-
2010-10-27
ئىبرەتلىك ماقال–تەمسىللەر - [رەڭگا رەڭ مارجانلار]
ئۆزۈڭگە ياخشىلىق تىلىسەڭ، كىشىگە يامانلىق قىلما.
ئەل ياندۇرغان شامنى پۈۋلىگەننىڭ ساقىلى كۆيەر.
مولۇننىڭ توخۇغا سالام بېرىشى ياخشى نىيەتتىن ئەمەس.
ئىتمۇ كەمبەغەلگە قاراپ قاۋايدۇ.
قازانغا قۇيغان ماي تۆت سەر، پۇرايدىغان ئەرۋاھ سەكسەن ئالتە.
يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ.
چۆجىنىڭ شۇملۇقىدىن توخۇنىڭ ئەمچىكى يوق.
سار ھەرقانچە ئېگىز ئۇچسىمۇ سايىسى يەرگە چۈشىدۇ.
خوراز چىللىسا ھېچ گەپ يوق، مىكىيان چىللىسا شۇم تۇخۇ.
ئېگىلگەنگە ئېگىل بېشىڭ يەرگە يەتكىچە، غادايغانغا غاداي بېشىڭ كۆككە يەتكىچە.
评论