ئۆزقان: ھەقسىز توردا ھۆججەت ساقلاش بوشلۇقى لازىممۇ ؟ قىنى بۇنى بىسىپ تىزىملىتىۋىلىڭ ۋاقىتلىق ئەمەس مەڭگۈلۈك 网路u盘

  • 2011-05-02

    بىر مەنزىرە بەخش ئەتكەن ھېسلار - [چەتئەل شېئىرىيىتىدىن نەمۇنىلەر]

    كېچە. كۆككە بالقىپ چىقتى ئاي،

    زېمىن تېنچ ئۇيقۇدا، دېمەك...

    بىر مەنزىرە بەخش ئەتكەن تۇيغۇ،

    شاماللارغا تەلپۈنەر يۈرەك.

     

    بەختكە تولۇپ، شادلىنىپ ئالەم،

    گۈلگۈن ھايات ئۆزرە گۈل تۇتار.

    پەقەت، پەقەت ئاينىڭ ئارقىدىن،

    ئەگىشىدۇ ئوتلۇق بۇلۇتلار.

     

         

     

    مېنىڭدىن ھېچ نەرسە سورىما...بەلكىم،

    بەختكە ئىنتىلىپ ياشىغۇچى مەن ئەڭ.

    مەن ياشاپ ئۆتكەن شۇ  پۈتكۈل ھاياتنى،

    بۈگۈنكى كۈنۈمگە قىلالماسمەن تەڭ.

     

    خۇداغا ئىلتىجا قىلىمەن تىنماي،

    قولۇمدىن كەتسىمۇ مەيلى كۈچمادار.

    بۈگۈنكى كۈنۈمدىن ئەسلا داجىماي،

    بەختىمنى تېپىشقا قىلىمەن قارار.

     

        

     

    تۆكۈلسىمۇ، ئاھ، شۇنچە خازان،

    كۆمەلمەپتۇ، باردىم ئالغىلى.

    ھەمدە قىلدىم يولۇمنى داۋام،

    چۆنتىكىمگە سېلىپ ئالمىنى.

    ...

     

    گۈلغۇنچىگە چۈشتى تىترەكزەرب،

    تەقدىر مېنى باقتىمۇ سىناپ.

    بەلكىم بىرى چاخچاق قىپ ئەتەي،

    كۈلۈپ تۇرار بىر چەتتە قاراپ...

     

    شۇنداق خىيال قىلسام ھەر زامان،

    تىترەك تارار  شۇ دەم تېنىمگە.

    بىگانە بوپ تۆكۈلگەن خازان

    ۋە بىر ئالما كېلەر ئېسىمگە...

     

    "ئوغرى" دېگەن نامنى مەن گويا،

    يىللار ئۆتۈپ قالارمەن ئېلىپ،

    ئالما بولۇپ قالساڭدى دۇنيا،

    كەتسەم ئېدى چۆنتەككە سېلىپ...

     

    مەنبە:WWW.ZIYOUZ.COM

    ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۆزقان

     

    分享到:

    ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ

    评论

  • تاتلىققىنە شېئىر ئىكەن بۇ...
    ئۆزقان Ozkan回复سادا说:
    رەھمەت! يەنە كېلىپ تۇرارسىز
    2011-05-03 04:34:48
mazmun
mazmun بايلىق بلوگى QQ توپى:63765842
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى