-
2010-09-15
ئانا تىلىم - [چەتئەل شېئىرىيىتىدىن نەمۇنىلەر]
رەسۇل ھەمزاتوۋ
(1923–2003)
داغىستان شائىرى رەسۇل ھەمزاتوۋىچ ھەمزاتوف داغىستاننىڭ خۇنزاخ رايونىغا قاراشلىق سادا قىشلىقىدا خەلق شائىرى ھەمزات ساداسا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بىر نەچچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن(1945—1950) موسكىۋادا م گوركىي نامىدىكى ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا ئوقۇغان. رەسۇل ھەمزاتوفنىڭ ئىجادىيىتى 1937–يىللىرى لىرىك شېئىر يېزىشتىن باشلانغان. ئۇ كىتابخانلارغا«ھارارەتلىك ئىشىق ۋە كۆيدۈرگۈچى ئازاب»(1943)، «مېنىڭ ۋەتىنىم»(1950)، «بىزنىڭ تاغلار»(1947)، «ئاكامنىڭ قىساسى»(1952)، «داغىستان باھارى»(1955)، «تۇغۇلغان يىلىم»(1950)، «قەلبىم تاغلاردا»(1959) كەبى ئون نەچچىلىگەن شېئىرىي توپلاملارنى، «تاغ قىزى»(1958) ۋە «ئاتام بىلەن سۆھبەت»(1953) قاتارلىق داستانلارنى تەقدىم قىلغان.
ئۇ «تۇغۇلغان يىلىم» شېئىرلار توپلىمى ئۈچۈن 1952–يىلى دۆلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،كۆپلىگەن تىللىرغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان «يۈكسەك يۇلدۇزلار» ناملىق شېئىر توپلىمى ئۈچۈن لېنىن مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان.
توۋا، چۈش دېگەنمۇ قىزىق نەرسىكەن،
چۈشۈمدە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قاپتىمەن.
كۆكسۈمدە قوغۇشۇن، قۇياش تېغىدا،
تاغ ئىچىدە جانسىز يېتىپ قاپتىمەن.
يىراقتا شاقىراپ ئاقىدۇ سايلار،
بارلىقتا ئەجەب بىر دىلبەرلىك ھاكىم.
مەن بولسام ئويلايمەن يېتىپ تۇپراقتا:
«مانا شۇ تۇپراققا قوشۇلار خاكىم…»
مەن ئۆلۈپ ياتىمەن، ئۇنتۇلغان، يالغۇز،
ھېچكىم يوق مەن ئۈچۈن قايغۇرغان يىغلاپ.
پەقەت چوققىلاردا قۇ–قۇلار بۈركۈت،
ۋادىلاردا ئاھۇ يۈرۈپتۇ ئىڭراپ…
نەۋقىران پەيتىمدە تۈگىشىپتىمەن،
ئاتەش يۈرۈكۈمنى ئويۇپ ئۆتتى ئوق.
سادا يۇق ئانامدىن ياكى يايرىمدىن،
دوست تۈگۈل بىرەرمۇ يىغلىغۇچى يوق.
پىغان ئېتىلىدۇ جانسىز باغرىمدىن،
(گويا پىغان باردەك مۇردا دىلىدا).
شۇندا ئىككى كىشى ئۆتتى نېرىدىن،
خۇشال سۆھبەت بىلەن ئاۋار تىلىدا.
مەنغۇ بۇ دۇنيادىن مەڭگۈ كۆز يۇمدۇم،
ئۇلار سۆزلىشىدۇ ئۆز ئارا كۈلۈپ،
ئەلىنىڭ قاندۇقتۇر بەڭۋاشلىقىنى،
ھەسەننىڭ غەلىتە ئىشىنى ئۆرۈپ…
ئاۋارچە سۆز ئاڭلاپ جان كىردى ماڭا،
تىرىلىپ قاپتىمەن شۇندا بىردىلا.
بولالمايتتى دەرمان ماڭا ھىچ دورا،
جېنىمغا جان قوشار ئانا تىلىملا.
مەيلى قايسى تىلدا زوق ئالسۇن ھەركىم،
مېنىڭ ئۆز تىلىمغا مىڭ جېنىم پىدا.
ئەگەر ئانا تىلىم يوقالسا ئەتە،
مەن بولاي بۈگۈنلا جېنىمدىن جۇدا!
مەيلى نامرات بولسۇن، مەيلى ھەشەمسىز،
بىراق ئۇ مەن ئۈچۈن ئەزىز، سۆيۈملۈك.
جاھان مۇنبىرىدە ياڭرىسۇن مەڭگۈ ،
ئانا تىلىم ماڭا مۇقەددەس بۈيۈك!
ئاتەشىن مەھمۇدنىڭ پارلاق شېئىرىنى
تەرجىمىدە ئوقۇپ يۈرسە ئەۋلادىم.
ئاخىرقى شائىرى بولسام ئاۋارنىڭ…
ئاھ، شۇمىدى مېنىڭ ئەزگۈ مۇرادىم!
سۆيىمەن ھاياتنى، دۇنيا كۆركىنى،
مۇھەببىتىم چەكسىز بارچە ئەل ئۈچۈن.
ھەممىسىدىن ئەزىز سوۋېت يۇرتىنى،
ئاۋارچە كۈيلىدىم يەتكۈچە كۈچۈم.
يىراق ساخالىندىن بالتىققا قەدەر،
قەلبىمدە كۆرىمەن ھۆر ۋەتىنىمنى.
جېنىم پىدا مېنىڭ ئاڭا ھەر يەردە،
بىراق ئۆز يۇرتۇمدا قويۇڭ تېنىمنى.
يۇرتداشلىرىم تۇرۇپ قەبرەم ئالدىدا،
كۆرسەتسۇن ئاۋارنىڭ شائىرى شول دەپ.
ئېلىم يادقا ئالسۇن ئانا تىلىدا،
ھەمزات ساداسانىڭ ئوغلى رەسۇل دەپ.
ئانا تىلىم
Blog:ئاناتىلىم بلوگى2010-09-20 23:40:23
评论