-
2011-02-17
پۇل ھەققىدە ئەقلىيەلەر - [رەڭگا رەڭ مارجانلار]
★تەر تۆكۈپ تاپقان پۇل سىزنى ساغلام قىلىدۇ.
★تىجەپ يىغقان پۇل كۈچىڭىزنى ئاشۇرىدۇ.
★مۇكاپات ئالغان پۇل سىزنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئشلەشكە ئۈندەيدۇ.
★ئامانەت قويغان پۇل سىزنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ.
★مەبلەغ سالغان پۇل ھاياتىي كۈچىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ.
★باشقىلارغا ياردەم قىلغان پۇل سىزدە مىننەتدارلىق ھىسسىىياتىنى قوزغايدۇ.
★ئالداپ ئېلىۋالغان پۇل سىزنى دەككە–دۈككىگە سالىدۇ.
★خىيانەت قىلغان پۇل روھىڭىزنى چىرىتىدۇ.
★ئوغۇرلىغان پۇل يۈزىڭىزگە داغ چۈشۈرىدۇ.
评论