Ubuntu 14.04 LTS بىلەن iOS7 نى تۇنۇتۇش
ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمسى لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىلىرىنڭ ئىچىدكى ئەڭ ئالقىشلانغان ئىشلەتكۈچىلىرى بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغان مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىن ئىبارەت.libimobiledevice ئامبىرى يېڭلانمىغىلى خىلى كۆپ ۋاقىت بولغان ئىدى .ئىلگىرى ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسغا iOS7 نى تۇنۇتۇش بىر مەسلە بولۇپ قالغان بۇلۇپ يېقىندا libimobiledevice ئامبىرى يېڭلاندى شۇنىڭ بىلەن بىلەن تەڭ iOS7 سىستېمىسىنى ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىغا تۇنۇتۇش مەسلىسىمۇ شۇنىڭ بىلەن ھەل بولدى.تۈۋەندە تەپسىلى تۇنۇتۇش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۈتمەن.
1-قەدەمدە تېرىىمىنالنى ئېچىپ تۈۋەندىكى بۇيرۇقىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق مەنبە كودىنى قۇشۇۋالمىز.
sudo apt-add-repository ppa:timo-jyrinki/libimobiledevice
2- قەدەمدە تۈۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق سىستېمىنى يېڭلاش ئىلىپ بارىمىز.
sudo apt-get update
3- قەدەمدە سىستېمىغا رىتا يڭلاش ئىلىپ بىرىپ يېڭلانغان يېڭلانمىلارنى قاچىلايمىز.
sudo apt-get upgrade
ئەگەر بۇ جەرىياندا “lock down error” دېگەندەك خاتلىق ئۇچۇرى چىقسا تۈۋەندىكى بۇيرۇقلارنى بىر قېتىم يۈرگۈزۈش ئارقىلىق بۇ خاتالىقلارنى ھەل قىلىمىز.
sudo mkdir /var/lib/lockdown
sudo chmod 777 /va7Lib/lockdowno
ئەگەر سىز قاچىلىغان بۇ libimobiledevice ئامبىرى ئىلىگىرىكى نەشىرى بۇلۇپ يېڭلاڭ دەپ ئەسكەرتىش ئۇچۇرى چىقىۋالسا تۈۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق يېڭلاپ ئەڭ يېڭى ئامبىرىنى قاچىلىۋالسىڭز بۇلىدۇ.
sudo apt-get install ppa-purge
sudo ppa-purge ppa:timo-jyrinki/libimobiledevice
ئەگەر يۇقارقى مەشغۇلاتلارنى تاماملاپ تىلفۇنىڭز ياكى تاختا كومپىيوتىرىڭزنى كومپىيوتىرغا ئۇلىغاندىن كېيىن يەنىلا ئىنكاس بولمىسا سىستېمىنى بىر قېتىم قايتا قوزغىتىپ سىناپ كۈرۈڭ.
مەسلە بايقىسىڭز ئىنكاس قالدۇرۇڭ.
Ubuntu 14.04 LTS مۇ ئىگە تەرەپنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن نەشىرى بۇلامدۇ؟ 12.04LTS قا ئوخشاش؟
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
باشقا نەشىرلىرىمۇ شۇنداق …لىكىن بۇ نەشىرى ئورگان تەرەپتىن بەش يىللىق قوللاشقا ئىرشىدۇ… باشقا نەشىرلىرى بولسا بىر يىلدىن قوللاشقا ئىرىشكەن..
دىمەكچى بولغىنىم شۇ بەش يىللىق قوللاشقا ئېرىشكىنىمۇ دىمەكچىتىم. بۇمۇ بەش يىللىق قوللاشقا ئېرىشسە مۇشۇنىلا قاچىلىۋالاي. 12.04 بەزى يەرلىرى ئىشلىمەي خاپا قىلىۋاتىدۇ…
ئۇيغۇر ئىكىس بىلوگى تاقالدىمۇ
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ياق…