ئۆزقان: ھەقسىز توردا ھۆججەت ساقلاش بوشلۇقى لازىممۇ ؟ قىنى بۇنى بىسىپ تىزىملىتىۋىلىڭ ۋاقىتلىق ئەمەس مەڭگۈلۈك 网路u盘

  • 2010-07-26

    بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن - [شئىرىيەت گۈلزارى]

    بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن

     

          

       ئۆزقان

     

    يات كۆزلەرگە باقمىدىم ھەرگىز،

    بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن ؛

    سۇ بېرەلمەس قولۇڭغا ئون قىز،

    بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن !

     

    گۈللەر سۆزلەپ  تۇرار يېنىمدا،

    سۆيگۈڭ ئوت بوپ ئاقار قېنىمدا؛

    پاك ئەقىدەڭ كۆكلەر جېنىمدا،

    بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن .

     

    كۈلكەڭ دۇنيا بېرەر قولۇمغا،

    يىغاڭمۇ نۇر  سېپەر يولۇمعا؛

    ئۆزۈڭ قالقان چىن غۇرۇرۇمغا،

    بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن !

     

     

    كەچمىشىمدە مۇڭلۇق ئاۋازىڭ،

    يەتمىشىمگە رىغبەت شوخ نازىڭ؛

    يازدۇر ماڭا،ھەتتا ئايازىڭ،

    بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن !

     

    كۈن بولامدۇ سېنىڭسىز كۈنلەر،

    بەكمۇ ئۇزۇن سېنىڭسىز تۈنلەر؛

    بۇلبۇل بولدۇم ئىشقىڭدا ئۈنلەر،

    بىر سېنىلا سۆيگىنىم ئۈچۈن ...


    历史上的今天:

    ئانا 2010-07-26




    ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى كۆرۈنمىسە F5 نى بېسىڭ

    评论

  • رەھمەت، لېكىن كۆڭلۈمدىكىدەك قىلالمايۋاتىمەن....ھەر قايسىڭلارنىڭ ياردىمىدە بارغانسېرى ياىشى بولۇپ كېتەر دەپ ئويلايمەن.
  • بۇ شىئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ .. سىزدىن كۆپرەك تەلىم ئالسام بولغۇدەك..... بلوگڭىزنى بەك چىرايلىق قىلىپ ياسۋاپسىز مۇبارەك بولسۇن..........!!!!!!!!
mazmun
mazmun بايلىق بلوگى QQ توپى:63765842
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى