بۇيرۇق ئارقىلىق باشقا كومپىيوتىرغا ئۇلاش
ئادەتتە ئىشخانىدىكى كومپىيوتىر بىلەن ئائىلىدىكى كومپىيوتىرنى ئۇلاپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ۋىندوستا بەزى دېتاللارنى قاچىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بۇلىدۇ.لىكىن لىنۇكىس سىستېمىلىق كومپىيوتىرلارداچۇ ؟ئۇبۇنتۇ سىستېىسى قاچىلانغان كومپىيوتىرلادىچۇ؟
ئادەتتە ئۇبۇنتۇ سىستېمىسى قاچىلانغان ئىككى كومپىيوتىرنى تورغا ئۇلانغانلا بولسا بىر قانچە بۇيرۇق ئارقىلىق ئۇلاپ ئۆزئارا ھۆججەت يوللاش ياكى قۇبۇل قىلىشقا بۇلىدۇ.
قەدەم باشقۇچى تۈۋەندىكىدەك:
1- قەدەم ssh قاچىلاش
sudo apt-get install ssh
2- قەدەم ssh نى ئىشلىتىپ ئۇبۇنتۇ سىستېملىق كومپىيوتىرلارنى ئۇلاش
ssh username@ip
بۇ يەردىكى username نام بولسا ئۇلانماقچى بولغان كومپىيوتىر نامى ،ip بولسا ئۇلانماقچى بولغان كومپىيوتىر ip سىدىن ئىبارەت.
كومپىيوتىرمىغا ئۇلانغان كومپىيوتىردىكى نەرسىلەرنى يوللاش ئۈچۈن:
scp file username@ip:/home/username/Downloads
scp -r directory username@ip:/home/username/Downloads
چۈشۈرۈش ئۈچۈن
scp username@ip:/home/username/Downloads/file ~/Downloads
scp -r username@ip:/home/username/Downloads/directory ~/Downloads