ئۆزقان: ھەقسىز توردا ھۆججەت ساقلاش بوشلۇقى لازىممۇ ؟ قىنى بۇنى بىسىپ تىزىملىتىۋىلىڭ ۋاقىتلىق ئەمەس مەڭگۈلۈك 网路u盘

  • 2011-03-09

    ئىبرەتلىك ماقال–تەمسىللەر(2) - [رەڭگا رەڭ مارجانلار]

     ياغاچنى رەندە تۈزەيدۇ ، ئادەمنى تەربىيە .
    كىچىك دېمەڭ بالىنى، ئەقىل تاپار ھامىنى .
    سودىگەرنىڭ يۈزى يوق، خېرىدارنىڭ كۆزى يوق.
    ئوغلۇڭنى تىرىشچان قىل ، قىزىڭنى نۇمۇسچان.
    چالا موللا ئادەم ئۆلتۈرەر .
    قېشىغا قارىماي ئىشىغا قارا .
    ھەر كىم ئۆز ئەيبىنى بىلمەس .
    دەرەخ مىۋىسى تەنگە، بىلىم مىۋىسى ئەلگە .
    ئەقىل تۇغۇلۇشتىن ، ھۈنەر ئۈگۈنۈشتىن .
    كۈچەت تىككەن سايىدا ئولتۇرار .
    ئازغاندا چىغىر يولمۇ ئازدۇرار .
    دىتى يوق ئەردىن يەر ياخشى .
    ۋاپاسىز يار بېشىڭغا دار .
    ئاپەتكە سەۋەپ قىل، ئامەتكە تەلەپ.
    مەنىسىز ئۆمۈر ، دات باسقان تۆمۈر .
    ئىچى تارغا دۇنيامۇ تار .
    قېرىشتىن قورقما، يېتىپ قېلىشتىن قورق.
    دەرەخ سۈپىتى ياپراق ، ئادەم سۈپىتى ئەخلاق .
    كۈرۈنمەيدىغان قىر يوق، ئېچىلمايدىغان سىر .
    سۇنغان ئەينەك تۈزەلسىمۇ ، سۇنغان كۆڭۈل تۈزەلمەس .
    گۈلنى سۆيگەن تىكەننىمۇ سۈيەر .
    ئالدىساڭ ئالدىنىسەن، سەۋىر قىلساڭ شاتلىنىسەن.
    ئېغىرلىق - دانالىق ، يىنىكلىك - نادانلىق .
    ۋاقتىدا قىلغان ھەركەت ، ھۇسۇلغا بەركەت .
    ئىمان ئېيت ئۈنسىز ، ئوقەت قىل غەمسىز .
    تازىلىق - بايلىقتىن ئارتۇق

     ياخشىدىن ئۈگەن ، ياماندىن يىرگەن .   

    يامان خوتۇن ئۈزۈلمەس تاسما ، ئۇنداق تاسمىنى بوينۇڭغا ئاسما .
             

    分享到:

    ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ

    评论

  • يازمىلىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. تاشلاپ قويماي داۋاملىق يېزىڭ. بلوگىڭىز دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇلدى. ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    ئۆزقان Ozkan回复مۇئەللىم说:
    قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزدىن خۇشھال بولدۇم، كەپ تۇرغايسىز.سىزنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم.
    2011-03-16 02:27:29
mazmun
mazmun بايلىق بلوگى QQ توپى:63765842
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى