-
2010-08-01
سەن ئۈچۈن سۆيگۈدىن تىزدىم جاۋاھىر - [شئىرىيەت گۈلزارى]
سەن ئۈچۈن سۆيگۈدىن تىزدىم
جاۋاھىر
ئۆزقان
(بەختلىك بىر كۈننىڭ خاتېرىسى ئۈچۈن)
ئامەتلىك كۈن ئىدى بۇ كۈن مەن ئۈچۈن
چىن سۆيگۈ بېغىدىن ئالغانتىم ھوسۇل
پاكىز بىر ئەقىدە بېرىپ نىھايەت ،
تاتلىق بىر سۆيۈشنى قىلغانتىم قوبۇل!
ئېھ،بۈگۈن كۆز ئاچسام قۇياشلىق ئاسمان ،
سۈپسۈزۈك ئەسلىمە قەلبىمدە زاھىر.
ۋە لېكىن سۈت ئۇيقۇ ئىلكىدە زۆھرە ،
تەنھالىق قىيىنىغان مەن غېرىب تاھىر ...
نەخ ئۈچيۈز ئاتمىش بەش ئېغىزلىق ئۆيگە،
سەن ئۈچۈن سۆيگۈدىن تىزدىم جاۋاھىر .
ئېيتقىنا،قانچىگە باسقانسەن قەدەم ،
قانچىگە سېپ قويماي ئۆتكەنسەن كۆز قىر
مەن يەنە شۇ كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن،
بىز باسقان ئىزلارنى ئىزلەپ يۈرىمەن.
«سۆيگەن ھەم سۆيۈلگەن بۇ كۈن...» دېگەننى،
دەل-دەرەخ گۈللەرگە سۆزلەپ يۈرىمەن ...
مەنبە: ئۆز ئىجادىيەتلىرىمدىن .
评论
http://hi.baidu.com/erkmandadxah/
http://terjiman.haoyouqun.com/