ئۇيغۇرچە | Uyghurche | Уйғурчә | Türkçe | 中文
ھازىرىقى ئورنىڭز :باش بەت > باشقىلار > يازما مەزمۇن بىتى
Ubuntu دا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بۇيرۇقلار (2)
2013-يىلى09-ئاينىڭ07-كۈنى باشقىلار ⁄ يازما جەمىئى1801خەت دىۋان بىكار

قاتتىق دېسكىنى رايونغا ئايرىش:

sudo fdisk /dev/sda

قاتتىق دېسكىنى فورماتلاش:

sudo mkfs.ext3 /dev/sda1

قاتتىق دېسكىنى تەكشۈرۈش(ئېسىپ قويۇلغان رايوننى تەكشۈرمەڭ، بولمىسا ئاسانلا سانلىق ئۇچۇرنى بۇزىۋىتىدۇ)

sudo fsck /dev/sda1

تارماق رايوننى ئېسىپ قويۇش
sudo mount -t ھۆججەت سېستىما تىپى (-o nls=utf8 ياكى -o iocharset=utf8) ئەسلىھە ئادرىسى زىيارەت ئادرىسى

تارماق رايوننى ئېسىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

sudo umount مۇندەرىجە ياكى ھۆججەت نامى

IDEقاتتىق دېسكا ئۇچۇرىنى كۆرۈش

sudo hdparm -i /dev/hda

STAT قاتتىق دېسكا ئۇچۇرىنى كۆرۈش

sudo hdparm -I /dev/sda ياكى sudo blktool /dev/sda id

قاتتىق دېسكىنىڭ قالدۇق بوشلۇقىنى كۆرۈش
df

مۇندەرىجە ئىگەللىگەن بوشلۇقنى كۆرۈش

du -hs مۇندەرىجە ئىسمى

بارماق دېسكىنى ئېسىپ قويغىلى بولمىغاندا

sync;fuser -km /media/usbdisk

قاتتىق دېسكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئوقۇش يېزىش ھالىتىنى كۆرۈش

sudo iostat -x 2

ئىچكى سېغىمنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشلىتىلىشىنى كۆرۈش

free

يۈرگۈزۈلمىلەرنىڭ ئىجرا ھالىتىنى ھەرىكەتچان كۆرسىتىش

top

نۆۋەتتە قايسى يۈرگۈزۈلمىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈش

ps -A

نۆۋەتتىكى يۈرگۈزۈلمە دەرىخىنى كۆرۈش

pstree

بىر يۈرگۈزۈلمىنى توختىتىش

kill ياكى killall

بىر يۈگۈزۈلمىنى مەجبۇرىي توختىتىش

kill -9 ياكى killall -9

رەسىم ھالىتىدە بىر پروگراممىنى توختىتىش

xkill

يۈرگۈزۈلمىدە ئېچىلغان ھۆججەتنى كۆرۈش

lsof -p

قوزغىتىش ھۆججىتى abc.txt نىڭ يۈرگۈزۈلمىسى

lsof abc.txt

22 ئېغىزىنىڭ نۆۋەتتە قايسى پروگراممىنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈش

lsof -i :22

nsd يۈرگۈزۈلمىنىڭ نۆۋەتتە ئاچقان ھۆججىتىنى كۆرسىتىش

lsof -c nsd

پروگراممىنى ئارقا سۇپىدا يۈرگۈزۈش، تىزىملىتىشتىن چېكىنگەندىن كېيىن پروگراممىنى ئاخىرلاشتۇرماسلىق

nohup پروگرامما &

پروگراممىنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ئۇچۇرىنى تەپسىلىي كۆرسىتىش

strace -f -F -o outfile

سېستىمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېچىلىدىغان ھۆججەت سانىنى كۆرسىتىش

ulimit -n 4096 ياكى echo 4096 > /proc/sys/fs/file-max

بىر قىسىم ئاتالغۇلار تەرجىمىسىنىڭ سېلىشتۇرمىسى:
进程    يۈرگۈزۈلمە
挂载    ئېسىلغان
开启文件    قوزغىتىش ھۆججىتى
端口    ئېغىز
后台    ئارقا سۇپا

 

 

ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بۇ يازما ئاپتۇرى بەختىيار   يەنى ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى  .ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بىلوگى تاقىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن  ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بىلوگىدىكى نادىر يازمىلار قايتىدىن بۇ بىلوگدا  ئېلان قىلىنىدۇ.

 

 

يازمىغا قارىتا ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرىڭز بولسا بۇ يەرگە قالدۇرۇڭ.

باش سۈرىتىڭز يوقمۇ؟


This site is protected by WP-CopyRightPro