ئۆزقان: ھەقسىز توردا ھۆججەت ساقلاش بوشلۇقى لازىممۇ ؟ قىنى بۇنى بىسىپ تىزىملىتىۋىلىڭ ۋاقىتلىق ئەمەس مەڭگۈلۈك 网路u盘

  • 2011-05-06

    ئىككى شېئىر - [شئىرىيەت گۈلزارى]

    ...غا

     

    كۆز ئوينىتىپ قارىشىڭ سوئال،

    نازۇك لېۋىڭ تىترىشى ئۈندەش.

    نۇر دەستىسى كىرپىكىڭ تال–تال،

    تاراتقىنى جىسمىمغا ئاتەش.

     

    بىر كۈلكەڭدە مىڭ خىل گۈزەللىك،

    قىلىقىڭدا تۈرلۈك نازاكەت.

    خۇلقىڭ ئەسىر قىلدى شۇنچىلىك،

    بەر ۋىسالىڭ، يوق ئەمدى تاقەت!

    1990–يىلى، خوتەن

    (خوتەن «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 1991-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

     بۇ كېچە...

    ئۆچۈپ بارار ئاداققى نۇرلار،

    گۇگۇم لەرزان سىلكىتىدۇ پەر.

    كۈي تۆككەندە ئورماندا دىلتار،

    مۇڭغا چۆكەر بىر پەرى–پەيكەر.

     

    دىلتار كۈيى نەقەدەر لەزىز،

    كۈي ئەمەس، ئۇ— سۆيگۈ قىسسىسى.

    ھەسرەت بىلەن تولغىنار  ئۇ قىز،

    قۇلۇپلانغان تەنھا خانىسى.

     

    بىر جۈپ قارچۇق تۈنەر كۆزنەكتە،

    دىل سەتھىدە ساماۋىي ئورمان.

    ئاي قارايدۇ ئىزگۈ تىلەكتە،

    ئارمانلاردىن تۇغدۇرۇپ ئارمان.

     

    قىزنى قىينار ئازاب ۋە ھەسرەت،

    ئۇچۇپ چىقار ئۈنسىز نىدالار.

    ئاھ، يىگىتمۇ ئامالسىز،

                                     پەقەت–

    مۇڭ تۆكىدۇ بۇ كېچە دىلتار...

    1992–يىل،ماي، يېڭىشەھەر–ئارال

     

    分享到:

    ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ
mazmun
mazmun بايلىق بلوگى QQ توپى:63765842
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى