-
2010-07-29
ئاپتونۇم رايونىمىز ئۇنۋان باھالاشتا بۇ يىلدىن باشلاپ... - [خەۋەر–ئۇچۇرلار]
ئاپتونوم رايون بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇنۋان باھالاشتا مىقدارلاشتۇرۇپ نومۇر قويۇشنى يولغا قويىدۇ مەنبە: شىنخۇا تورى 2010-يىلى28-ئىيۇل
مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يېقىندا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي دەرىجىلىك كەسىپ تېخنىكا ۋەزىپىسى بويىچە ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى باھالاشتا مىقدارلاشتۇرۇپ نومۇر قويۇشنى يولغا قويۇش ۋاقىتلىق چارىسى››نى ئېلان قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنۋان باھالاش خىزمىتىدە 2010 – يىلىدىن باشلاپ مىقدارلاشتۇرۇپ نومۇر قويۇشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسىپ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش ئۇسۇلىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، بايقاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، كەسىپ تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئەمەلىي خىزمىتى ۋە تۆھپىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئەخلاقى، بىلىمى، ئىقتىدارىنى ئاساس قىلغان كەسىپ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى باھالاش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ.
مەزكۇر ‹‹چارە››دە، مىقدارلاشتۇرۇپ نومۇر قويۇشتا ئىلمىي، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ئالىي كەسىپ تېخنىكا ۋەزىپىسى بويىچە ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى باھالاش شەرتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئوبيېكتىپ ئەكس ئەتتۈرۈش بەلگىلەندى. كونكرېت مۇھىم ئامىللار بىلىم سەۋىيەسى، كەسىپ تېخنىكا خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان ۋاقتى، ئوقۇش تارىخى، ھازىرقى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىنغان مەزگىلدىكى باھالاش نەتىجىسى، مۇۋەپپەقىيەتلىرى، مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى، ئەسىرى (تەرجىمە ئەسىرى) ياكى ئىلمىي ماقالىسى، ئەمەلىي خىزمەت ئىقتىدارى ۋە كەسىپ خىزمىتى مىقدارى، ئىلمىي ماقالە ياقىلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
‹‹چارە››دە يەنە، مىقدارلاشتۇرۇپ نومۇر قويۇشتا ئاساسىي قاتلام 1 – سېپىگە مايىللىشىشتا چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىيەت ۋە تۆھپىسىگە ئاساسەن باھالاش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئالىي كەسىپ تېخنىكا ۋەزىپىسى بويىچە ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى باھالاشتا تەتبىقلىنىدىغان مىقدارلاشتۇرۇپ نومۇر قويۇش ئۆلچىمى ۋىلايەت (نازارەت) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلار ۋە ناھىيە (ناھىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورۇنلار دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلدى. مىقدارلاشتۇرۇپ نومۇر قويۇش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى سىستېما (كەسپ)لارنىڭ ئالىي كەسىپ تېخنىكا ۋەزىپىسى بويىچە ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتىنى باھالىشىغا تىرىشىپ ماسلاشتۇرۇلىدۇ.
评论