teams/ug
XFCE: https://www.transifex.com/projects/p/xfce/language/ug/
Openoffice: https://translate.apache.org/projects/OOo_34/
LibreOffice: https://translations.documentfoundation.org/ug/
FireFox: http://mozilla.locamotion.org/ug/
KDE : http://l10n.kde.org/team-infos.php?teamcode=ug
LXDM: http://pootle.lxde.org/ug/
The Linux Mint: https://translations.launchpad.net/linuxmint/latest/+lang/ug

يۇقىرى ئېقىم ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى https://wiki.ubuntu.com/Translations/Upstream دىن كۆرۈشكە بولىدۇ.

قوشۇمچە:
يۇقىرىقى سىستېمىلارنى تەرجىمە قىلىش ۋە ئىشلىتىش جەھەتتە ئۇچرىغان مەسىلىلەر ئاساسەن ئېلخەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلخەتلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىلمىگەن يەرلەرنى ئېلخەت گۇرۇپپىسىغا خەت يېزىش ئارقىلىق بىلىشكە بولىدۇ. شۇڭا بۇلارغا مۇشتەرى بولۇش ئارقىلىق يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇشقا بولىدۇ. مۇشتەرى بولماي تۇرۇپمۇ ئوقۇش مۇمكىن. بىراق خەت ئەۋەتىش مۇمكىن ئەمەس. بىر قىسىم تىزىملىكلەر تۆۋەندىكىچە:
گنومە : http://mail.gnome.org/mailman/listinfo

 

ھازىر 5 پارچەباھا بار بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان :4 پارچە : بىلوگىر :1 پارچە

  1. ئاتۇش China Google Chrome Windows : 2013-يىلى09-ئاينىڭ22-كۈنى11:14:35  -49قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۇ ياخشى ئىشئىكەن. لىكىن ئۇبۇنتۇنى تەر جىمە قىلىپ بولغان غۇ قايتا تەر جىمە قىلماق چىمۇ

  2. ناچۇق China Google Chrome Ubuntu Linux : 2014-يىلى01-ئاينىڭ29-كۈنى12:10:00  -48قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، قۇتبەگ، مەن ئۇبۇنتۇ تەرجىمە گورۇپپىسىغا قاتناشماقچى ئىدىم. بىراق لانچ پەد گە تىىزملاتقاندا ، ئىلخەت ۋە ئىمنى كىرگۈزگەندىن كىيىن، مەن « نو، ئى ۋانت تو كرەئاتە ئان ئاككوئۇنت نوۋ»دىگەن خەتنى تاپالمىدىمغۇ؟ لانچ پەد دىگەن توربەتنى ئېچىپ قاراپ باقسىڭىز بوپتىكەن.


    • باشقۇرغۇچى
      قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2014-يىلى01-ئاينىڭ30-كۈنى22:12:31  ئاستىنقى قەۋەت1قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

      بۇلىدۇ سىز ۋېشىن دېتالى ئىشلەتسىڭز 240867971 بۇنى قۇشۇڭ.مەن بۇنىڭدا رەسىملىك قىلىپ يوللاپ برەي ياكى تۈۋەندىكى ئادىرىس ئارقىلىق تىزىملىتىڭ
      https://login.launchpad.net

  3. ناچۇق China Google Chrome Ubuntu Linux : 2014-يىلى02-ئاينىڭ01-كۈنى17:59:08  -47قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    قايتا- قايتا سىناش ئارقىلىق مەن تىزىملىتىشتا مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى. ھەم ئۇيغۇر تەرجىمە گورۇپپىسىغا تىزىملاتتىم. تەرجىمە بېتىدىن غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندىنىڭ ئىسمىنى ۋە باشقا بىر نەچچەيلەننىڭ ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ئىسمىنى كۆردۈم بولمىسا. تەستىقلانغان ياكى تەستىقلانمىغانلىقىنى قانداق بىلىمەن. دەسلەپتە ماڭا گورۇپپا بوخچىلارنى ئىۋەرتىپ بەرسە تەرجىمە قىلىپ بولۇپ يوللاپ بەرسەم دەپ ئويلىغان ئىدىم. (سىز دىگەن ئۈندىدار نۇمۇرىنى قوشۇۋالدىم. ياردەم قىلارسىز. )

  4. بەگمۇراد China Mozilla Firefox Windows : 2014-يىلى02-ئاينىڭ05-كۈنى19:08:38  -46قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ناچۇق قېرىندىشىمىزنىڭ ئۇيغۇرئىكىس تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا كىرگىنىدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم. تىخىمۇ كۆپ قېرىنداشلېرىمىزنىڭ بۇ توپقا قۇتۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يازمىغا قارىتا ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرىڭز بولسا بۇ يەرگە قالدۇرۇڭ.

باش سۈرىتىڭز يوقمۇ؟


This site is protected by WP-CopyRightPro