ئۇيغۇرچە | Uyghurche | Уйғурчә | Türkçe | 中文
ھازىرىقى ئورنىڭز :باش بەت > دېتاللار > يازما مەزمۇن بىتى
GIMP 2.8.6 ئېلان قىلىندى
2013-يىلى06-ئاينىڭ28-كۈنى دېتاللار ⁄ يازما جەمىئى949خەت پارچە باھا 1

GIMP 2.8.6 ئېلان قىلىندى

GIMP بولسا لىنۇكىس سىستېمىلاردىكى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش دېتالى بۇلۇپ بۇ دېتالنىڭ ئىشلىتىلىشى فوتوشوپ دېتالى بىلەن تەڭ دەرىجىدە ئىقىتدار جەھەتتىن فوتوشوپ دېتالدىن ئېشىپ كەتسە كىتىدۇكى ھەرگىز ئۇنىڭدىن قىلىشمايدۇ. ئىشلىتىۋاتقانلار ئۈچۈن قاچىلاش بۇ يېڭى نۇسخىسى قاچىلاش ئۇسۇلى :

ctrl+alt+t بىرلا ۋاقىتتا باسسىڭىز تېرمىنال ئىچىلىدۇ.ئېچىلغان تىرمىنالغا تۆۋەندىكى ھەر بىر قۇردىكى بۇيرۇقنى ئايرىم ئايرىم كىرگۈزىسىز.بىرىنچى قۇر بۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى چەكسىڭىز مەخپى نومۇرىنى سورايدۇ.مەخپى نومۇرىنى كىرگۈزۈپ يەنە ئىنتىرنى چەكسىڭىز PPA مەنبەسىنى قېتىپ بېرىدۇ بۇ جەرياندا مەخپى نۇمۇرنى توغرا كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى چېكىڭ بۇ يەردە كىرگۈزگەن مەخپى نومۇر كۆرۈنمەيدۇ.بەزىلەر مەخپى نومۇرى كۆرۈنمىسە قايتا قايتا كىرگۈزۈپ قىلالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.مەخپى نومۇرى كۆرۈنمەيدۇ .شۇڭا توغرا كىرگۈزۈپ ئىنتىرنى چېكىڭ.
تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق دېتال مەنبەسىنى قاتىمىز.

(ئەسكەرتىش : بۇيرۇقلارنى تېرىمىنالغا كىرگۈزگەندە كىچىك ھەرپ شەكلىدە كىرگۈزۈڭ ئاندىن ئىنتنىرنى بېسىپ ئىجرا قىلىڭ.)

sudo add-apt-repository ppa:otto-kesselgulasch/gimp

sudo apt-get update

sudo apt-get install gimp

ھازىر 1 پارچەباھا بار بۇنىڭ ئىچىدە مېھمان :1 پارچە : بىلوگىر :0 پارچە

  1. بەگمۇراد China Mozilla Firefox Ubuntu Linux : 2013-يىلى07-ئاينىڭ06-كۈنى08:57:09  -49قەۋەت @قايتۇرۇش قايتۇرۇش

    ئادەمنى خۇشال قىلىدىغىنى يىڭى نەشىرىدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان جايلار كونىسغا قارىغاندا كۆپكەن. ئۇندىن باشقا مەن shutter نى ئىشلىتىپ رەسىم كىسىپ باقتىم. بەك ئاسانكەن مەشغۇلات قىلىش، ھەممىسلا كۆندىلىك مەشغۇلاتىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان قۇراللار، ئۇبۇنتۇدا مەشغۇلات قىلىش تەس دەپ كىم دەيدۇ. پەقەت بۇرۇندىن ئىشلەتمىگەن شۇڭا ئۆگىنىش ۋە كۆنۈش كىتىدۇ. ئويلاپ بىقىڭا سىز ۋىندوۋسنى قانداق ئۆگەنگەن، قانچىلىك بولدى ئۆگىنىۋاتقىلى ؟…. بۇ خۇددىي خەن تىلى ۋە ئىنگلىزتىلى تىلى ئۆگەنگەنگە ئوخشايدۇ، بەزىلەر ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى تەس دەيدۇ ئەمما ئويلاپ باقسۇنچۇ خەنچىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلدى. ئەمما سىز ئىنگلىزچە ئوگىنش ئۈچۈن خەنچە ئۆگەنگەننىڭ يېرىمىنىڭ يېرىمىچىلىك ۋاقىتتىلا ئىنگىلىزچە سەۋىيەرىڭىزنىڭ خەنچە بىلەن پەرقلەنمەيدىغان بۇلۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىسىز(ئىنگىلىزچە ئۆگىنىپ باققانلار بۇنى ئوبدان بىلىدۇ.) ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە قىزىقىشنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. دىمەك ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىش تەس دىگەن گەپ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.ھەقىقىي ئۇبۇنتۇ ئىشلەتكۈچىلەر ئۇبۇنتۇ ئىشلىتىشنىڭ ۋىندوۋستىن كۆپ ئاسانلىقىنى بىلىدۇ. ئەڭ ئاددىيسى ئۇبۇنتۇدا دىتال قاچىلاشنىڭ سىز ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە ئاسانلىقىنى بايقايسىز.sudo apt-get install xxx بۇ يەردە xxx نىڭ ئورنىدا سىز قاچىلىماقچى بولغان دىتالنىڭ ئىسمى، قانداق شۇنداقمىكەن ھا ھا…. بەك ئاسان . پەقەت قاچىلىماقچى بولغان دىتالنىڭ ئىسمىنى بىلسىڭىزلا بۇلىدۇ.

يازمىغا قارىتا ھەرقانداق تەكلىپ پىكىرىڭز بولسا بۇ يەرگە قالدۇرۇڭ.

باش سۈرىتىڭز يوقمۇ؟


This site is protected by WP-CopyRightPro