-
2011-05-06
ئىككى شېئىر - [شئىرىيەت گۈلزارى]
...غا
كۆز ئوينىتىپ قارىشىڭ سوئال،
نازۇك لېۋىڭ تىترىشى ئۈندەش.
نۇر دەستىسى كىرپىكىڭ تال–تال،
تاراتقىنى جىسمىمغا ئاتەش
...
بۇ كېچە...
ئۆچۈپ بارار ئاداققى نۇرلار،
گۇگۇم لەرزان سىلكىتىدۇ پەر.
كۈي تۆككەندە ئورماندا دىلتار،
مۇڭغا چۆكەر بىر پەرى–پەيكەر.
...
-
2011-03-27
مەن بۈگۈن ئورمانغا كىردىم نەچچە رەت - [شئىرىيەت گۈلزارى]
لەپىلدەپ ياغماقتا قەلبىڭ نۇرلىرى،
روھىمنىڭ پايانسىز، كەڭ دالاسىغا.
مىليون يىل چاڭقىغان چىلانرەڭ تۇپراق،
يەتكەندەك سۇ ئاتلىق دىلرەباسىغا.
...
-
2011-02-23
سەھرادا قىش - [شئىرىيەت گۈلزارى]
قار گۈللىرى يۇيۇنار تىمتاس،
سەھرادىكى سۈزۈك روھ ئارا.
تۈن تېنىدىن تارار ئىللىق نۇر،
نۇر قوينىدا بۇ ئانا سەھرا.
...
-
2011-02-11
سەھرادىكى قىش كېچىسى - [شئىرىيەت گۈلزارى]
يېتىلمەكتە بىر قەدىم ئاھاڭ،
سوزۇلماقتا ئۇپۇققا يوللار.
تۆكۈلمەكتە كۆكتىن قار گۈلى،
چۈش قوينىدا ياتار دالىلار.
...
-
2010-09-23
گۈللەر سۆزلەيدۇ - [شئىرىيەت گۈلزارى]
«گۈللەر سۆزلەيدۇ»
ئۆزقان
گۈللەر سۆزلەيدۇ، سەنمۇ سۆزلەيسەن،
كۈيلەپ ساداقەت ،سۆيگۈ ،ۋاپانى.
مېھىرلىك بېقىپ نېمە كۆزلەيسەن،
ئېيتقىن ،گۈللەرنىڭ تاجدارى-خانى...!؟
-
2010-08-01
سەن ئۈچۈن سۆيگۈدىن تىزدىم جاۋاھىر - [شئىرىيەت گۈلزارى]
سەن ئۈچۈن سۆيگۈدىن تىزدىم
جاۋاھىر
ئۆزقان
(بەختلىك بىر كۈننىڭ خاتېرىسى ئۈچۈن)
ئامەتلىك كۈن ئىدى بۇ كۈن مەن ئۈچۈن
چىن سۆيگۈ بېغىدىن ئالغانتىم ھوسۇل
پاكىز بىر ئەقىدە بېرىپ نىھايەت
تاتلىق بىر سۆيۈشنى قىلغانتىم قوبۇل
......
-
2010-07-26
بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن - [شئىرىيەت گۈلزارى]
بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن
ئۆزقان
يات كۆزلەرگە باقمىدىم ھەرگىز،
بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن ؛
سۇ بېرەلمەس قولۇڭغا ئون قىز،
بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن !
...
-
2010-07-26
ئانا - [شئىرىيەت گۈلزارى]
ئانا رازى بول، گۆدەكلىكىمدە
تولا رەنجىتتىم،خويمۇ قاقشاتتىم.
بالىلىقتىكى چالام تۈگىمەي ،
ياشلىقىمدىمۇ سېنى ساخلاتتىم.
...