-
2011-02-27
20يىللىق ئەسلىمە ۋە 10يىللىق خاتېرە - [ماقالىلەر]
خەلقنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى كۈلۈپ، قەلب يارىسىغا مەلھەم بولىدىغان ئېسىل شېئىرلىرى ۋە چىن ئىنسانىي خىسلىتى بىلەن خەلقنىڭ قەلب تۆرىگە يىقىلماس ئابىدە تىكلىگەن ھۆرمەتلىك خەلق شائىرى روزى سايىت مانا, مۇشۇنداق ھاياتقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان، ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىلەن ئۆزى ئاپىرىدە بولغان زېمىننىڭ ھەر بىر گىياھلىرىغىچە سىردىشىپ چىقىدىغان چىقىشقاق كىشى ئىدى.
مانا، ئۇنىڭ ئارىمىزدىن كەتكىنىگە ھەش-پەش دېگۈچە ئون يىل بولاي دېدى. ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن «دېھقان دادام» كەبى ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىزگە شائىرنىڭ قەلبلەردە مەڭگۈ ھايات ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ تۇراتتى. بىز ئۇنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلەيتتۇق، ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزگە خاس ئۇسۇلىمىز، ئۆزگىچە ئەسلىمىلىرىمىز ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن سىردىشاتتۇق...