ھازىرىقى ئورنىڭز : باش بەتسېستىملار>مەزمۇنى
ئوبۇنتۇ ۋە لىنوكىس ھەققىدە چۈشەنچە
2012-يىل03-ئاي17-كۈن سېستىملار پارچە باھا 6

ﺋﯘﺑﯘﻧﺘﯘ ﻟﯩﻨﯘﻛﺲ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ GNU/Linux ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﺯﯗﻟﯘ ﺗﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﯞﺳﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ‹ubuntu› ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‹ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻠﯩﻚ›، ‹ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ ﺩﻩﻝ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯘﻡ›. ﺋﯘ  ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ”ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ“ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ  ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.  Ubuntuﺑﻮﻟﺴﺎ Debian ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﯞﻩ GNOME ﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، Debian ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘ ﮬﻪﺭ 6 ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯗ.  ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ 18 ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. LST ئۈچ يىللىق تېخنىكا قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: Ubuntu 8.04 LTS  ﺋﯜﭺ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯧﺘﯩﺮ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. Ubuntu ﻧﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺑﻮﻧﺘﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ، ﮬﻪﻡ ﺋﻪﯓ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺶ. Ubuntu ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻼ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﯦﺘﺎﻝ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. KUbuntu ﯞﻩ XUbuntu ﺑﻮﻟﺴﺎ Ubuntu ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﮬﺎﻟﺪﺍ KDE ﯞﻩ Xfce ﻧﻰ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ KDE ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰKUbuntu ﻧﻰ ،ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ Xfce ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ XUbuntuﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ GNOME ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. EdUbuntuﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﻗﯘ-ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﺎﺵ-ﺋﯚﺳﻤﯜﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ.ﺋﯘﺑﯘﻧﺘﯘ ﻟﯩﻨﯘﻛﺲ ﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯗ.  ﺋﯘﺑﯘﻧﺘﯘ ﻟﯩﻨﯘﻛﺲ ﻏﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ Unicode ﺧﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻤﺎﻻﻝ ﻗﺎﭼﯩﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

Linux دېگەن زادى نېمە؟ (What is Linux)
ئۇزۇن زامانلار ئىگىرى، (70-يىللىرى ) Windows تېخى مەيدانغا كەلمىگەن ئىدى. UNIX بولسا ئىشلىتىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى ئىدى. ئەپسۇسكى بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ باھاسى يېقىندا پەيدا بولغان Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدىنمۇ خىلى يۇقىرى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ئاقكۆڭۈل كىشى (مەن ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ قانداق يىزىلىشىنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن، شۇڭا ئاقكۆڭۈل بىر كىشى دەپ تۇراي، ھەرھالدا ئىسمىنى خاتا يىزىپ قويغاندىن كۆپ ياخشىدۇ) ھەقسىز مەشغۇلات سىستېىمىسىدنن بىرنى تۈزۈپ چىقماقچى بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقت سەرپ قىلىپ بىر مەشغۇلات سىستېمىسىدىن بىرنى تۈزۈپ چىققان. ھالبۇكى بۇ سىستېما ناھايىتى چوڭ، چوڭ بولغاندىمۇ چوڭلۇقنىڭ چىكىگە يەتكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە مەشغۇلات سىستېمىسى، يۇمشاق دېتال، ھەر خىل ھۆججەت، ھەر خىل مىدىيانىڭ ماتېرياللىرى ۋە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەر بار ئىدى. مۇشۇ ھەممە نەرسىلەر پەقەت بىرلا كىلىشىمنى ئورتاق ئىشلىتىلگەن ئىدى. بۇ دەل بىز دائىم تىلغا ئالىدىغان GPL كىلىشىمى ياكى LGPL كىلىشىمى ئىدى. بۇ كىشى بۇ سىستېمىسىغا ناھايىتى ھەيۋەت بىر ئىسىمدىن بىرنى قويماقچى بولۇپ، GNU-GUN is Not Unix دەپ قويۇپتۇ. يەنى« GNU-GUN بولسا Unix ئەمەس.» دېگەن مەنىدە.
LGPL كىلىشىمنى ئاددى قىلىپ چۈشەندۈرگەندە بارلىق ئەسلى كودى ئاشكارىلانغان، ھەرقانداق ئادەم ھەقسىز ئىرىشىدىغان، شۇنداقلا كود قوشۇشقا ۋە ئۆچۈرۈۋىتىشكە، ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، ھەتتا پۇلغا ساتسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۆزگەرتكەن يۇمشاق دېتال ۋە كود قوشۇپ ياسىاپ ساتماقچى بولغان يۇمشاق دېتال چوقۇم GPL كىلىشىمى ئىشلىتىشى كېرەك دېگەندىن ئىبارەت.
Linux بولسا دەل مۇشۇ GNU سىستېمىسى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى تۈزۈلگەن بىر مەشغۇلات سىستېمىسىدۇر. لىكىن Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ پەقەت بىرلا يادروسى بار. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى يادروسىنى فىللاندىيىلىك Linus ئىسىملىك بىر كىشى ياساپ چىققان. ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان Linux مەشغۇلات سىستېمىسى دەل Linux يادروسىغا GNU سىستېمىسىدىكى نورغۇنلىغان ئىسىل قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسالغان.
ئامرىكا Redhat شىركىتى Redhat Linux نى ياساپ تارقاتقان، فرانسىيە Mandrake شىركىتى Mandrake Linux ياساپ تارقاتقان، گىرمانىيە SUSE شىركىتى SUSE Linux ياساپ تارقاتقان.
Linuxمەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاش Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاشقا ئاساسىي جەھەتتىنئوخشىشىپ كىتىدۇ.
سىزنىڭ دىققەت قىلىدىغان بىر ئىشىڭىز، ئالدى بىلەن ئالماشتۇرۇش رايونىدىن بىرنى ياسىۋىلىش. بۇنى ئادەتتە SWAPدەپ ئاتايمىز. بۇ Windows دا دىيىلىۋاتقان سۈنئىي ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن باراۋەر.
ئادەتتە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن Linuxمەشغۇلات سىستېمىسىدىن باشقا Linuxمەشغۇلات سىستېمىسى توردىن قاچىلاش تېخنىكىسىنى قوللايدۇ، بىۋاستە توردىن قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن Linuxمەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلىماقچى بولسىڭىز، پەقەتلا تەخسە ئارقىلىق قاچىلىيالايسىز.
ئالدى بىلەن تەخسىنى سالىسىز، تەخسىيەياتقۇنى بىرىنچى قوزغىلىش دېتالى قىلىپ تاللايسىز، تەخسىدىن قوزغىلىپ قىزىل بايراق Linux نىڭ رەسىمى كۆرۈنىدۇ. ئاندىن قاچىلاشنى تاللايسىز. (سىز خەنزۇچىنى ئازراقلا بىلسىڭىز چوقۇم قىيلانمايسىز.)
ئاندىن بىر يەردە كونۇپكا تاختىسى شەكلىنى تاللاڭ دەيدۇ، سىز pc104 شەكلىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.ئاندىن سىستېمىنىڭ قاچىلاش تىپىنى سورايدۇ، مېھمان (Custom) شەكلىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، (ياكى باشقا شەكىلنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. )
باشقا جايلىرىنى چوقۇم ياخشى قىلالايسىز.
تۆۋەندە مەن سىزگە Linux ھالىتىدىكى قاتتىق دىسكا رايونىنىڭ ئىپادىلىنىشىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
ئادەتتە C رايونغا ماس كىلىدىغىنى يەنى س رايوننى كۆرسىتىدىغىنى /dev/hda1
D رايونغا ماس كىلىدىغىنى، يەنى د رايوننى كۆرسىتىدىغىنى dev/hda5
E رايونغا ماس كىلىدىغىنى يەنى ئى رايوننى كۆرسىتىدىغىنى /dev/hda6
F رايونغا ماس كىلىدىغىنى يەنى ف رايوننى كۆرسىتىدىغىنى dev/hda7
بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ خۇددى Windows قا ئوخشاش دىسكا رايوننى فورماتلاش باسقۇچىغا كىرىدۇ. سىز سىستېما قاچىلىماقچى بولغان رايونىنى يۇيىۋىتىسىز، ئاندىن ئۇنىڭغا SWAP تىپىدا يېڭى رايون قۇرىسىز، (چوڭلۇقىنى ئىككىنىڭ ھەسسىلىك سانى بويىچە تەڭشەڭ، ئەگەر ئىچكى ساقلىغۇچىڭىز 128 مىگابايىت بولسا بۇ رايوننىڭ چوڭلۇقىنى بۇنىڭ ئۈچ-تۆت ھەسسىسى قىلىپ تەڭشەڭ، ئەگەر ئىچكى ساقلىغۇچىڭىز 512مىگابايىت بولسا بۇ رايوننى بۇنىڭ بىر ھەسسىچىلىك قىلىپ تەڭشىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ ئىككىنىڭ ھەسسىلىك سانى بويىچە تەڭشەڭ) دەپ كۆرسىتىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. ئاشقان قىسمىدا يەنە بىر رايون قۇرۇپ تىپىنى ext3 خىل قىلىپ تاللايسىز، ئاندىن ئۇنىڭ mount point تىپى تاللاش تۈرى چىقىدۇ، سىز ئۇنى “/”قىلىپ تەڭشىسىڭىزلا ئاشقان قىسمىنىڭ ھەممىسىنى بىر رايون قىلىپ بىرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن قاچىلاش باشلىنىپ كىتىدۇ.

 

 

 

ھازىر 6 پارچە باھا يېزىلدى بۇنىڭ ئىچىدە : مېھمان :4 پارچە، بىلوگىر :2 پارچە

  1. ۋوردپرەس ئەپەندى Reserved Unknow Browser Unknow Os : 2012-تىل03-ئاي17-كۈن18:10:42  -49قەۋەت قايتۇرۇش

    ياخشىمۇسىز، بۇ بىر ئىنكاس.
    ئىنكاسنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئاۋۋال تىزىملىتىپ كىرىپ، يازمىنىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆرۈڭ. ئۇ يەردە ئۇلارنى تەھرىرلەيدىغان ياكى ئۆچۈرىدىغان تاللاشلارنى ئۇچرىتىسىز

  2. گېنېرال China Internet Explorer Windows : 2012-تىل03-ئاي25-كۈن20:48:34  -48قەۋەت قايتۇرۇش

    گېنېرال بىلوگىنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويارسىز.
    http://generall.blogbus.com

    • قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2012-تىل03-ئاي26-كۈن18:55:06 قايتۇرۇش

      بۇلىدۇ قۇشۇپ قۇياي سىزمۇ قۇشۇپ قويدىڭزمۇ؟

  3. گېنېرال China SouGou Browser Windows : 2012-تىل03-ئاي27-كۈن12:20:51  -47قەۋەت قايتۇرۇش

    مەن تېخى قوشمىدىم،خۇدا بۇيرىسا ئەمدى قوشىمەن.ئۆز ئارا ياردەمدە بولارمىز.

  4. گېنېرال China Internet Explorer Windows : 2012-تىل04-ئاي02-كۈن16:25:09  -46قەۋەت قايتۇرۇش

    مەن سىزنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويغىلى خېلى بولدى،مېنىمۇ قوشۇپ قويارسىز.

    • قۇتبەگ China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2012-تىل04-ئاي02-كۈن18:52:38 قايتۇرۇش

      ئەلۋەتتە قۇشۇپ قۇيمەن ،مەن ئۇلىنىشقا قوشقىنىڭزنى بىلمەپتىمەن بولمسا ئاللاقاچان قۇشۇپ قويغان بۇلاتتىم

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭز يوقمۇ؟


This site is protected by WP-CopyRightPro