-
2011-04-03
ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىش مەنئىي قىلىنىدۇ - [خەۋەر–ئۇچۇرلار]
5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۆي ئىچىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىش
مەنئىي قىلىنىدۇ
«خەلق گېزىتى»نىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا يېڭىدىن
تۈزىتىلگەن «ئاممىۋىي سورۇنلارنىڭ تازىلىقىنى باشقۇرۇش نىزامىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»
نى بېسىپ تارقاتتى، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «تەپسىلىي قائىدە»دە ئۆي ئىچىدىكى
ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.
«تەپسىلىي قائىدە»دە مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: ئاممىۋى سورۇن تىجارەتچىلىرى تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنىدۇ
دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە بەلگىلەرنى ئېنىق كۆرۈنىدىغان جايغا قويۇشى، ئۆي سىرتىدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا
تاماكا چېكىش ئورنى كىشىلەر ئۆتىدىغان كارىدورغا تەسىس قىلىنماسلىقى كېرەك. ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاپتوماتىك
تاماكا سېتىش ئۈسكۈنىسى قويماسلىق. ئاممىۋى سورۇن تىجارەتچىلىرى تاماكا چېكىشنىڭ ساغلاملىققا زىيانلىق
ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلارنى قانات يايدۇرۇشى، ھەمدە مەخسۇس (قوشۇمچە) ئادەم سەپلەپ، تاماكا
چەككۈچىلەرنى نەسىھەت قىلىپ توسۇشى كېرەك.
(جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى