بىل گايتىس يەنىلا دۇنيادىكى 1-باي بولۇپ تۇرماقتا
-
بىل گايتىس يەنىلا دۇنيادىكى 1-باي بولۇپ تۇرماقتا
ۋاقتى: 2016-01-31 ئاۋاتلىقى: 4784 قېتىميانفوندا كۆرۈش
بىل گايتىس يەنىلا دۇنيادىكى 1-باي بولۇپ تۇرماقتا
بەزى ئەھۋاللار مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، مەسىلەن بىل گايتىسنىڭ دۇنيادىكى 1- باي بولۇشتەك ئورنى ئۆزگەرمىگەن. ئەڭ سانلىق مەلۇماتلاردا ئايان بولۇشىچە، بىل گايتىس يەنىلا نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار كىشى ئىكەن. 1986-يىلى <<مىكروسوفت>> شىركىتىنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، بىل گايتىس ئىزچىل ھالدا دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. كېيىن، <<مىكروسوفىت>> شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق كومپيۇتېرلارنىڭ بىر تۈرلۈك ئۆلچەملىك مەھسۇلاتىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، بىل گايتىسنىڭ بايلىقىمۇ ئېشىپ بارغان.
بايلىق سۈرۈشتۈرۈش شىركىتى __ Xealth-X نىڭ دۇنيادىكى 50 چوڭ بايغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بىل گايتىسنىڭ ساپ مۈلكنىڭ قىممىتى 87 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن، بۇ بىل گايتىسىنى تەرتىپتە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ئامانسىيو ئورتېگادىن 20 مىليارد دوللار ئېشىپ كەتكەن. ئامانسىيو ئورتېگا ئىسپانىيەنىڭ داڭلىق مودا ماركىسى <<زارا>>نىڭ بەرپاچىسى بولىدۇ.گەرچە بىل گايتىس ئۆزىنىڭ مۈلكنىڭ يېرىمىنى ئىئانە قىلىشقا ۋەدە بەرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ھازىغىچە ئىئانە قىلغان سوممىسى 27 مىليارد دوللاردىن ئاشقان ھەمدە دۇنيادىكى ئەڭ سېخىي كىشىگە ئايلانغان. شۇنداق بولسىمۇ بىل گايتىسنىڭ كىرىمىنىڭ سۈرئىتى ئۇنىڭ ئىئانە سۈرئىتىدىن خېلىلا تېز بولغان.2013-يىلى، بىل گايتىس <<كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى>>دىكى بىر ماقالىدە مۇنداق دېگەن: <<مېنىڭ ئەلۋەتتە قورسىقىم توق، كىيىمىم پۈتۈن. ماڭا نىسبەتەن مەلۇم خىل ئەھۋالدىن باشقا، پۇلنىڭ ھېچقانداق ئىشلەتكۈچىلىكى يوق. مېنىڭچە، پۇلنىڭ ئىشلىتىش ئورنى دېگەنلىك ___ ئورگانلارنى قۇرۇش ۋە بايلىقلارنى دۇنيادىكى نامراتلارغا بېرىش دېمەكتۇر.>>2000-يىلى <<مىكروسوفت>> شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، بىل گايتىس مۇھىم نۇقتىنى دۇنيانىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاراتقان. بىل گايتىس بىلەن ئۇنىڭ ئايالى مېلىندا گايتىس دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەير-ساخاۋەت ئورگىنىنى قۇرۇپ، 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق خەير-ساخاۋەت فوندىنى كونترول قىلغان. بىل گايتىس-مېلىندا گايتىس فوندى قەرەللىك ھالدا نەچچە مىليون دوللار ياردەم قىلىپ، دېھچقانچىلىق تەرەققىياتى، جىددىي قۇتقۇزۇش، شەھەرلەردىكى نامراتلارنى يۆلەش، دۇنيانىڭ ساغلاملىقى، شۇنداقلا مائارىپ قاتارلىق ئىشلارنى قوللاپ كەلمەكتە. 2014-يىلى، بىل گايتىس-مېلىندا گايتىس فوندى غەربىي ئافرىقىدىكى ئېبۇرا ۋىروسى يۇقۇمى ئەھۋالىغا زەربە بېرىشكە 50 مىليون دوللار ياردەم قىلغان.
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
پوۋېست: قارا يۈرەك - 5 (داۋامى بار)
2015-03-03 17:19:375469ئاسىيادىكى ئەڭ بەختلىك دۆلەت ــ بۇتان
2015-07-22 13:29:453712ئوباما تۇنجى قېتىم ئانا يۇرتىدا زىيارەتتە بولماق
2015-03-31 13:23:194549دىلغا ھۇزۇر گۈل-چىمەنلەر (1)
2015-04-20 15:37:323708پاكىستاندىكى كېۋرا تۇز كېنى مەنزىرىگاھى
2015-04-09 18:37:144741قارامايدىكى گۈزەل ئاپتاپپەرەسلىككە نەزەر
2015-07-31 13:00:474390نۇرئەلى ئۈرۈمچىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن كۆرۈشتى
2015-09-06 19:37:074527قەشقەر كوناشەھەردىكى گۈزەل مەنزىرىلەر
2015-08-04 17:23:424500
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-