-
2011-06-06
Wordpressقا كۆچۈش - [خەۋەر–ئۇچۇرلار]
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز:
بىلوگىمىز ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشى، بىلوگىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللارنى ئويلىشىپ، مۇقىم بوشلۇق ۋە ئىسىم ئېلىپ، Wordpress سىستېمىسىغا كۆچۈشنى قارار قىغانىدى. بەزىبىر تەييارلىقلارنى جىددىي تۇتۇش قىلىپ ئىشلەش ئارقىلىق بۆگۈن يېڭى بوشلۇققا مۇۋاپىقىيەتلىك كۆچۈۋالدۇق. بۇنىڭدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق بىزنى قوللاپ كەلگەن ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ يەنە داۋاملىق بىزگە يېقىندىن مەدەت بېرىپ تۇرۇشىنى، يېڭى بىلوگىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ، تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ تۇرۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.
يېڭى بلوگ ئىسمى: ئۆزقان بىلوگى
ئادرېس: http://www.Ozkani.com
ھۆرمەت بىلەن: ئۆزقان بىلوگى ئۇچۇر مەركىزى
2011-يىل، 6-ئىيۇن
-
2011-04-03
ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنىدۇ - [خەۋەر–ئۇچۇرلار]
«خەلق گېزىتى»نىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا
يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «ئاممىۋىي سورۇنلارنىڭ تازىلىقىنى باشقۇرۇش نىزامىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي
قائىدىسى»نى بېسىپ تارقاتتى، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «تەپسىلىي قائىدە»دە
ئۆي ئىچىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.
-
ئاپتونوم رايون بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇنۋان باھالاشتا مىقدارلاشتۇرۇپ نومۇر قويۇشنى ......
مەنبە: شىنخۇا تورى