ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك ... ئالدى بىلەن مىنىى يېقىندىن قوللاپ بىلوگىمىنى زىيارەت قىلىپ تۇرغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت .ئۆتۈپ كەتكەن بىر قانچە ھەپتىلەردە ئازراق شەخسى ئىشلار سەۋەبلىك تورغا دائىم چىقالمىدىم .ئەيىپكە بۇيرىمغايسلەر بۇندىن كېيىن ۋاقتىم بولسىلا يەنە داۋاملىق تور يۈزىدە پىكىرلىشىپ تۇرمىز.ئەمما بۇرۇنقىدە دائىم بىلوگىم يېڭلىنىپ ماڭالماسلىقى مومكىن .بۇ سەۋەپتىن سىلەرگە ئاۋارچىلىق ئىلىپ كەلسەم كەمىنە قۇتبەگنى ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر....
بىلوگىمغا تەكلىپلىك يازغۇچى ئەسەرلىرىنى قۇبۇل قىلىنىدۇ.قىزىقۇچىلار لىنۇكىس سىستېمىسى ،ئۇبۇنتۇ ۋە ئۇيغۇر ئىكىسكە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىنكاس شەكىلىدە يوللاپ قويسا مەن تېما شەكىلىدە يوللاپ بىلوگ مەزمۇنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇپ ماڭمىز.شۇڭا ئەسەر يولىماقچى بولغان دوستلارنىڭ ئىنكاس شەكىلىدە يوللىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىلوگقا قارىتا ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرىڭلار بولسا ئىنكاس شەكىلىدە قالدۇرۇپ قۇيۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جىددى ئەسكەرتىش…
ئۇيغۇرئىكىس (ئۇبۇنتۇ) سېستىمىسى ھەققىدە
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇن مۇشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلىمى جەمىيىتى ۋە بىلىك تورىنىڭ باشلامچىلىقىدا بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك مىللەت سۈيەر كىشىلىرىمىزنىڭ باشلامچىلىقىدا ئوبۇنتۇ سىستېىمسىنى تەرجىمە قىلىش ۋە ئاخىرىدا شۇ ئوبۇنتۇ سىستېىمىسى ئاساسىدا ساپ ئۇيغۇرچە بولغان ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ئىشلىتىشگە تېخىمۇ ماسلاشقان ،ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى سىستېمىنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن تۇنجى قەدەم تاشلانغان ئىدى.ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ سىستېمىنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان ۋە ھەرقايسى جەھەتلەردىن قوللاپ قۇۋەتلىگەن مىللەت سۈيەر ئەزىمەتلەرگە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلىقى نامىدىن چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.مانا بۈگۈنگە كىلىپ بۇ ئىش ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى .يەنى بۈگۈن ئوبۇنتۇ سىستېىمى ئاساسىدىكى ساپ ئۇيغۇرچە بولغان ئۇيغۇر ئىكىس (Uyghurix) نامىدىكى كومپىيوتىر مەشغۇلات سىستېىمسىنىڭ تۇنجى سىناق نۇسخىسى تارقىتىلىدى.
بۇ قېتىم تارقىتىلىغان نۇسخا سىناق نۇسخا بۇلۇپ بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى :
بۇ قېتىم تارقىتىلغىنى سىناق نۇسخا بۇلۇپ بۇ سىستېىمنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپلا ئىشلىتەلەيسىز .قاچىلاش جەريانى پۈتۈنلەي ئۇيغۇچە ،قاچىلانغاندىن كيېنكى سىستېىما تىلى ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە .سىستېمىنى تور سىز مۇھىتىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ.سىستېما قاچىلانغاندىن كېيىن زۈرۈز بولغان قاچىلاشقا تىگىشلىك ياماقىلا سىستېمىغا قىتىۋىتىلىگەن.سىز قوش سىستېما ياكى قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش ئارقىلىق ۋە ياكى بارماق دىسكىغا ئۇيۇپ خۇددى ئوبۇنتۇ سىستېمىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەندەك قاچىلاپلا ئىشلىتەلەيسز.
بۇ قېتىم تارقىتىلىغان نۇسخىسى سىناق نۇسخا بۇلۇپ كەمچىلىكلەردىن خالى بۇلماسلىقى تەبىئى ،شۇڭا تورداشلارنىڭ سىناش جەرىياندىكى ئۇيغۇرئىكىس كومپىيوتىر مەشغۇلات سىستېىمىغا بولغان ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرى بولسا ئايماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.تەكلىپ پىكىرىڭز بولسا ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلىمى جەمىيتى تورى ،بىلىك تورى ،قۇتبەگ بىلوگى،ئۇيغۇر ئوبۇنتۇ بىلوگى قاتارلىق ئۇرۇنلاردا ئىنكاس شەكىلىدە بىۋاستە ئىنكاس قىلسىڭز بۇلىدۇ.» (ئۇيغۇرئىكىس ئىجاتكارلىرى تىلىدىن ئېلىندى .)
ئۇيغۇرئىكىس سېستىىمىسىنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش تەپسىلاتى
بىرىنچى قەدەم :
ئۇيغۇرئىكىسنىڭ قاچىلاش دىسكىسى تەييارلىنىدۇ ، توردىن چۈشۈرۈلگەن iso شەكىلدىكى ھۆججەت (ھەقسىز) نى ياندىسكا ياكى نۇردىسكىغا مەخسۇس ئويۇش دىتالى ئارقىلىق ئۇيۇۋالىمىز .
ئىككىنىجى قەدەم :
كومپىيۇتېرنى تەييارلانغان قاچىلاش دىسكىسىدىن قوزغىتىمىز .
تۆۋەندىكى كۆزنەك ئېچىلىدۇ
يۇقۇردىكى كۆزنەككە تەگمىسەك ، ئۇيغۇرئىكىس سېستىمىسى قاچىلاش دىسكىسىدىن قوزغىلىدۇ (قاچىلانمايدۇ) .
سېستىمىنى كۈرۈپ بېقىپ ، قاچىلاپ ئىشلىتىشنى مۇقەررەرلەشتۈرسىڭىز ، كومپىيۇتېرنى قايتىدىن قوزغىتىپ ، كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ . يەنى Tab
كونۇپكىسى ئارقىلىق 1 – ياكى 2 – نى تاللىغىلى بولىدۇ .
قاچىلاشنى تاللىغاندا كومپىيۇتىرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قاچىلاش جەريانىنىڭ سۈرئىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ .
يۇقۇرقى كۆزنەكتىن ئۈزىڭىزگە تۇنۇش بولغان خالىغان تىلنى تاللىسىاق بولىدۇ . (سېستىما ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلىپ قاچىلىندۇ .)
داۋاملاشتۇرۇشنى باسىمىز .
ئەسكەرتىش –
ئەگەر كومپىيۇتىرىڭىزغا سىنكۆز(شېشاڭتۇ) ئۇلانغان بولسا ، بۇ يەردە خەڭسۇچىنى تاللاپ تۇرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
يۇقۇرقى كۆزنەككە تەگمەستىن ، داۋاملاشتۇرۇشنى بېسىڭ .
(قالغان ئىشلارنى سېستىمىنى قاچىلاپ بولغاندا تەڭشىۋالىمىز .)
ئەگەر كومپىيۇتىرىڭىزدا باشقا ھىچقانداق سېستىما بولمىسا ، ئۇستىدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ .داۋاملاشتۇرۇشنى باسسىڭىز تۈۋەندىكى كۆزنەك چىقىدۇ ،
قاتتىق دىسكىڭىزنىڭ ھەممىنى ئىشلىتىدۇ . يەنى سىزنىڭ شەخسى ھۆججەت قۇيىدىغان ئورۇنلارنى ئاپتۇماتىك بەلگۈلەيدۇ .
باشقىچە قىلىپ قاچىلاشنى تاللاپ ، رايۇنغا بۆلۈپ قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
رايۇنغا بولگەندە ئاز دىگەندە ئۈچ رايۇن بۇلىشى كېرەك ،
ھۆججەت سېستىمىسى رايۇنىنى 10 GB يۇقىرى قىلىپ ، Ext3 شەكلىدە پورماتلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ . تەۋەلىكىنى / ئاستىغا بەلگۈلەڭ . بۇ سېستىما قاچىلىنىدىغان رايۇننى كۆرسىتىپ بەرگىنىمىزنى بىلدۈرىدۇ .
يەنە بىر رايۈننى 2GB دىن يۇقىرى قىلىپ ، swap شەكلىدە فورماتلايمىز
شەخسى ماتىريال ساقلايدىغان ئورۇن home ئاستىدا بولىدۇ ،
يۇقارقىدەك تاللاپ ، داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ .
بۇ يەردىن ۋاقىت رايۇنىنى تاللاپ بىرىمىز .
قاچىلىنىپ تاماملانغاندا ، كومپىيۇتىرنى قايتا قوزغىتىپ ئىشلىتىش ئەسكەرتمىسى ئېچىلىدۇ .
كومپىيۇتىرىمىزدىكى قاچىلاش دىسكىسىنى چىقىرىۋېتىپ قايتا قوزغاتساق سېستىما ئېچىلىدۇ .
ئەمدى بىز كومپىيۇتىرىمىزغا تور مۇھىتى ھازىرلاپ بىرىشمىز كېرەك .
ئەگەر سىملىق تور ئىشلىتىۋاتقان بولساق ، ئۈستى تەرەپتىكى تور سىنبەلگۈسىنى تاق چىكىپ ، ‘ باغلىنىشلارنى تەھرىرلە ‘ نى ئاچىمىز .
يۇقۇردىكى كۆزنەكتىن DSL نى تاللايمىز ،
ئاندىن ‘قوش’ نى باسىمىز .
مۇشۇلارنى تولدۇرۇپ ساقلىسىڭىز ، ئۈسكۈنىلىرىڭىز توغرا چېتىلغان بولسىلا تورغا ئۇلىنىدۇ .
ئۇندىن باشقا ، كۆكچىش ، WIFI , USB لار ئارقلىق يانفۇنىڭىز ۋە ئەتراپتىكى ئۇچۇق تورلارغا ئۇلاپ تورغا چىققىلى بولىدۇ .
مەشغۇلاتى ئىنتايىن ئاسان .
تورغا ئۇلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، ناخشا ئاڭلىغاچ ئولتۇرۇپ باشقا كەملىكلەرنى تۇلۇقلايمىز . كومپىيۇتىرىڭىزدا بىر MP3 ھۆججەتنى قوش چەكسىڭىز ، دەرھال قۇيۇلمايدۇ ، قىستۇرما قاچىلاش كۆزنىگى ئېچىلىدۇ . سۈكۈت ھالىتىدە داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ .
ئىم سورايدۇ . ئۇيغۇرئىكىس سېستىمىسىنىڭ ئەسلىدىكى ئىمى uyghurix نى كىرگۈزىمىز .
قىسقا ۋاقىتتا بۇ مەشغۇلات تامام بولۇپ ، مۇڭلۇق ناخشىڭىز قۇيۇلىدۇ .
بۇ سېستىمىنىڭ يېڭىلىنىشى ئىنتايىن تىز بولغاچقا ، پىرۇگىراممىلارنىڭ يېڭى نەشىرلىرىنى يېڭىلاپ ئىشلىتەلەيمىز .
ئالدى بىلەن تىلنى ۋە يېزىقىنى كۈرۈپ باقايلى .
ئۈستى تەرەپتىكى چىشلىق چاق سىنبەلگىنى ئېچىپ ، سېستىما تەڭشىگىگە كىرىمىز .
بۇ يەردىن ‘تىل قوللىنىشى ‘ نى بىر چىكىمىز .
ئۈستىدىكى كۆزنەك بىزنىڭ قايسى تىللارنى ئىشلىتىشىمىزنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ . ئۈزىڭىز ئىشلىتىدىغان تىللارنى مۇھىملىق ئىناۋىتى بويىچە تىزىپ قويسىڭىز ، سېستىما سىزگە شۇ بويىچە مۇلازىمەت قىلىدۇ . يەنى ، پىرۇگراممىلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولسا ئۇيغۇرچە كۆرسىتىدۇ ، بولمىسا خەنسۇچە كۆرسىتىدۇ ، خەنسۇچىسىمۇ بولمىسا ئىنگىلىسچە كۆرسىتىدۇ .( يۇقۇرقى تەڭشەك بويىچە بولغاندا )
باشقا تىللارنى قوشماقچى بولسىڭىز ‘ تىل قۇشۇش ۋە چىقىرىۋېتىش ‘ نى ئاچىمىز .
يېڭىدىن قوشقان تىللارنىڭ تىل ھۆججىتىنى توردىن ئاپتۇماتىك قاچىلايدۇ .
بۇ ئىشنى تاماملىغاندىن كېيىن ، يېڭىلاشلارنى ئېپ بارىمىز .
چىشلىق چاقنى بېسىپ ‘ يۇمشاق دىتاللارنى يېڭىلا ‘ نى ئاچىمىز .
يېڭىلانمىلارنى ئاپتۇماتىك تەكشۈرىدۇ . تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ، ‘ يېڭىلانمىنى ئورنات ‘ نى باسىمىز .
بۇ باسقۇچ تور مۇھىتىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن ، تاماملىنىش ۋاختىمۇ ئوخشىمايدۇ . تۈنجى قېتىم يېڭىلىۋاتقان بولغاچقا ، توردىن چۈشىدىغان ئېقىم مىقدارىمۇ 600 MB كۆپرەك بولىدۇ .
يېڭىلاش باسقۇچى تاماملانغاندىن كېيىن كومپىيۇتىرنى قايتا قوزغىتىمىز .
ۋە تېخىمۇ نەپىس ئۇيغۇرچە خەتلەر بىلەن تور دۇنياسىنى زىيارەت قىلىمىز .
../غا كىرىپ قالغان تەپسىلاتلارنى بىلەلەيسىز .
بۇ يەردىكى رەسىملەرنى qq دىن ئۇلىنىش قىلدىم ، كېيىن كۈرۈنمەي قېلىشى مۇمكىنمۇ ، توغرىسى رەسىملەرنى قايسى بوشلۇققا يوللاپ ، ئۇلىنىش قىلىپ ئەكەلسەم مۇۋاپىق بولىدۇ ؟
ئۇبۇنتۇنى سىملىق كەڭبەلۋاغ تورىغا ئۇلىغاندىن كىيىن wifiسىگىنالى تارقىتىش دىتالى ياكى ئۇسۇلىنى تەۋسيە قىلساڭلار.
باشقۇرغۇچى قۇتبەگ
ئەگە كومپىيوتىرىڭز خاتىرە كومپىيوتىر بولسا بىۋاستە تور تارقىتىپ ئىشلەتسىڭز بۇلىدۇ. ئۈستەل كومپىيوتىر بولسا تور تارقىتىش ئۈسكىنىسى چىتىشقا توغرا كىلىدۇ.تور ئۇلىنىش ئورنىدا تور ئۇلىنىش قۇرۇش ئورنى بار….
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بۇنىڭدا ئالدى بىلەن كومنىڭ ئىككى كارتىسى بۇلشى كېرەك بىرى سىملىق ,يەنە بىرى سىمسىز ئەگەر سىمسىز تور كارتىسى سەپلەنىمگەن بولسا سىمسىز تور ئاچىلىغۇچ ئشىلەتىشكە تۇغرا كىلىدۇ. بۇ ئۈسكىنىنى ئۇبۇنتۇدا تەڭشەش ۋىندوستىن تۇلا پەرقلەنمەيدۇ.