كونا نۇسخىدىكى خەلق پۇلىدىكى شەخسلەر
-
كونا نۇسخىدىكى خەلق پۇلىدىكى شەخسلەر
ۋاقتى: 2015-11-12 ئاۋاتلىقى: 6500 قېتىميانفوندا كۆرۈش
كونا نۇسخىدىكى خەلق پۇللىرىدىكى شەخسلەرنى بىلەمسىز؟
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
12-نويابىر، مەركىزىي بانكا يېڭى نۇسخىدىكى يۈز يۈەنلىك پۇلنى تارقىتىشقا باشلىدى. سىز بەلكىم ئىلگىرى كونا نۇسخىدىكى پۇللاردىكى شەخسلەرنىڭ باش سۈرەتلىرىگە سىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. دۆلەت رەھبەرلىرىدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر قىز-يىگىتلىرىمۇ بار. ئۇنداقتا ئۇلار زادى كىملەر؟ ئۇلارنىڭ باش سۈرەتلىرى قانداق قىلىپ خەلق پۇللىرىنىڭ ئۈستىگە بېسىلىپ قالدى؟
بىرىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى ــ 10 يۈەنلىك پۇلدىكى شەخس ـــ ياڭ چى (سولدا)
ياڭ چى 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان، جۇڭگو خەلق بانكىسى شىمالىي جۇڭگو بانكىسىنى ئاساس قىلىپ، بېيخەي بانكىسى، غەربىي شىمال دېھقانلار بانكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، خېبېينىڭ شىجياجۇاڭدا تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان ھەمدە خەلق پۇلىنى تارقاتقان. ياڭ چى 1-يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى، شۇنداقلا 10 يۈەنلىك خەلق پۇلىدىكى شەخسنىڭ ئۆزى شۇ. ياڭ چى كېيىن ئارمىيەگە ئەگىشىپ، يۇرتى شاڭخەيگە قايتىپ كېلىپ، ئىزچىل ھالدا پېنسىيەگە چىققۇچە شاڭخەي پۇل بېسىش زاۋۇتىدا ئىشلىگەن.
ئۈچىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى ـــ بەش موچەنلىك پۇلدىكى شەخس ـــ جياڭ دىڭگۇي (ئوتتۇرىدا)
بۇ يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ ئالدى تەرىپىدە توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئىنچىكە يىپ سېخىنىڭ سۈرىتى بار بولۇپ، سۈرەتتە ئۈچ نەپەر ئايال توقۇمىچىلىق ئىشچىسى بار، ئوتتۇرىدىكى ئايالنىڭ ئىسمى جياڭ دىڭگۇي. ئۇنىڭ ئاتىسى ياپونغا قارشى ئۇرۇشى گېنىرالى جياڭ گۇاڭدىڭ بولۇپ، جياڭ گۇاڭدىڭ مەشھۇر سوڭخۇ ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جياڭ گۇاڭدىڭ توقۇمىچىلىق سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان.
تۆتىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى ـــ بىر موچەنلىك پۇلدىكى شەخس ـــ ۋاڭ دېئەن (سولدا)
ۋاڭ دېئەن مياۋزۇ مىللىتىدىن، ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەندوڭنەن ئوبلاستىنىڭ باشلىقى بولغان. 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ گۇيجوۋ ئۆلكىلىك ئىنقىلابىي كومىتېتتا خىزمەت قىلغاندا، مياۋزۇچە كىيىنىپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا ئويۇن قويغىلى كەلگەن، سۈرەتنى ئۇنىڭ ئۇستازى تارتىپ قويغان. كېيىن ئۇنىڭ سۈرىتى تۆتىنچى يۈرۈش خەلق پۇلىغا بېسىلغان. ۋاڭ دېئەن 2006-يىلى ۋاپات بولغان.
تۆتىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى ـــ ئىككى موچەنلىك پۇلدىكى شەخس ـــ خۇاڭ چىپىڭ (سولدا)
1979-يىلى، بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى ئاز سانلىق مىللەت چۈشەندۈرگۈچىلىكىگە ئادەم تاللىغاندا، 20 ياشقا كىرگەن خۇنەندىكى تۇجيازۇ مىللىتىدىن بولغان قىزچاق خۇاڭ چىپىڭ تاللانغان. بىر كۈنى، شىنخۇا تورىنىڭ مۇخبىرى ۋە كەسپىي فوتوگراف كېلىپ ئۇنى بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتقان. كېيىن ئۇنىڭ سۈرىتىنى ‹‹جۇڭگودىكى مىللەتلەر›› سۈرەتلىك ژۇرنىلى ۋە ئىككى موچەنلىك پۇلغا ئىشلەتكەن. خۇاڭ چىپىڭ ھازىر خۇنەن ئۆلكىلىك يېزا خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.
تۆتىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى ـــ ئىككى موچەنلىك پۇلدىكى شەخس ـــ سۇ شىچۈن (ئوڭدا)
1979-يىلى، چاۋشيەنزۇ مىللىتىدىن بولغان قىزچاق سۇ چۈنشى جىلىن ئۆلكىسى يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇزېيىدىن بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىغا چۈشەندۈرگۈچىلىككە تاللىنىپ كېلىنگەن. 1980-يىلى، سۇ چۈنشى قاتارلىق 10 نەچچە ئاز سانلىق مىللەت قىزلىرىنى مەخسۇس پوتوگراف سۈرەتكە تارتقان، كېيىن سۈرىتى خەلق پۇلىغا بېسىلغان. سۇ چۈنشى ھازىر بېيجىڭدىكى بىر چەت ئەل تىلى تەربىيەلەش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى.
تۆتىنچى يۈرۈش خەلق پۇلى ـــ بىر يۈەنلىك پۇلدىكى شەخس ـــ شى نەييىن (ئوڭدا)
80-يىللارنىڭ دەسلىپىدىكى بىر كۈنى، گۇيجوۋ سوڭجياڭ ناھىيەسى چىڭيۈن يېزىسىدىكى دۇڭزۇ مىللىتىدىن بولغان قىزچاق شى نەييىن بازارغا بېرىپ، بىر رەسسام بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى، ھالقىسى، چېچى قاتارلىقلار رەسسامدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ ھەمدە ئۇنى باش تېما قىلىپ رەسىم سىزىدۇ. كېيىن شى نەييىننىڭ سۈرىتى بىر يۈەنلىك پۇلغا ئىشلىتىلىدۇ. كېيىنچە، شى نەييىن ئىككى بالىلىق بولغان، ھازىر ئۇ ئاللىقاچان نەۋرە-چەۋرىلىك بولدى.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ماندېلانىڭ مەشھۇر سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر
2015-11-01 23:47:114739بۇغدا كۆلى ھەققىدىكى رىۋايەت
2015-05-03 22:33:344663ھۆسنخەت نۇسخىلىرى: تۈز خەت نۇسخىسى
2015-05-11 17:32:554770جوبسنىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقى
2015-08-27 14:23:06688013 نەپەر پەن-تېخنىكا ماگناتىنىڭ بايلىقى
2015-06-17 11:11:064258نىدائىي: ما يۈننىڭ 10 جۈملە ئىلھامبەخش سۆزى
2015-07-02 18:38:134523نىدائىي: زۇلپىقارنىڭ ئىمزاسىدىن ئويلىغانلىرىم
2015-02-27 10:15:165988ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىيلىرى (1)
2015-02-05 10:58:303659
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-