• كېچە. كۆككە بالقىپ چىقتى ئاي،

    زېمىن تېنچ ئۇيقۇدا، دېمەك...

    بىر مەنزىرە بەخش ئەتكەن تۇيغۇ،

    شاماللارغا تەلپۈنەر يۈرەك.

     

    بەختكە تولۇپ، شادلىنىپ ئالەم،

    گۈلگۈن ھايات ئۆزرە گۈل تۇتار.

    پەقەت، پەقەت ئاينىڭ ئارقىدىن،

    ئەگىشىدۇ ئوتلۇق بۇلۇتلار.

    ...

  •  

     ئايالغا   بەخت بېرىڭ ...

     

    ئايالغا  بەخت بېرىڭ ،  سائادەت  بېرىڭ ،

    دېمەڭ:«  يۈرۈپتۇغۇ كۈلۈپ،  جىلمىيىپ...» .

    ئايال كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆلۈشى مۈمكىن ،

    دۇنيانى ئېلىشى مۈمكىن جىلمىيىپ .

     

    ئايالغا  بەخت بېرىڭ ،  سائادەت  بېرىڭ ،

    گەر كۆزلىرى كۈلۈپ تۇرسىمۇ .

    بوغىزىدا نەچچە مىڭ ھەسرەت ،

    ئاي يۈزلىرى كۈلۈپ  تۇرسىمۇ .

    ...

  •                   كەمتەرلىك ھەققىدە

    گەرچە شۇنداق مەغرۇر تۇرسىمۇ ،

    پىيالىگە ئېگىلەر چەينەك .

    شۇنداق ئىكەن  مەنمەنلىك نىچۈن،

    كىبرۇ–ھەيۋە نېمىگە كېرەك !؟

     

    كەمتەرىن بول، ھەتتا  بىر قەدەم

    ئۆتمە مەغرۇر ئاستانىسىدىن

    پىيالىنى ئىنسان شۇنىڭچۈن ،

    سۆيەر دائىم پىشانىسىدىن !

                                     1956–يىل

  • ئانا تىلىم

     

    رەسۇل ھەمزاتوۋ

     

     

       

    مەيلى نامرات بولسۇن، مەيلى ھەشەمسىز،

    بىراق ئۇ مەن ئۈچۈن ئەزىز، سۆيۈملۈك.

    جاھان مۇنبىرىدە ياڭرىسۇن مەڭگۈ ،

    ئانا تىلىم ماڭا مۇقەددەس بۈيۈك!

  •   يۈرەك  

     

           

     

    ئېليا بەختىيا

     

    بار ئىدى مەندە پەقەت بىر يۈرەك،

                          بىلىۋالدىڭ.

    قارچۇقۇمدەك ساقلىغانتىم مەن ئۇنى،

                         ئېلىۋالدىڭ .

    ......

قېتىم زىيارەت قىلىندى
">
★^_^ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | ئۆزلەشتۈرگۈچى، بلوگ مەسئۇلى: ئۆزقان ئەپەندى ^_^★