باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەليكۇم ئەركىنسىدىق ئاكا ۋە شۇندەقلا ئامرىكا زىمىنىدا ياشاۋاتقان قىرىنداشلار، سىلەرگە ئىنىڭلاردىن ئوتلۇق سالام.
    مەن شىنجاڭ تىببى ئونىۋىرستىتى ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتىمەن. مىنىڭ ھازىرقى ئاساسلىق تەتقىقات نىشانىم قاپلىق قۇرتنىڭ يۇقۇملۇق ئىممونىت دائىرىسىدىكى تەتقىقات. مەن بۇ تەتقىقات ماقالەمنى ئامال بار خەلقىئارالىق SCIژورناللارغا يوللاي دىگەن. مىنىڭ سىزدىن سورىماقچى بولغىنىم ئامرىكا دىيارىدا ئىممونىت ساھەسىدىكى داڭلىق ئالىملىرىمىز بارمۇ! مۇمكىن بولسا شۇلار بىلەن ئالاقە قىلالىغان بولساق تەتقىقات پىلانىمغا ياردىمى بولار ئىدى.

    مەن سىزنىڭ تورغا يوللغان ماقاللىرىڭىزنى ئوقۇيمەن باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىمەن . مەن ئويلايمەن بىز ئۇيغۇرلار ئويغىنىشقا باشلىدى .ھازىر ئەتراپىمدا نۇرغۇنلىغان ياش ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار سىز باشلىق ئالىملىرىمىزدىن ئىلھام ئېلىپ تىخىمۇ تىرىشماقتا . مەن ئويلايمەن سىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز قابالىيتىنى بايقاپ قايتا ئويغۇنىشقا باشلىغۇچى ئۇستاز.
    ئاخىرىدا مەن سىز ۋە ئايالىڭىز،ئوماق قىزىڭىز ۋەئوغلىڭىزنىڭ تىنىنڭ سالامەت تۇرمىشىنىڭ بەختلىك بولىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. بىز سىز ۋە سىزنىڭ ئامرىكىدىكى قىرىنداشلارنىڭ ئىرىشكەن نەتجىسىدىن چۇڭقۇر خۇشال بولىمى چۈنكى بىز بىر ئائىلە كىشلىرى ئەمەسمۇ؟!!
    meripet回复تۇرغۇنجان说:
    سالام ئۇكام،

    سەمىمىي خېتىڭىزگە كۆپ رەخمەت. مەن ئۇنىڭدىن ناھايىتى سويۈندۈم. ماڭا بىر ئېلخەت يېزىڭ (ئارلىقتا بوش ئورۇن قويماي erkinsidiq @ gmail.com گە خەت يازسىڭىز بولىدۇ). مەن سىزگە قالغان ئۇچۇرنى شۇ ئارقىلىق دەپ بېرەي.
    2008-12-08 01:28:00
  • مەن ئاقسۇدىكى تىكۇچى چمەنگۇل ئەركىن سىدىق ئاكا.ئامانگۇل ئاچا ياخشى تۇردىڭلارمۇ مەن سلەر يۇرتقاكىلپ كەتكەندىن بۇيان
    سلەرنى دائىم ئەسلەپ تۇردۇم.سلەبللەن چۇشكەسۇرەتلەرنى تۇرداكۇرۇپ ناھايتى خۇشال بۇلدۇم،سلەرگەسالامەتلك ۋەچەكسىزئۇتۇقلارنى تلەيمەن.
    meripet回复چمەنگۇل.نۇر说:
    سالام سىڭلىم چىمەڭۈل،

    ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ، ناھايىتى خوشال بولدۇق. بىزمۇ سىزنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇردۇق. ھەيت-بايراملاردا تېلېفون قىلايلى دېسەك، بىزدە سىزنىڭ نومۇرىڭىز يوق ئىكەن. بولسا ماڭا بىر ئېلخەت يېزىڭ. داۋاملىق ئالاقىلىشىپ تۇرايلى.

    سىزگە ئامانلىق ۋە ئۇتۇق تىلەپ، ئەركىن سىدىق
    2008-12-06 01:45:10
  • ئەركىن ئاكا ياخشىمۇسىز!مەن ئالدى بىلەن اللاھدىن تىنىڭىزگە سالامەتلىك،ئائائىلىڭىزگە ئامان-ئىسەنلىك،خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن! ئەركىن ئاكا سىز ھەقىقەتەن بىز ئۇيغۇرلاردىن چىققان پەخىرلىك ئوغلان.سىز بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دۆت،ناقابىل ئەمەسلىگىنى ئەمىلى ئىختىدارىڭىز بىلەن ئالەمگە تونۇتتىڭىز،كىيىنكى ئۇيغۇرلارغا ئۇلگە بولدىڭىز،سىزنىڭ بۇ خىل تىرشىش روھىڭىز ئەۋلاتلار قەلبەدە چوقۇم يىلتىز تارتىپ نۇرغۇنلىغان <ئەركىن>لەرنى ۋۇقۇتقا كەلتۇرەلەيدىغانلىغىغا ئىشەنچەم كامىل.مەن سىزدىن شۇنى بىلىپ باقماقچى،(1)سىز ھازىر ئامېرىكا تەۋەلىگىدىمۇ ياكى جۇڭڭۇ تەۋەلىگىدىمۇ؟(2) سىز ھازىر دېمىگۇراتىيە يۇكسەك تەرەققى قىلغان ئامېرىكىدا يۇقۇرى دەرىجىلىك پەن-تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپسىز،سىز مۇشۇ تىرىشچانلىغىڭىز بىلەن ئاشۇ ئەركىن دۆلەتتە نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىش ئستىگى سىزدە بوپپاقتىمۇ؟مۇشۇ مەسىلىگە قارتا سىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىز بارمۇ؟ بۇ ھەقتە پىكرىڭىزنى ئاڭلاپ ئاقسام دەيمەن.ماڭا ئىلخەت ئەۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
    meripet回复ئىھسان说:
    سالام ئۇكام،

    سەمىمىي ئىنكاسىڭىزغا كۆپ رەخمەت. مەن ئۇنىڭدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم. مەن 2001-يىلى ئامېرىكا گىراجدانلىقىغا كىرگەن. ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەملەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى نوبېل مۇكاپىتىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن، ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش بىر مۇرەككەپ جەريان. ۋاقتىڭىز بولسا مېنىڭ بۇ ھەقتە يازغان تۆۋەندىكى يازمامنى ئوقۇپ بېقىڭ:
    http://www.meripet.com/Sohbet/Erkin10.htm

    Bu yazmining kona yeziq nusxisi towendiki tor betide. 1-Sohbet, 10-bolumni achsingiz bolidu:
    http://www.bilik.cn/sohbet/erkin/
    2008-12-06 01:40:51
  • ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا ، قانداق ئەھۋالىڭىز !
    مەن بۇ بلوگ ئارقىلىق سىزدىن ئەھۋال سورىيالىغانلىقىمدىن تولىمۇ مەمنۇن !
    ئىلگىرى سىزنىڭ رەسىمىڭىزنى توردىنلا كۆرۈپ ئەھۋالىڭىزنىڭ توردىن كۆرۈپ سىزدەك بىر ئالىمىمىزدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ئىدىم .

    ئەمدى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى توغرىسىدا ئازراق توختىلاي !
    ھازىر ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى خېلى تەرەققى قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بەزى دورامچى تور بەتلەرمۇ يوق ئەمەس ...
    ئۆزەم ئاددى بولسىمۇ ئۇيغۇر ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلىشىدىغان بىر تور بەت ياسىغان ئىدىم . ھازىر باش بەت ياسىلىۋاتىدۇ ... لىكىن مۇنبەر ئېچىلغىلى نەچچە كۈن بولمايلا خېلى كۆپ دوستلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى .
    http://igilik.com/bbs/index.php
    بۇ مۇنبەرنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىنى يەنىلا سىزدەك ئىقتىساسلىق ، قابىل كىشىلەرنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ !
    سىزنىڭ "شىركەت قۇرۇشقا قانداق ئىقتىدار كېرەك؟" دىگەن ماقالىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم ، ھەمدە مۇنبىرىمگە سىزدىن سورىمايلا چىقىرىۋالدىم .
    بولسا سىزنىڭمۇ مۇشۇ مۇنبەرگە باشچىلىق قىلىپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنۈپ سىزنى تەكلىپ قىلىپ كەلدىم .
    ھەممىمىز ئورتاق كۈچ چىقىرىپ ئۇيغۇر ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرسەك دىگەن ئۈمىدتىمەن !
    سىزنىڭ مىنىڭ تەكلىپىمنى رەت قىلماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن !

    ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويدۇم ، كەچۈرۈڭ !
    سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ ، ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇر ئىگىلىكى تورىدىن ئۆمەرجان

    ئادرىسىمىز :http://igilik.com/bbs/index.php
    meripet回复ئۆمەرجان说:
    سالام ئۆمەرجان ئۇكام،

    سەمىمىي خەتىڭىزگە ۋە تەكلىۋىڭىزگە كۆپ رەخمەت. مەن ئۇنىڭدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم. مەنىڭ سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىزغا شۇ پېتىچە «ماقۇل» دېگىم بار ئىدى. لېكىن، ئۆزىڭىز بىلىدىغاندەك، مېنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشۇم ناھايىتى ئالدىراش ئۆتىدۇ. بولۇپمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە ئوزەمنىڭ بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ھەممە ساھەدىكى ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بار بەزى نەرسىلەرنى يېزىپ توردا ئېلان قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن. شۇنداق بولغاچقا، بۇ ئىشنى مۇنداق قىلساق: ئەگەر سىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ بىر ئاز ئومۇمىيلىققا ئىگە مەسىلىلەر ئۈستىدە سوئالىڭلار بولسا ئۇنى ماڭا دىسەڭلار، مەن ئۆزەمنىڭ ۋاقتىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ سوئالىڭلارغا جاۋاب بەرسەم. سىزچە مۇشۇنداق قىلساق بولارمۇ؟
    2008-12-05 15:35:36
  • ئەركىن سىدىق ئاكا ياخشمۇ سىز .سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن
  • بۇ ئۇيغۇرچە بىلوگنىڭ قۇرۇلۇشى بەك كاتتا ئىش بوپتۇ ، بۇ بىلوگنىڭ كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىشىنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن . ئەركىن سىدىق ئاكامغا تىنىچلىق ، سالامەتلىك ، خاتىرجەملىك ۋە ئۇتۇق مەڭگۈ يار بولغاي !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئاكا!!!!!!!!!!!!
    مەن شىنجاڭ ئۇنىۈېرسىتىتىنىڭ ماتىماتىكا كەسپىدە ئوقۇيمەن ، 2008- يىلى كەسىىپنىڭ تۇنجى يىلى ، مىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇغۇم بار ، شۇڭا ئىنگلىزچىدىمۇ قاتتىق تىرىشىۋاتىمەن ، سىزدىن سورايدىغىنىم- قوللىنىشچان ماتىماتىكا كەسپىدە قايسى مەكتەپلەر ياخشى؟ ،مەن قانداق قىلسام شۇ مەكتەپلەردە ئوقوش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقوش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيمەن؟ ئىنگلىزتېلى ئۆگىنىشتە ماڭا قانداق تەكلىپلەرنى بىرىسىز<ھازىر4-دەرىجىدىن ئۆتۈپ بولدىم، پەن-تېخنىكا سىنىپىدا ئوقىغانتىم>؟
    مىنىڭ خەت ساندۇقۇم: uygur12@yahoo.com.cn
    meripet回复مەمەتجان说:
    سالام ئۇكام،

    ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارنى بىر كۆرۈپ باققان بولسىڭىز:
    http://www.meripet.com/Soal/
    2008-12-03 13:27:32
  • yahximusiz arkin aka !alla tenigizni salamat kilsun!!man aksu bay nahisidin bir dehkan parzanti ,aeila awwalimmu anqa yahxi amas ,amma manda kuqluk qatalga qikix estiki bar ,man hazer kasip tallax aldida ekkilinip kaldim ahirni hanzuqa yazai我现在在重庆大学,我的专业是行政管理,但是现在我想换专业,这个学期期末可以换专业,现在考虑这些专业:1.德语专业。2.电气工程与自动化专业,3.通信工程专业。我个人喜欢学外语,但是好多人说外语应该是副专业,不要专业的学,前途不是那么好,我不太喜欢其他两个专业,但是电气是我学校的牛专业,在新疆好找工作,我很犹豫了应该选哪个?我等你的建议arkin aka !alla tenigizni salamat kilsun!!
    meripet回复delxat说:
    Salam ukam,

    Aldi bilen wamu temini bir oqup baqqan bolsingiz:
    http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinb4.htm
    2008-12-03 13:28:52
  • ھۆرمەتلىك ئەركىن ئەپەندى مەن سىزگە بىر ئىلخەت ئەۋەتكەن ،تەگدىمۇ؟تەككەن بولسا سىزنىڭ مەن سورىغان سۇئالغا بەرگەن جاۋابىڭىزنى كۆرۇپ باقاي دىگەن ئىدىم.
    meripet回复ihsan87说:
    Salam ukam: Yaxshimusiz? Manga sizdin elxet kelmidi. Manga elxet yazghanda elxet adrisidiki sozler arisida bosh orun qalmisun. Shu buyiche yene bir xet mangdurup beqing.
    2008-12-01 02:02:20
  • ئەسسالام ئەركىن سىدىق ئاكا:
    مەرىپەت تور بېتىڭىزدىكى "رەسىملەر" دېگەن بۆلەك يوقاپ كېتىپتىغۇ؟ مەن ھەرقېتىم كىرگەندە رەسىملەرنى كۆرمەي قالمايتتىم. ياكى ئۆزىڭىزنىڭ بىرەر ئويلىغىنىڭىز بارمۇ؟
    meripet回复يەھيا说:
    بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇ رەسىملەرنىڭ ئۇلۇنىشىنى ئېلىۋەتتىم. لېكىن ئۇ رەسىملەر تۆۋەندىكى تور بېتىدە يەنىلا بار:
    http://www.meripet.com/Photo/Aphoto.htm

    مەن بۇ سەھىپىنى ئېلىۋەتمەيمەن، ھەمدە ئۇ يەرگە يېڭى رەسىملەرنى داۋاملىق چىقىرىپ تۇرىمەن.
    2008-12-01 01:59:50
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئەركىن ئاكا ، ئالدى بىلەن سىزگە سالسمەتلىك ، ئاندىن ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.بىز ئائىلىدە پات-پاتلا سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىشىمىز، سىز يازغان يازمىلارنى باللىرىمغا (قەغەزگە ئۇرۇپ چىقىرىپ ) ئۇقۇپ بىرىمەن . بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزگە روھىي ئۇزۇق ئالىمىز. بۇلۇپمۇ يېقىندا يازغان " ئۇ يغۇرلار دۆت ئەمەس ،بەلكى ئەقىللىق"دىگەن يازمىڭىز چۈشكۈنلىشىېاتقان روھىمغا بىردىنلا كۈچ ئاتا قىلدى.بەزىدە باللىرىمنى ئەيىپلەپ سەن نىمىشقا باشقىلاردەك يۇقۇرى نۇمۇر ئالالمايسەن دەيتىم،ھازىر ئولۇنۇپ باشقا بىر مىللەت تىلىدا ئۇقۇپ 85 نۇمۇر ئالالىغان بالامدىن خوش بۇلىدىغان بولدۇم ھەم ئۇلارغا سىلەر ھەرگىزمۇ دۆت ئەمەس بەلكى ئەقىللىق ،دەيدىغان بولدۇم.بىز رىغبەتنى ئائىلىدىن ،ئۆز ئەتراپىمىزدىن باشلاشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تېخىمۇ تۇنۇپ يىتىپ ئۆزەمنى ھەم باللىرىمنى بۇرادەرلىرىمنى كۈندىن كۈنگە ئەقىللىق بۇلۇپ كىتىۋاتقاندەك ھىس قىلىدىغان بولدۇم.
  • ئەسساللام ھۈمەتلىك ئەركىن ئاكا،تېنىڭىز سالامەت ئائلىڭىز بەخىتلىكمۇ؟ خىزمىتىڭىز ئۇتۇقلۇق كېتىۋاتامدۇ؟
    مەن تۇللۇق ئوتتۇردا ئوقوۋاتقاندا [2006] شىنجاڭ ئونۋىرستىتىنى پۇتتۈرۈپ يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان بىر مۇەللىمدىن سىزنىڭ
    ئسمىڭىزنى ئاڭلىغان ئدىم،شۇنىڭدىن باشلاپ سىزگە ۋە سىزنىڭ كەسپىي تەتقىقاتىڭىزغاتولىمۇ قىززئققان ئدىم .چۈنكى:مەن ئەينى ۋاقىتتا فىزىكىغا ئنتايىن قىززىقاتتىم،فىزىكا يېڭلىقلىرىنى ئزدەپ يۈرۇپ كۆرەتتىم،گەرچە ئانچە چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ
    خاۋكىڭنىڭ -- قارائۆڭكۈر ۋە ۋاققىتىقا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم كىتابلىرىنى [ئۇيغۇرچە] ئوقۇغان ئدىم.
    خۇداغا شۈكرى ئەمدى سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئرىشىپتىمەن،
    مەن ھازىر شىنجاڭ مالىيە-ئقتىساد ئونۋىرستىتىدا ئوقۇۋاتىمەن،كەسىپىم مالىيەبوغالتىرلىقى،يېقىندا مىنىڭ بىريۇرۇتدېشىم[يۇرتۇم ئاقسۇ ئونسۇ [كوناشەھەر] ]جۇڭگونىڭ<<ماركىپولوپىلانى>>نىڭ سانى بىلەن ئتالىيەنىڭ <<مىلان ئونۋىرستىتى>>غا
    ئوقۇشقا كەتتى،شۇڭا مەنمۇ شۇ يولدا ماڭايمىكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن،لىكىن چاتاق يېرى(1) مىنىڭ ئوقۇشۇم تېخى پۈتمىدى، شۇڭا ئوقۇشتىن چىكىنىشىمگە توغرا كېلىدىكەن. (2)ئۇمەكتەپ قانداقراق مەكتەپ، كەسىپلىرىچۇ؟ ئاڭلىسام خەلىقارا بوغالتىرلىق كەسپى بەك ياخشىمىش ،فىزىكا كەسپىمۇ ھەرھالدا بولارمىش،قايسى كەسىپنى تاللايمەن؟بىرىنچى يىللىق ئوقۇش پۇلىنى قانداق ھەل قىلىمەن؟ {قالغان5يىللىق ئوقۇش پۇلىنى دۆلەت كۆتۈردۇ} ،،،،،،،،،دىگەندەك مەسىللەر دە بەك گاڭگىراپ قالدىم،
    شۇڭا سىزنىڭ پىكرىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام،يول كۆرسۈتۈپ قويسائكەن دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
    meripet回复ئابدئكئېرەم说:
    سالام ئۇكام:

    خەتىڭىزگە رەخمەت. سىزنىڭ ھازىرقى ئوقۇش ئورنىڭىز سىز ئىرىشىپ بولغان پۇرسەت ھەساپلىنىدۇ. ئىتالىيەدىكى ئوقۇش بولسا بۇنىڭدىن كېيىن قولغا كەلتۈرىدىغان پۇرسەت بولۇپ، ئۇ پۇرسەت چوقۇم قولغا كېلەمدۇ-يوق، ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا باكلاۋر ئۇنۋانى يوقلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئەرىشەلىشى ھەمدە چەت ئەلدە خىزمەت تەپىپ ئىشلەيىلىشى تولۇق كۇرۇسنى پۇتتۇرگەنلەرگە قارىغاندا جىق قىيىنغا توختايدۇ. شۇڭلاشقا، مېنىڭ سىزدەك ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بېرىدىغان تەكلىۋىم: ئالدى بىلەن ھازىرقى ئوقۇشنى غەلىبىلىك تاماملاڭ. ھەمدە شۇ جەرياندا كېيىنكى پۇرسەت ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاڭ. ئەگەر ھازىرقى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن سىزمۇ ئىتالىيەگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولسىڭىز، سىزنىڭ ھېلىقى تونۇشىڭىز سىزگە ئەڭ مۇكەممەل مەسلىھەت بېرەلەيدۇ. ئەگەر باشقىلاردىنمۇ مەسلىھەت ئېلىپ باقماقچى بولسىڭىز، ماڭا ئېلخەت يېزىڭ. مەن سىزنى ھازىر ئىتالىيەدە ئوقۇۋاتقان باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشتۇرۇپ قوياي.
    2008-11-26 13:55:11
  • ئەسسالام بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئەركىن ئاكا! سىزنىڭ مىللىتىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئاچقان تور بىتىڭىزنى بۆگۈن كۆردۈم.گەرچە ناھايىتى كېچىكىپ كۆرگەن بولساممۇ چىن قەلبىمدىن سۆيۈندۈم.مىللىتىمنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.سىزگە بەكلا قايىل بولدۇم. ئاللا سىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ئەزىز تىنىنى سالامەت قىلسۇن!
    سىزنىڭ بارلىق يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم. چىن قەلبىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن! ئەجرىڭىزنى ئاللا بەرسۇن!
    مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى بۇ تور بەتنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر پەخىرلىنمەي،سۆيۈنمەي تۇرالمايدۇ.ئۆزۈمنى ئىلىپ ئىيتسام ئەتراپىمدىكى بەزى تونۇش بىلىشلەردىن ئۆز مىللىتىمىزدىن ئاغرىنىش ،كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلىنىش پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ تەگسىز خىياللارغا غەرق بولغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان.سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسىزلىكىدىن نومۇس قىلدىم.سىزدەك ئۇيغۇر ئۈچۈن يۈرىكى گۈپۈلدەپ سوقۇپ تۇرغان بىر ھۆرمەتلىك ئالىمىمىزنى بۆگۈن تونۇپتىمەن. نومۇس قىلىۋاتىمەن~~~~~~~~~.
    سىزدىن سورايدىغان بەزى سۇئاللارنى ئېلخەت ئارقىلىق سوراي.
    ئەركىن ئاكا، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق،ئەزىز تىنىڭىزگە سالامەتلىك،ئائىلىڭىزگە تىنىچ خاتىرجەملىك تىلەيمەن!
    ئامان بولۇڭ!
    meripet回复تۇرسۇنئاي说:
    سالام ئۇكام:

    ئالدى بىلەن سىزنىڭ، شۇنداقلا باشقا قەرىنداشلارنىڭ مۇشۇ سەھىپىدىكى مەن ئايرىم جاۋاب قايتۇرمىغان سەمىمىي ئىنكاسلىرى ئۈچۈن مەن چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن. مەن بۇ ئىنكاسلاردىن ناھايىتى سۆيۈندۈم ۋە زور ئىلھام ئالدىم.

    مەن www.meripet.com تور بېتىنى ياسىغان ۋە ھازىرمۇ باشقۇرىۋاتقان بولۇپ، ئۇشبۇ تور بېتىنى بولسا ۋەتەندىكى بىر ئۇكىمىز ياساپ چىقىپ باشقۇرىۋاتىدۇ. ئۇ ئۇكىمىز بۇ ئىشلارنى مىللەت ئۈچۈن نامسىز ھالدا قىلىۋاتىدۇ. بىز ھەممىمىز ئاشۇ ئۇكىمىزغا رەخمەت ئېيتساق بولىدۇ.

    ئەگەر ئايرىم سوئالىڭىز بولسا، مەندىن ئېلخەت ئارقىلىق سورىڭىز بولىۋېرىدۇ.
    2008-11-26 13:41:52
  • ھۆرمەتلىك ئالىمىمىز ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىز پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەخرى! ئىشىنىمەنكى، بۇ ئالىمىمىز ۋە ئائىلىسىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ئۈچۈن دۇئاغا قول كۆتۈرگەن، كۆتۈرىۋاتقان ۋە كۆتۈرىدىغان كىشىلىرىمىز ئاشسا ئاشىدۇكى، ھەرگىزمۇ كېمەيمەيدۇ! شۇ چەت ياقا يۇرتلاردا تۇرۇپ، ئۆزۈنىڭ ئالدىراشلىقىغا باقماي، يەنە ۋاقىت چىقىرىپ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاۋاتقان ئەركىن سىدىق ئاكىمىز باشچىلىقىدىكى بارلىق شىرمەتلەردىن ئانا مىللىتى سۆيۈنمەي قالمايدۇ! بىز ياشىغان دۇنيا ئۆتنە دۇنيا! شىرمەتلىرىمىز ئۆز مىللىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرسە، ئۆز مىللىتىمۇ ئۇشبۇ شىرمەتلەر ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈدۇ!
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاكا .مەن سىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن.سىزنىڭ بىز ئۇيغۇر ئوقوغوچىلار ئۈچۈن چەتئەلگە چىكىپ ئوقوش ئۇچۇرلىرىنى يوللاش ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىڭىزنىڭ ئەجرىنى بەسۇن خۇدايىم !
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا ياخشىمۇسىز ،مەن سىزدەك بىر ئالىمىمىزنىڭ بارلىقىنى ئۇقۇپ ئىنتايىن خۇشاللاندىم .
    ھەم سىزدىن بەزى نەرسىلەرنى سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ
    <تەن بلەن ئاڭ>،<پىسخىلوگىيە><گىپنوز>لار توغرىسىدا ماڭا بىر تەلىم، بەرگەن بولسىڭىز . رەھمەت
    meripet回复ئوسمان说:
    سالام ئۇكام: سىز سورىغان بۇ مەزمۇنلاردىن مېنىڭ ئانچە خەۋەرىم يوق. شۇڭا مەن ۋاقىت تاپالىغاندا ئىزىدىنىپ، سوئالىڭىزغا ئاندىن جاۋاب بېرەي.
    2008-11-26 13:29:59
  • ئەسسالام ئەركىن ئاكا مەن شىنجاڭ تىببى ئۇنۋىرىستىتىدا ئوقۇيمەن سىزنىڭ ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس ،بەلكى ئەقىللىق دېگەن ماقالىڭىزنى ئوقۇپ تولىمۇ تەسىرلەندىم،بولۇپمۇ رىزۋان ھاجى ئاچىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى مېنى تولىمۇ قايىل قىلدى ،مەندىمۇ ئۆز كەسپىمدە ئاشۇنداق نەتىجە يارىتىش ئۈمىدى بار ئىدى شۇڭا كەسپى ئىنگىلىزتىلىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆگەنگەن ئىدىم، بىراق ئۇ ئىمتىھانغا قانداق تەييارلىق قىلىش ،قايسى كىتابلارنى كۆرۈش ،جوڭگودا بەرگىلى بولامدۇ -يوق؟دېگەن مەسىلىلەردە مەسلىھەتكە موھتاج بولۇپ قالدىم،
    meripet回复شاۋكەت说:
    سىز ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى تور بېتىنى ئوبدان كۆرۈپ بېقىڭ. ئەگەر ئۇنىڭدا سىز سورىغان سوئاللارغا تولۇق جاۋاب بولمىسا، ماڭا ئېلخەت يېزىڭ.
    http://www.meripet.com/Main/TibbiDawalash.htm
    2008-11-26 13:23:23
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
  • ئەركىن ئەپەندى مەن سىز بىلەن ئالاقىلشاي داپ سىز كۆرسەتكەن erkinsidiq @ gmail.com)گە ئىېمال يېزىپ يوللىسام请正确填写以下邮件地址:
    erkinsidiq @ gmail.comدەپ ئىلخەت ماڭمىدى. بۇ قانداق ئىشتۇ؟مىنىڭ ئىلخەت ئادىرسىم ihsan87@163.com
    meripet回复ihsan87说:
    ماڭا ئېلخەت يازغاندا ئېلخەت ئادرىسىمدىكى @ ھەرىپى بىلەن قالغان سۆزلەر ئارلىقىدا بوش ئورۇن قالسا بولمايدۇ. ماڭا كېلىدىغان «ئەخلەت ئېلخەتلەر» نىڭ سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن مەن ئېلخەت ئادرىسىمنى ئاشۇنداق (@ بىلەن قالغان سۆزلەر ئارىسىدا بىردىن بوش ئورۇن قۇيۇپ) يېزىپ بېرىۋاتىمەن. شۇڭا بوش ئارلىق قويماي قايتا خەت يېزىپ بېقىڭ.

    Eskertish: "Exlet elxetliri" (In'glizche "junk mails") mangduridighan kishilerning bir xil yumshaq detali bar bolup, ular ashu yumshaq detal arqiliq internettiki @ heripi bar sozlerning hemmisini yighidu. Andin ashu sozlerning hemmisini elxet adrisi dep hesaplap, shu "adrislar" gha "exlet elxetliri" mangduridu. Men ozemning adirisini "erkinsidiq @ gmail.com" dep yezip bergen bolghachqa, yoqurqidek yumshaq detallar "exlet elxetler" ni mening toghra elxet adrisimgha emes, belki "@" gila mangduridu. Mening yoquriqi yazmamning menisi mana shu. Shunglashqa yoquriqi jawabimni toghra chushinishingizni umit qilimen.
    2008-11-20 10:55:14
  • ياخشىمۇسىز؟ مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. پات ئارىدا ئوقۇش پۈتتۈرىمەن، مېنىڭ داۋاملىق يۇقىرلاپ ئوقۇش .ارزۇيۇم بار ، تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن ، تۈرۈكچىدىنمۇ .ئاساسىم بار، بىراق ئۇ يەرگە چىقىشتا قانداق رەسمىيەتلەر كېتىدۇ ،نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك بىلمەيمەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىن سوراپ بىلىۋالغۇم بار، ماڭا مەسلىھەت بېرەرسىزمۇ؟
    meripet回复خاسىيەت ئەزىز说:
    سالام ئۇكام،

    ياخشىمۇسىز؟ ماڭا erkinsidiq @ gmail.com ئارقىلىق بىر ئېلخەت يېزىڭ. قالغان گەپلەرنى ئېلخەت ئارقىلىق دىيىشەيلى.
    2008-11-20 10:50:45
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!
    ياخشىمۇ سىز ئەرىكىن سىدىق ئاكا.
    راستىمنى ئېيتسام مەن سىز دەك بىر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتىم. سزنىڭ ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس، ئەقىللىق دېگەن ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن سىزگە ئالاھىدە قىزىقىش بىلەن ئىنتىلدىم.
    ئاللا بۈگۈن سىزگە خەت يېزىشقا مۇيەسسەر قىلدى. سىزگە مەن چىن كۆڭلۈمدىن قايىل.
    مەن سىزنى ئاكا دېيىشكە مۇناسىپ كەلمەسلىكىم مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ سىزنى ئاكا دەپ چاقىراي. بۇنىڭدىن كېيىن سىزگە خەت يېزىپ تۇرىمەن. ماڭا كۆپىرەك ياردەم قىلارسىز!
    خەير-خوش. ئاللاغا ئامانەت.
    ئەركىن سىدىق ئاكا ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن سىزگە يازغان خېتىمنى مۇشۇ يەردە تامام قىلدىم.
    meripet回复مەخمۇتجان说:
    سالام ئۇكام،

    سەمىمىي خېتىڭىزگە رەخمەت. مېنى نىمە دەپ ئاتىسىڭىز بولىۋېرىدۇ—بۇ جەھەتتە ئىككىمىز باپ-باراۋەر. مەن ھەممە ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    2008-11-20 10:48:09
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئەپەندى ، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىز ئۇيغۇر ئۈچۇن ياخشى ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىش يولىدا قىلغانلىرىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەخمەت.



    سالامەت بولۇڭ!
  • 你好!艾尔肯哥哥。。我是新疆大学建筑工程学院的研二学生,很爱学习,我很想出国留学,我专业是建筑设计和理论,我是新疆的唯一的学这专业的小数民居研究生,我的使命是成为一个伟大的维吾尔族女建筑师,为我的民族做出贡献,保护我门的民族的建筑空间和风貌。。。。。。,想听的建议,出那个国家比较好,可以获得公费上博士。。。。谢谢。。盼望你的回信。。
  • خېتىڭىزنى كۆردۇم ، ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ قايتۇرغان جاۋابىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت .
    ئەمدى يەنە ئۆز گېپىمگە كەلسەم، مېنىڭ چاقىرىقىم ئېنگىلىزتىلى مەكتىپىدىن كەلگەن چاقىرىق ئەمەس. مەن بارىدىغان مەكتەپ لوس ئانجىلىس تىكى herguan university ، ئۇمەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىدىن چاقىرىق كەلدى. ۋىزىغا ئىلتىماس قىلساممۇ شۇ مەكتەپتە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلماقچىمەن. ئۇ مەكتەپ TOEFL ياكى GRE تەلەپ قىلمايدىكەن . لېكىن دەرسنى ئېنگىلىزچە ئۆتىدىغان بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار بېرىپ دەسلەپتە يېرىم يىل ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىپ ئاندىن ئۆزىنىڭ ئوقۇشىغا كىرىدىكەن .
    ئەمدى مېنىڭ سىزدىن سورىماقچى بولغىنىم ، مەن شۇمەكتەپنىڭ چاقىرىقى ئارقىلىق ئامرىكىغا چىقسام (ئەگەر ۋىزا ئالالىسام) ھەمدە شۇ مەكتەپنىڭ قائىدىسى بويىچە شۇيەردە ئېگىلىزچىنى ئۆگىنىپ باشقا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئالماشسام بولامۇ؟ گەرچە ھازىرغىچە TOEFL ياكى GRE ئىمتىھاننى بېرىپ باقمىغان بولساممۇ مېنىڭ ئېنگىلىزتىلى ئاساسىم ياخشى ، مېنىڭچە مەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلەيمەن .
    جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن .
    رەھمەت
  • خېتىڭىزنى كۆردۇم ، ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ قايتۇرغان جاۋابىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت .
    ئەمدى يەنە ئۆز گېپىمگە كەلسەم، مېنىڭ چاقىرىقىم ئېنگىلىزتىلى مەكتىپىدىن كەلگەن چاقىرىق ئەمەس. مەن بارىدىغان مەكتەپ لوس ئانجىلىس تىكى herguan university ، ئۇمەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىدىن چاقىرىق كەلدى. ۋىزىغا ئىلتىماس قىلساممۇ شۇ مەكتەپتە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلماقچىمەن. ئۇ مەكتەپ TOEFL ياكى GRE تەلەپ قىلمايدىكەن . لېكىن دەرسنى ئېنگىلىزچە ئۆتىدىغان بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار بېرىپ دەسلەپتە يېرىم يىل ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىپ ئاندىن ئۆزىنىڭ ئوقۇشىغا كىرىدىكەن .
    ئەمدى مېنىڭ سىزدىن سورىماقچى بولغىنىم ، مەن شۇمەكتەپنىڭ چاقىرىقى ئارقىلىق ئامرىكىغا چىقسام (ئەگەر ۋىزا ئالالىسام) ھەمدە شۇ مەكتەپنىڭ قائىدىسى بويىچە شۇيەردە ئېگىلىزچىنى ئۆگىنىپ باشقا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئالماشسام بولامۇ؟ گەرچە ھازىرغىچە TOEFL ياكى GRE ئىمتىھاننى بېرىپ باقمىغان بولساممۇ مېنىڭ ئېنگىلىزتىلى ئاساسىم ياخشى ، مېنىڭچە مەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلەيمەن .
    جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن .
    رەھمەت
    meripet回复ئۇيغۇرىيە说:
    ئەگەر سىز بۇ مەكتەپكە كەلسىڭىز، ئۇ يەردە بىر مەزگىل ئوقۇغاندىن كېيىن، باشقا مەكتەپكە ئالمىشالايسىز. ئامېرىكىنىڭ قانۇنى بويىچە قارىغاندا، بۇنىڭغا توسالغۇ بولىدىغان ھېچ قانداق ئىش يوق. لېكىن، ۋاقىتنى ئوبدانراق پىلانلاڭ. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئامېرىكىنىڭ رەسمىي ئالىي مەكتەپلىرى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتىيازلىق مەۋسۇمدىن باشلاپ ئوقۇش باشلىشىغا يول قويمايدۇ. 2009-يىلى كۈزلۈك مەۋسۇمدىن باشلاپ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى كېلەر يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئاخىرلىشىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئۈلگۈرەلمىسىڭىز، سىز 2010-يىلىغا قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئامېرىكىغا كەلىپ بولغاندىن كېيىن، 2010-يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ باشقا مەكتەپكە ئالماشقىلى بولامدۇ-يوق، مەن ئۇنى ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن. ئەھتىمال بەزى مەكتەپلەر ئۇناپ قەلىشىمۇ مۇمكىن.

    سىز كەلمەكچى بولغان Herguan Universityدەگەن مەكتەپLos Angeles تا ئەمەس،San Francisco نىڭ قەشىدىكى شەھەردە ئىكەن.

    Office: 970 W El Camino Real, Sunnyvale CA94087, Campus: 1183 Bordeaux Drive, Sunnyvale CA94089
    Phone: (408)481-9988, Fax: (408)745-7580 (408)992-0488
    E-mail: info@herguanuniversity.org
    HERGUAN UNIVERSITY. Copyright © 2007-2008. All Rights Reserved
    2008-11-20 10:42:33
  • ياخشىمۇسىز مەن سىزنىڭ بۇ يازمىلىرىڭىزنى تۈنجى كۆرۈشۈم .مەن شۇنى بىلمەكچى سىزنىڭ ئىلكتىرونلۇق خەت ساندۇقىڭىزنىڭ ئادېرسى قايسى ؟مەن يەنە شۇنى بىلمەكچى سىز پىسخولوگىيەنى بىلەمسىز ؟مىنىڭچە بىلىسىز ،مەن سىز بىلەن پاراڭلىشىشىنى ئىنتايىن خالايمەن !!!!!!!!!!!!!!!!
    meripet回复ئىلشات تۇرغۇن说:
    سالام،

    مېنىڭ ئېلخەت ئادرىسىم erkinsidiq @ gmail.com . مەن پىسخولوگىيە كەسپىدە ھەچ قانداق دەرس ئېلىپ باقمىغان. شۇڭا بۇ ساھەدە بىلىدىغىنىم ئۆزەم ئۇگىنىۋالغان ئازراق بىلىملەردىنلا ئىبارەت. ئەگەر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئىستىسىڭىز، ماڭا ئېلخەت يېزىڭ.مەن ئىمكانىيىتىمنىڭ يار بېرىشىچە سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن.
    2008-11-18 13:24:31
  • ياخشىمۇسىز ؟ مەن سىزگە خەت قالدۇرۇپ قويغانتىم ، لېكىن جاۋابىنى كۆرەلمىدىمغۇ؟
    meripet回复ئۇيغۇرىيە说:
    سەمىمىي خېتىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت. مەن ئۇنىڭدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم.

    سىزنىڭ بۇ پىلانىڭىزنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىشىدىن ئۈمىت بار. لېكىن، مېنىڭ ئۆلچىمىم بۇيىچە قارىغاندا، بۇ پلان ئەڭ غايىۋى پىلان ئەمەس. بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ:

    1. بەيجىڭدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئىنگلىز تىلى ئۈگىنىش يولى بىلەن ئامېرىكىغا كېلىدىغانلارغا ئاسانلىقچە ۋىزا بەرمەيدۇ. ئەگەر بۇ قېتىمقى ۋىزا ئىلتىماسىڭىز ئوڭۇشلۇق بولماي قالسا، كېيىن نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن – مەن ئۇنداق ئەھۋالنى ناھايىتى كۆپ كۆرگەن.

    2. ئىنگلىز تىلىنى ئامېرىكىدا ئوقۇش ناھايىتى قىممەتكە توختايدۇ. بولسا ئۇ مەكتەپ سىزدىن يېرىم يىللىق ئوقۇش ئۈچۈن قانچىلىك ئوقۇش پۇلى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىر سوراپ بېقىڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جۇڭگودىكى بىر قىسىم ئىنگلىز تىلى كۇرۇسلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ تىل ئۈگىتىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولۇپ، يېرىم يىلدا TOEFL ۋە GRE دە لاياقەتلىك بولغىدەك دەرىجىگە يېتىش ئانچە ئاسان ئەمەس.

    شۇڭا ئوبدانراق ئويلۇنۇپ ئاندىن قارار قىلارسىز. مەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
    2008-11-17 13:04:48
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا ، مەن سىزنىڭ قايتۇرغان جاۋابىڭىزنى كۆردۈم ، ئەگەر مەن قايتىدىن ئوقۇشقا كىرىپ ئوتتۇراتېخنىكۇمنى ياكى ئىككى يىللىق تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ بىرەر كەسپىنى پۈتتۈرسەم ئىنگىزلى تىلىدىن 6-دەرىجىدىن ئۆتسەم ، ئۇچاغدا بىرەر دۆلەتكە تېخنىكا كۆچمىنى بولۇشقا مۇمكىن بولارمۇ ؟
    ئاخىرىدا سىزنىڭ ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقىنىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن .
    ھۆرمەت بىلەن بورھان ئۆمەر
    meripet回复بورھان ئۆمەر说:
    سالام ئۇكام،

    مەن پەقەت ئۆز دولىتىدىلا ئوقۇپ كوچمەن بولماقچى بولغانلارنى قۇبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەردىن پەقەت ئامېرىكا بىلەن كانادانىلا بىلىمەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ تەلىۋى بىر قەدەر يوقۇرى بولۇپ، ئادەتتە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بولمىسا بولماسلىغى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ كونكىرىت شەرتلىرىدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق ئىكەن. ئەمدى كاناداغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىش شەرتى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، سىز تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە (مەرىپەت) تور بېتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىڭىزنىڭ شەرتى توشىدىغان-توشمايدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز:
    http://www.meripet.com/Canada/ImmCanadaUyghur.htm

    ئاشۇ بۇيىچە بىر سىناپ بېقىڭ. مەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
    2008-11-18 13:17:05
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پەخىرلىك ئوغلانىمىز ، ئۇيغۇر بۈركۈتى ئەركىن سىدىق ئاكا قانداق ئەھۋالىڭىز ، مەن سىزدىن بىر ئىشتا مەسلىھەت سوراي دىگەن ، مەن تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئىدىم ، سەۋەبى دادام ئوقۇشۇمنى خالىمايدۇ ، ئۇ ئوقۇشتىن پايدا چىقمايدۇ . نىمەقىلىسەن ئوقۇيمەن دەپ ساڭا ماشىنا ئېلىپ بەرسەم شۇنى ھەيدىسەڭ ئۆينى گۈلدەك باقالايسەن دەيدۇ ،ئۆيدە مەندىن باشقا يەنە 4بالا بار .مەن ئوتتۇرانجىسى ،مەن ئوقۇشقا بەكمۇ قىزىقىمەن .سىزدىن سوراپ باقسام مەندەك تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرپ ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئادەم ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا بىرەر ئامال بارمىدۇ ؟ مىنىڭ بەكمۇ چەتئەلگە چىقىپ كەتكۈم بارئىدى . سەۋەبى ئۇيەردە ۋەتەندە قىلىشقا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى قىلىپ مىللىتىمىز ئۈچۈن كۈچ قىرىش ئىمكانىيتى باردەپ ئويلايمەن . مەن چەتئەلگە چىقىپ كېتىش ھەم كۆچمەن بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قايسى يولدا ماڭسام بىر قەدەر توغرا بولار ؟ قايسى دۆلەتكە چىقىش ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن پايدىلىق ؟ ھەم ئاسان چىققىلى بولىدۇ ؟
    سەمىمى مەسلىھەتىڭىزنى كۆرسەتكەيسىز؟
    ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن
    خەيىر خوش
    meripet回复بورھان ئۆمەر说:
    سالام ئۇكام،

    سىزنىڭكىدەك ئەھۋالدىكىلەر بىۋاستە ئوقۇش يۇلى بىلەن چەت ئەلگە چىقالماسلىغى مۇمكىن. سىز ئۈچۈن مۇنداق ئىككى يول بار: بىرسى ساياھەت قىلىش يولى بىلەن چىقىش. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدە نۇرغۇن پۇل بولمىسا بولمايدۇ. يەنە بىرسى تۇققان يوقلاش يولى بىلەن چىقىش. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ چەت ئەلدە بىرەر تۇققىنىڭىز بولىشى كېرەك. مۇشۇنداق يول بىلەن چەت ئەلگە چىقىۋالسىڭىز، سىز ئۇ يەردە تولۇق ئوتتۇرىدىن باشلاپ تولۇقلاپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.

    ماۋۇ تور بەتىنى كۆرۈپ بېقىڭ:
    http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=19573
    2008-11-13 13:27:03
  • 你好.不好意思،我原来想给你发信.但是找不到你的电子油箱. 请给我写一下你的邮箱.谢谢.
评论分页:共8页 第一页 上一页 1 2 3 4 5 6 7 8 下一页 最后一页