باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

    评论

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەركىن ئەپەندىم، سالامەت تۇرۇۋاتامسىز؟ دوستىمىز دىلشات ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟ ئۇنىڭ ئوقۇشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. مەن تېخى ھېلىلا خەت ساندۇقىڭىزغا خەت يازدىم. ئەلۋەتتە تۇركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىپ خەت يازدىم . بىراق بۇگۈن 10-چىسلا. ئۇقتۇرۇشتىكى ۋاقىتتىن كىچىكتىم.بىراق يەنىلا زور ئۈمۈدتىمەن. قانداقلا بولمىسۇن سىزدىن جاۋاپ كۇتىمەن.

    ھە راست ئوغلىڭىز دىلشاتجاننىڭ ئېلخەت ئادرىسىنى بىلىشكە بولارمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن مەن قاتارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تولىمۇ پىكىرلەشكىسى بار.
    meripet回复ئۇيغۇر ئوغلى说:
    Manga elxet yezing. Andin men sizge oghlumning elxet adrisini dep berey.
    2009-01-12 00:26:09
  • ئەركىن ئاكا، ياخشىمۇ سىز؟ مەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىن كېيىن"Meripet"تىكى خەت ساندۇقىڭىزغا يازغان، ئەمما يەنىلا جاۋاپ يوق. ئۇ خەت مەن ۋە نۇرغۇن كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ئۇنى مۇشۇ يەرگىلا يېزىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
    ئۆتكەن يىلى ۋە بۇ يىل رامازان ئېيى(روزا ھيت) ۋە زۇلھەججە ئېيى( قۇربان ھېيت) نىڭ باشلىنىش - ئاخىرلىشىش توغرىلىق خېلى كۆپ ئىختىلاپ چىقتى. ھەج قىلىپ كەلگەن قېرىنداشلاردىن ئاڭلىشىمچە سەئۇدى ھۆكۈمىتى رامازان ئېيى كىرگەندە ئەگەر ئاي كۆرۈنمىسە ئايرۇپىلان بىلەن ئاي كۆرۈنگەن ياكى كۆرۈنمىگەنلىكىنى ئىزدەيدىكەن، لېكىن بۇ يەردە ئەھۋال باشقىچە، نەچچە يىل ئاۋال تۇزۈپ قويغان كالېندار بويىچە ھېيت نامىزى ئوقۇلىدۇ. داۋاملىق مەككەدىن بىر كۈن كېيىن ئوقۇلىدۇ. "بۇ نېمە ئىش؟' دەپ سورىغۇچىلارغا بۇ يەردىكىلەر "ۋاقىت پەرقى" دەپ جاۋاپ بېرىشىدۇ. مەن ۋە ماڭا ئوخشاش خېلى كۆپ ياشلار "ۋاقت پەرقى ئەلبەتتە بار، ئەمما بۇ يەردە كۈن مەككىدىن 3سائەت بۇرۇن چىقىدۇ، كۈن بۇرۇن چىققاندىكىن ئايمۇ مەككىدىن 3سائەت بۇرۇن كۆرۈنىدۇ، ئەگەر بەك ئەزۋەيلەپ كەتسە، بۇ يەردە ناماز مەككىدىن كېيىن ئەمەس بۇرۇن ئوقۇلۇشى كېرەك. بولمىسا ئوخشاش بىر كۈندە ئوقۇلۇشى كېرەك." دەپ قارايمىز. مۇشۇ ھەقتە سىز ئۆزىڭىزنىڭ چۈشەنچىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققان بولسىڭىز. يەنە بىر مەسىلە، ئاينىڭ 14،15،16-كېچىسى ئىچىدە قايسى كېچىدە ئاي ئەڭ يۇمۇلاق ھالەتتە بولىدۇ؟ ئەگەر 14-كېچىدىكى ئاي ئەڭ يۇمۇلاق بولسا، يېرىم نان شەكىلدە كۆرۈنگەن ئاينى"ئايغا 7بولۇپتۇ"دەپ ھىساپلاشقا بولامدۇ يوق.
    ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويىدىغان بولدۇم، خەير، ئاللاھگە ئامانەت!
    meripet回复ئابلەتجان كېرەم说:
    سالام ئۇكام،

    سىز دېگەن ئەھۋال ئامېرىكىدىمۇ ئوخشاش. بۇ يەردىكى ئوخشىمىغان مۇسۇلمان گۇرۇپپىلىرى ھېيت نامىزىنى ئىككى كۈنگە بولۇپ ئوخشىمىغان كۈندە ئوقۇيدۇ. ھەمدە نامازغا بىر قانچە كۈن قالغىچە نامازنىڭ قايسى كۈنى ئوقۇلىدىغىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

    ئىلمىي نۇقتىدىن قارىغاندا، ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى يەر يۈزىدىكى ئادەمگە كۆرۈنىش-كۆرۈنمەسلىگى شۇ جايدىكى ھاۋانىڭ بۇلۇتلۇق ئىكەنلىگى ياكى ئەمەسلىگى بىلەنما مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەر يەر يۈزىدىن 10 كىلومېتىر ئىگىزلىككە چىقسىڭىز ئاينى ھەر كۈنى كۆرەلەيسىز. شۇنداقلا، يېڭى ئاي قايسى كۈنى چىقىدۇ، قايسى كۈنى تولۇق ئاي بولىدۇ، دېگەنلەرنىمۇ نەچچە 100 يىلغىچە ئالدىن ھەساپلاپ چىققىلى بولىدۇ.

    مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسىدە ناماز ئوقۇيدىغان كۈننى ئاينى يەر يۈزىدە تۇرۇپ، كۆز بىلەن بىۋاستە كۆرۈپ ئاندىن بېكىتىدىكەنمىز. شۇڭلاشقا سىز دېگەن ئەھۋاللار يۈز بەرىدىكەن.

    ئەگەر بىر ئاينى «لۇنار» ئېيى بويىچە ھېساپلىغاندا، يەنى ئاي يېڭى چىققاندا 1-چىسلا بولۇپ، تولۇق ئاي چىققان كۈننى ئاينىڭ ئاخىرسى دەپ ھېساپلىغاندا، بىر ئاي ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 29.531 كۈن بولىدىكەن. لېكىن «لۇنار» ئېيى 29 ياكى 30 كۈن بويىچە ھېساپلانغانلىغى ئۈچۈن، تولۇق ئاي بەزىدە ئاينىڭ 14-كۈنى، بەزى ئايدا ئاينىڭ 15-كۈنى چىقىدىكەن.
    2009-01-11 00:38:51
  • ظةسسالامذ ظةلةيكذم هورمةتلك ظةركئن ظاكا ياخشئمذسئز !مةن ظويغذرئية بئلوگئ ظارقئلئق سزنئث يازغان ماقاللئرثئزنئ تذلذپ ظذقذشقا مذيةسسةر بذلذپ كئلؤاتئمةن،بذگذن سئزنئث قوش تئللئق ماظارئپ توغئرسدا يازغان ماقاللئرنئ ظذقذپ ناهايتئ تةسرلةندئم.شذنداقلا نذرغذن ظويلنش قئلئدئم . مئنئ ؤة ماثا ظوخشاش بئر ظانئلارنئ ظويغاتقانلئقئثئزغا كوپتئن كوپ تةشةككذر! سئزدةك ؤة سئزگة ظوخشاش مئللتئمئزنث كةلگذسگة كذثذل بذلئدئغان ظوتكذر پئكئرلئك كشلةرنئث كوپلةپ چئقئشئنئ چئن كوثلئمئدئن ظذمذت قئلمةن .
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىنكا ؟ سالامەتمۇسىز ؟ سىزدىن سورايدىغان مۇنداق بىر سۇئال بار ،مەن بۇيىل تۇللۇق ئوتتۇرنىڭ
    3. يىللىقىدا ئۇقۇيمەن .
    مەن ئۆيدە بالىنىڭ چوڭى، ئۆينىڭ ئىقتىسادى دىگەندەك ياخشى ئەمەس ،بىز دىھقانلارنىڭ كۈنى قانچىلىك بولماقچى دەيسىز،
    بۇيىل قەرىز ئالىمىز كىلەر يىلى بىر يىل قەرىزگەئىشلەيمىز ،نەچچە يىلدىن يامان ئەمەستى ،بۇيىل پاختا تېرىپ قەرىز بولدۇق. شۇڭا مەن كۈندىن كۈنگە پۇل تېپىشنى ئويلايدىغان بولدۇم ، ئاخىرى سىنىپتا بەشنىڭ ئىچىدە ماڭغان ئادەم ئۇقۇشنى تاشلىۋەتتىم،ئاخىردا بۇرۇختۇرما بۇلۇپ مەكتەپتىن چىقىپكەتتىم، مەن پۇل تېپىپ ئاندىن چەتئەلگە چىقىشنى ئويلۇدۇم سىزچە شۇنداق قىلسام بۇلارمۇ؟
    meripet回复مۇساجان ئەنۋەر说:
    سالام ئۇكام،

    تۆۋەندىكى تور بېتىنى تەپسەلىي كۆرۈپ چىقىڭ:
    http://www.meripet.com/Soal/
    2009-01-10 09:28:50
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟ مەن قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيمەن كەسپىم تەنتەربىيە چەتئەلدە ئالاھىدە كەسىپ تۈرى بويىچە ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىنمىغانمۇ ؟ياكى مىللىتىمىزدىن ئوقۇيدىغانلار ئىمتاھان بېرىپ باقىدىغانلار چىقمىغانمۇ؟مەن ھازىر ئېنگىلىزتىلى ئۆگۈنۋاتقان ئاللا خالىسا ماگىستىرلىققا ئىمتاھان بېرىمەن،،،،يول كۆرسەتسىڭىز ،،،
    meripet回复ياسىنجان说:
    سالام،

    ئەگەر سىز يېقىندا ئۇقۇتۇش قىلىنغان ئىككى فىزىكا ئوقۇغۇچىسىغا بېرىلىدىغان پۇرسەتنى دىسىڭىز، ئۇ بىر پەۋقۇلادە پۇرسەت بولۇپ، باشقا كەسىپتىكىلەرگە بۇ قېتىم ئۇنداق پۇرسەت چىقمىغان ئىدى. ئەمدى ئۆز ئىشىڭىزغا كەلسەك، كونكىرىت مەسىلىلەردە مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ. ياكى بولمىسا تۆۋەندىكى تور بېتىنى تەپسەلىي كۆرۈپ چىقىڭ:
    http://www.meripet.com/Soal/
    2009-01-10 09:27:03
  • ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەركىن ئاكا، ياخشىمۇ سىز؟ نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا سىزگە ياخۇدىكى خەت ساندۇقۇمدىن خەت يازغان ئىدىم، ئەمما جاۋابىڭىز كەلمىدى، رىشات ئاكىغىمۇ يازغان، ئوخشاشلا جاۋاپ يوق. 10-ئايدا، بۇ يەردىكى سىياسى كۆرەش جەريانىدا تېلىۋىزۇردىن بەزى كىشىلەرنىڭ ئۈستىڭىزدىن چىقارغان بەدناملىرىنى ئىشتىپ، كۆڭلۈم يېرىم بولغان، سىزدىن جاۋاپ ئالالمىغاندىن كېيىن تېخىمۇ ئەنسىرەشكە باشلىدىم.
    بۈگۈن ئەتىگەندە "قوش تىللىق بولۇش مائارىپى" ھەققىدىكى يازمىڭىزنى كۆردۈم، لېكىن كۆڭلۈم يەنىلا جايىدا ئەمەس، سىزگە بىر ئىش بولمىغاندۇ؟ خەت ساندۇقىڭىزنىڭ ئادرېسى ئۆزگەردىمۇ يە؟
    meripet回复ئابلەتجان كېرەم说:
    سالام ئۇكام،

    مەن ھەر جەھەتتىن ئوبدان تۇرىۋاتىمەن. مەن ئادەتتە ئۆزەمگە كەلگەن ھەممە خەتلەرگە جاۋاب قايتۇراتتىم. سىزنىڭ خېتىڭىزگە نىمە بولغىنىنى بىلەلمىدىم. مېنىڭ ئېلخەت ئادرىسىم ئۆزگەرمىدى. www.meripet.com دىكىسى شۇ. ماڭا كۆڭۈل بولگىڭىزگە كۆپ رەخمەت.
    2009-01-07 11:09:08
  • مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى فىىزىكا فاكۇلتىتى ئوقۇغۇچىسى . مەن دەسلەپ بۈيۈك ئارزۇلار بىلەن بۇ مەكتەپكە قەدەم باسقان ، ئەمما كەسپى دەرسلەرنى باشلىشى بىلەنلا بۇ يەرگە خاتا كېلىپ قاغانلىقىمنى ھېس قىلدىم . ئەسلىدە ئالى مەكتەپكە قۇبۇل قىلڭش ئىمتاھانىدا ئالغان نۇمۇرۇم جۇڭگودىكە ھەر قانداق ئالى مەكتەپكە كىرىشكە يېتەتتى.
    ئەمما بۇ يەردە پەقەت بىر نەچچە ئوقۇتقىچىدىن باشقا (مەن كۆرگەن) لاردىن باشقىلار فىزىكىدىن خەۋىرىمۇ يوقتەك ! ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلىمىزدىمۇ مەلۇم مەسلىلەر(ئىقدىسادى جەھەتتىن قويمىچى غا ئۇچىراپ بۇرمۇنچە قەرز بۇلۇپ قالدۇق) كۆرۈلدى.
    شۇنىڭ بىلەن 1 مەۋسۈم ئوقۇشنى بولىشىغىلا (60نۇمۇر ئۈچۈن )دېگۈدەك ئوقۇپ بولدى قىلدىم . ھەمدە ئاران دېگۈدەك ئۆزۈمنى تۈزەپ ئېنگىلىز تىلى ئۆگۈنۈشنى باشلىۋېلىپ 4-دەرىجىدىن ئۆتكىدەك سەۋىيە ھازىرلىدىم.ئەمدى پىلانىمدا داۋاملىق ئۆگىنىپ IELTSقا ئوخشاش بىرەر ئىمتاھاندىن ئۆتۈش ،ئەگەر ئىمتاھاندا ياخشى نەتىنجە بىلەن ئۆتۈپ قالسام بىرەر تىل تەربىيلەش ئورنىدا ئىشلەپ پۇل تېپىۋالغاندىن كېيىن ئۆيدىكى بىر قىسىم مەسلىلەرنى ھەل قىلىۋېتىپ ئاندىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بار.مېنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرۈشۈمگە يەنە 3.5يىل بار !
    سىزنىڭچە توغرىمۇ؟ ياكى باشقىچە يول تۇتىشىم بەكرەك ئاسان نەتىنجە بېرەرمۇ؟
    ئەلۋەتتە ئۆزۈمنى ماختىغىنىم ئەمەس ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمدا (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا) ئوقۇتچۇلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنىڭ تەپپەككۈرۈمنىڭ جايىدا ، ئېنىق ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنەتتى ، ھەممىسى مەندىن چوڭ ئۈمۈتلەرنى كۈتەتتى.
    مېنىڭ ئۆگۈنۈش جەھەتتە مۇنداق بىر ئادىتىم بار : تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۆگۈنۈشكە خۇمارىم تۇتقاندا ئۆگەنسەم ناھايىتى تېز ئۈنۈم ھاسىل قىلالايمەن ،باشقا ۋاقىتلاردا ئانچە ياخشى ئەمەس!ئۈنۈمنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئادىتىمنى ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ؟ ياكى باشقىچە تەدبىر قوللىنىش كېرەكمۇ؟ ئالىمنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئېلىپ قويدۇم ،مەسلىھەت بەرسىڭىز!
    meripet回复ھېس说:
    سالام ئۇكام،

    فىزىكا كەسپىدە ئامېرىكىغا كېلىپ، تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇغۇلى بولىدۇ. ئەگەر باشقا ئەھۋاللار سىزنىڭ يولىڭىزنى توسمىسا، تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە TOEFL بىلەن GRE دە لاياقەتلىك بولۇپ، تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرۈپ بولۇپلا ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر باشقا ئەھۋال ئۇنىڭغا يول قويمىسا باشقا ئىلاجە يوق.

    ئوخشىمىغان ئادەمنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇلنى تاللىشىڭىز ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
    2009-01-06 11:11:08
  • مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى فىىزىكا فاكۇلتىتى ئوقۇغۇچىسى . مەن دەسلەپ بۈيۈك ئارزۇلار بىلەن بۇ مەكتەپكە قەدەم باسقان ، ئەمما كەسپى دەرسلەرنى باشلىشى بىلەنلا بۇ يەرگە خاتا كېلىپ قاغانلىقىمنى ھېس قىلدىم . ئەسلىدە ئالى مەكتەپكە قۇبۇل قىلڭش ئىمتاھانىدا ئالغان نۇمۇرۇم جۇڭگودىكە ھەر قانداق ئالى مەكتەپكە كىرىشكە يېتەتتى.
    ئەمما بۇ يەردە پەقەت بىر نەچچە ئوقۇتقىچىدىن باشقا (مەن كۆرگەن) لاردىن باشقىلار فىزىكىدىن خەۋىرىمۇ يوقتەك ! ئۇنىڭدىن باشقا ئائىلىمىزدىمۇ مەلۇم مەسلىلەر(ئىقدىسادى جەھەتتىن قويمىچى غا ئۇچىراپ بۇرمۇنچە قەرز بۇلۇپ قالدۇق) كۆرۈلدى.
    شۇنىڭ بىلەن 1 مەۋسۈم ئوقۇشنى بولىشىغىلا (60نۇمۇر ئۈچۈن )دېگۈدەك ئوقۇپ بولدى قىلدىم . ھەمدە ئاران دېگۈدەك ئۆزۈمنى تۈزەپ ئېنگىلىز تىلى ئۆگۈنۈشنى باشلىۋېلىپ 4-دەرىجىدىن ئۆتكىدەك سەۋىيە ھازىرلىدىم.ئەمدى پىلانىمدا داۋاملىق ئۆگىنىپ IELTSقا ئوخشاش بىرەر ئىمتاھاندىن ئۆتۈش ،ئەگەر ئىمتاھاندا ياخشى نەتىنجە بىلەن ئۆتۈپ قالسام بىرەر تىل تەربىيلەش ئورنىدا ئىشلەپ پۇل تېپىۋالغاندىن كېيىن ئۆيدىكى بىر قىسىم مەسلىلەرنى ھەل قىلىۋېتىپ ئاندىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بار.مېنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرۈشۈمگە يەنە 3.5يىل بار !
    سىزنىڭچە توغرىمۇ؟ ياكى باشقىچە يول تۇتىشىم بەكرەك ئاسان نەتىنجە بېرەرمۇ؟
    ئەلۋەتتە ئۆزۈمنى ماختىغىنىم ئەمەس ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمدا (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا) ئوقۇتچۇلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنىڭ تەپپەككۈرۈمنىڭ جايىدا ، ئېنىق ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنەتتى ، ھەممىسى مەندىن چوڭ ئۈمۈتلەرنى كۈتەتتى.
    مېنىڭ ئۆگۈنۈش جەھەتتە مۇنداق بىر ئادىتىم بار : تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۆگۈنۈشكە خۇمارىم تۇتقاندا ئۆگەنسەم ناھايىتى تېز ئۈنۈم ھاسىل قىلالايمەن ،باشقا ۋاقىتلاردا ئانچە ياخشى ئەمەس!ئۈنۈمنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئادىتىمنى ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ؟ ياكى باشقىچە تەدبىر قوللىنىش كېرەكمۇ؟ ئالىمنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئېلىپ قويدۇم ،مەسلىھەت بەرسىڭىز!
  • ھۆرمەتلىك ئەركىن ئاكا :
    ياخشىمۇ سىز! مەن ئاۋال ئۆزەمنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي:مەم شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتىتىينىڭ ئوقۇتقۇچىسى بۇلىمەن.مەن سىزنىڭ نامىڭىزنى بۇرۇنلا بىلەتتىم.بىراق قانداق ئالاقىلىشىشنى تاپالماي يۈرگەن،بۈگۈن ئاران تاپتىم.
    سىزنىڭ يازغان ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇپ ناھايىتى خۇش بولدۇم،سىزنىڭ شۇنداق ئالدىراش ۋاقىتتىمۇ مۇشۇنداق بىزنى ئىلھاملاندۇرىدىغان خاتېرلەرنى يېزىپ بىزگە سوۋغا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.مەن سىزنىڭ يازغانلىرىڭىزدىن كۆپ ئىلھاملاندىم ھەم سىزنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق يېزىپ بىزگە تەغدىم ئېتىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.سىزدەك بىر ئاكىمىز بولغىنىڭزدىن پەخىرلىنىمەن.
    ئاخىرىدا سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا بەخىت ،خىزمىتىڭىزگە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنى تېلەيمەن.
    E-mail:nuriman315961@yahoo.com.cn
  • مەن بىلوگىمنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرالمىدىم ، قانداق قىلسام ئۇيغۇرچىنى تولۇق تونىيدۇ؟
  • 2009-يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
    بۇ يېڭى يىلدا تېنىڭىزگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىڭىزغا بەخت، خىزمەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!
  • ئەركىن ئاكا!
    ئەپۇ قىلىڭ، بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
    مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇم: 215326497
    ئېلخەت ئادرىسىم: www.yusup8019@gmail.com
    شىركىتىمنىڭ ئىسمى: 光彩
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا! يېڭى - يېلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
    مەن ئۈرۈمچىدىكى بىر ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنى تۈگىتىپ، ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر بالا.
    مىنىڭ ئويلىغان ۋە شۇ ئويلىغانلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن. سىزنىڭ شىركەت قۇرۇش ۋە ئۇنى ماڭدۇرۇش توغرىسىدىكى ماقالىرىڭىزنى ئوقۇدۇم. مەن ھازىر سىزنىڭ مەن قىلىۋاتقان ئىشلىرىم توغرىسىدا بىلگەنلىرىڭىزنى بىر ئۇكىڭىزغا بەرگەن مەسلەھەتىڭىز قاتارىدا بىر يول كۆرسەتسىكەن دىگەن ئۈمۈدتىمەن. سىز شۇنچىلىك ئالدىراش بولسىڭىزمۇ بىزدەك يول تېپىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلار ئۈچۈن يەنە ۋاقىت چىقىرىۋاتىسىز. ماڭىمۇ ۋاقتىڭىز يار بەرسە بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز، بولسا ئېلخەت ئادرىسىم ئارقىلىق مەسلىھەت كۆرسەتسىڭىز، سىزنى شۇ چاغدا مەن باشلىغان ۋە باشلاش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئىشلىرىمدىن خەۋەردار قىلغان بولسام.
    ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. يېڭى بىر يىلدا سىزنىڭ تىخىمۇ ئۇتۇق قازىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    meripet回复يۈسۈپجان说:
    سالام ئۇكام:

    مېنىڭ ھەر كۈنى قىلىدىغان ئىشلىرىمنىڭ كۆپلىگىدىن، شىركەت قۇرۇش ئىشىدا سىزدەك ھەر بىر ئۇكىمىزغا ئايرىم-ئايرىم مەسلىھەت بېرىش ئىمكانىيىتىم يوق. شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن. ئەڭ ياخشىسى، سىز www.bilik.cn بولامدۇ ياكى باشقا ئىگىلىك تىكلەش توغرىسىدىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىگە ئۇچۇر يېزىپ، كونكىرىت ئىشلاردا مەسلىھەت سورىسىڭىز، سىز چوقۇم كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز. شۇنى سىناپ بېقىڭ.
    2009-01-03 10:18:00
  • 我的 QQ 号 947929544
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەركىن دادا سالامەتمۇسىز؟ مەن ھەر ۋاقىت تېنىڭىزنىڭ ساغلام، ئۆمرىڭىزنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن. مەن ئەمدىلا 14 ياشقا كىردىم. باشلانغۇچنى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇدۇم ، ھازىر ئۇيغۇرچە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇيمەن . مەن ئۆزۇم ئېنگىلىز تىلىغا بەك قىزىقىمەن،ھازىر مەن خەلقارالىق ئېنگىلىز تىلى ئۆگۇنىۋاتىمەن .مەن سىزنىڭ بىزلەگە مەدەت بېرىپ يازغان نۇرغۇن يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇدۇم ھەم بەك تەسىرلەندىم . مەن ھەر قېتىم ئېنگىلىز تىلىدا بوشۇشۇپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا سڭزنڭ يازمىلىرىڭىزنى كۆرۇپ مەندە بىر خىل كۇچ پەيدا بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق دائىم ئۆزۇمگە مەدەت بېرىپ تۇرىمەن.سىزدىن سورىماقچى بولغان ئاساسلىق سۇئالىم- سىزنىڭ ئېنگىلىز تىلى ئۇگۇنۇش ئۇسۇلىڭىزدىن باشقىمۇ بىز تېخىمۇ ئاسان قۇبۇل قىلالايدىغان ئۇگۇنۇش ئۇسۇلى بارمىدۇ؟ مەن بىر ئىشنى قىلىشنى قارار قىلغان ۋاقتىمدا ئۇنى ئۆزۇمنىڭ كۇندىلىك ئادىتىگە ئايلاندۇرۇپ تۇزۇملەشتۇرەمەيمەن، بۇنىڭ ئۇچۇن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ئادەم ئۆزىگە ئىشەنچ باغلىيالايدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بوغان بولاتتىم .رەخمەت كۆپ ۋاختىڭىزنى ئالدىم.ئامان بولۇڭ.
    meripet回复گۇلخۇمار说:
    سالام ئۇكام:

    تىلشۇناسلارنىڭ دىيىشىچە، بىر ياشنىڭ بىر چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشىدىكى تەرەققىياتىنىڭ تېز-ئاستا بولىشى ئۇنىڭ تىل ئۆگىنىشكە ئاجراتقان ۋاقتىنىڭ كۆپ-ئازلىقىغا ئوڭ تاناسىپ بولىدىكەن. يەنى، سىز ۋاقىتنى قانچە كۆپ ئاجراتسىڭىز تىل ئۆگىنىش سۈرئىتىڭىزمۇ شۇنچە تېز بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا كونكىرىت ئۇسۇل جەھەتتە بىر ھەممە ئادەمگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇنىۋەرسال ئۇسۇل يوق. شۇڭا سىز ئەڭ ياخشىسى ئوخشىمىغان ئۇسۇلنى سىناق قىلىپ بېقىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇلدىن بىرنى يەكۈنلەپ چىقىڭ.

    تۆۋەندىكى تور بېتىنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ:
    http://www.meripet.com/Academy/Til_Jeck1.htm
    2009-01-03 10:13:40
  • مىنىڭ QQ نۇمۇرۇم 515883953
    سىزنى قانداق قۇشالايمەن
  • ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئاكا مەرىپەت بىلوگى ياساش گۇرۇپپىسىنىڭ QQ نۇمۇرى قانچە، مەن سىلەر قالدۇرغان QQ:8252799نۇمۇرنى قۇشۇۋالاي دىسەم پەقەت قۇشالمىدىم.
    سزنىڭ ئىشلىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق تىنىڭىزنىڭ سالامەت بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
    meripet回复بەختىيار قۇربان说:
    بۇ مىنىڭ QQنومۇرۇم ،سىز QQنومۇرىڭىزنى قالدۇرۇڭ ،مەن قىتىۋالاي ...ھۆرمەت بىلەن ئىزباسار .
    2008-12-29 15:30:58
  • ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا !
    سىزنىڭ ئەسىرڭىزنى ئۇقۇغاندىن كىيىن مەن ئۈزەمنى قايتىدىن تۇنۇپ يەتىم،ئۈزەمگە ۋە مىللىتىمغا بولغان تۇنۇشۇم ،ئىشەنچىم يەنە بىر يۇقىرى پەلىگە كۈتۈرىلدى.
    مىللىتىمىز ياشلىرى سىزدەك روھى ئۇزۇقلۇق بىرەلەيدىغان مىللەتپەرۋەر كىشلەرگە مۇقتاج.سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز!
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئەركىن سىدىق ئاكا،جەنۈبى شىنجاڭنىڭ خىلۋەتتىكى بوستانلىق كەنتىدىن سىزگە ئوتلۇق سالام.يىڭى يىلىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋاكالىتەن تىنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن.مەن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز ئارقىلىق سىزنى تونۇغان،يازمىلىرىڭىزنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئىخلاسمەنلىرىڭىزنىڭ بىرى.مەن سىزگە خىلىدىن بىرى خەت يىزىشنى ئويلىغان بولساممۇ، ئەرزىمەس خەتلىرىم ئارقىلىق سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتڭىزنى ئىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ سىزگە خەت يازمىغان ئىدىم،ئەمما سىزنىڭ دىيارىمىزدا يولغا قويلىۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ»توغۇرسىدىكى ماقالىڭىزنى ئوقۇپ،ئىختىيارسىز سىزگە خەت يىزشقا كىرىشتىم.قوش تىللىق مائارىپنىڭ بىزگە ئىلىپ كىلىدىغان پۇرسەت ۋە خىرىسلىرى خىلىدىن بىرى مىنى ئويلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.ئەمما باشقىلار قانداق ئويلىدى بۇنىسى ماڭا نامەلۈم بولغانلىقتىن،بۇجەھەتتە چوڭقۇرراق پىكىر يۈرگۈزىۋاتقانلار ئانچە كۆپ بولمىسا كىرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم.سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز ۋە ئۇنىڭغا يىزىلغان ئىنكاسلاردىن مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا،پەن-مەدەنىيتىگە ئۆزلۈكسىز كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلارنىڭ خىللا كۆپ ئىكەنلىنى بىلىپ،خىلى ئۈمىتكە تولدۇم.بىزدە «تامار-تامار كۆل تولار»دىگەن گەپ بار.بىزدە مىللەتنىڭ تەرەققىياتى توغۇرسىدا ئەتىراپلىق پىكى يۈرگۈزىدىغان ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلىرىمىزقانچە كۆپەيسە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا شۈنچە پايدىلىق.دىيارىمىزدىكى پۇل-مال، ھوقۇقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان بىرقىسىم نان قىپىلارغا قارىغاندا مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئويلايدىغان ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلىرىمىزنىڭ بولىشى مىللىتىمىزنىڭ بەختى.
    مەن كىچىكىمدىن باشلاپ كىتاپ ئوقۇشقا ئامراق بولغاچقا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن كىتاپلارنى چاڭ قوندۇرماي ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلگەن ئىدىم.مەخسەت مەن سۆيۈپ ئوقۇغان كىتاپلارنى پەرزەنتلىرىممۇ سۆيۈپ ئوقۇسا،ماڭا ئەجدادىمنى تونۇتقان كىتاپلاردىن پەرزەنىتلىرىممۇ ئاتا-بوۋىلىرىنى بىلىۋالسا،ئۆز مەدەنىيتىنى بىلىۋالسا،پەرزەنىتلىرىم ئۆزمىللىتىنىڭ پەن مەدەنىيتىنى، تارىخىنى قىزغىن سۆيىدىغان ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقسا دىگەندىن ئىبارەت ئىدى.مىڭ ئەپسۈس ،بالام مەكتەپ يىشىغا توشقاندىن كىيىن بۇجەھەتتىكى ئەندىشەم كۈنسىرى ئىشىپ باردى.بالام قوش تىل باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ.گەرچە بۇ مەكتەپنىڭ ۋىۋىسكىسىدا« قوشتىل مەكتەپ »دەپ يىزىغلىق بولسىمۇ بارىلىق دەرىسلەر خەنزۇتىلىدا ئۆتۈلگەنلىكتىن ئادەتتىكى كىشىلەر بۇ مەكتەپنى« خەنزۇ مەكتەپ »دةپ ئاتايدۇ.شۇ سەۋەپتىن بالامنىڭ ئۇيغۇرچە ساۋادىنى ئائىلىدە چىقىرىشقا مەجبۇر بولدۇم،ئەمما مەكتەپتە ئۇيغۇرچە يىزىق بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە سۆز-ئاتالغۇلارنى يىزىش،چۈشىنىشتە ۋە ئۇيغۇر تىل-يىزىق سەۋىيسىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشتا قىينچىلىق خىلى ئىغىر بولىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن مەن باللىرىمغا قىممەتلىك بۇيۇم سۈپىتىدە مىراس قالدۇرۇپ قويۇشنى ئويلىغان قىممەتلىك كىتاپلار «ئىز »«ئويغانغان زىمىن»« ئانايۇرت »«جاللات خىنىم»...............قاتارلىق نۇرغۇن كىتاپلار مەندىن كىيىن قالسا توپا بىسىپ،بىر بۇلۇڭدا بويۇن قىسىپ تۇرۇپ قالارمۇ-ھە؟! باللىرىم ،بىزنى دۇنياغا تونۇتقان مەھمۇت قەشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،لوتپۇللا مۇتەللىپ ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،ئابدىرىھىم ئۆتكۈر،ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت ئىمىن........... قاتارلىق ئالىم،ئەدىپلىرىمىزنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىغان ۋە ئاتىيالمايدىغان(ھەتتا ئاغزى كەلمەيدىغان)بولۇپ چىقارمۇ-ھە؟!ئانا تىلىدا مۇنتىزىم تەربىيلەنمىسە ئانا تىلىدا يىزىلغان قىممەتلىك كىتاپلارنى قانداقمۇ ئوقۇپ چۈشىنەلەر؟
    مەن ئىلگىرى بالام چوڭ بولسا ياخشىرا خىزمەتكە ئورۇنلىشالامۇ؟دىگەننى ئويلايتتىم.ئەمدى بالام چوڭ بولسا ماڭا ۋە ئاتا-بوۋىسىغا ئوخشىماي قالامۇ؟دىگەننى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.خەيرىيەت، ھەممىز ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ مىللەتنىڭ پەن-مەدەنىيەت ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيسەك،ئىزدەنسەك قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا چوقۇم ئىرىشەلەيىمىز.
    مىللىتىمىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.سىزگە بەخىت تىلەپ: ئۆتكۈر
    meripet回复ئۆتكۈر说:
    سالام ئۆتكۇر ئۇكام:

    خېتىڭىزدىن ئىنتايىن سۆيۈندۇم. رەخمەت.
    2009-01-03 10:22:18
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئاكا، ياخشىمۇ سىز؟ ئامرىكا ۋەياكى باشقادۆلەتلەردھ مۇزىكېدا ئوقۇش توغرىسىدا قانداق ئۇچۇرلار بار؟ خاپا بولماي ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن بولسىڭىز.
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا :
    مەن 2009-يىلى توللۇق كۇرسنى پۇتتۈرىمەن. كەسپىم خەنزۇتىل تەرجىمانلىقى ، ئوقۇش پۇتتۈرگەندىن كېيىن تۇركىيدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بار،سىزدىن سورايدىغىنىم : مەن چەتئەل تىلىدىن ئاساسلىقى رۇس تىلىنى ئۆگەنگەن ، ئىنگىلىزتىل ئاساسىم بار، پاسپورتۇممۇ تەييار ، قانداق قىلسام چەتئەلدە ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيمەن . يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز. رەھمەت!
    جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن...
    meripet回复مۇھەممەتجان说:
    تۈركىيە ئوقۇشى توغرىسىدا يالقۇن ئۇكىمىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ:
    يالقۇن تاش: ilimizde@gmail.com
    2008-12-28 03:59:21
  • تورداشلار سەمىگە: دۇنيادا زور پەن -تەتقىقات ؛كەشپىيات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بىر ئالىمىمىزدىن ھەممەيلەن شەخسى ئارزۇلىرىمىزنى دەپ قىممەتلىك ۋاقىتىى ئالساق ئۇيالمايمىزمۇ؟ سىزنىڭ ئامرىكا،ياكى تۇركىيىگە چىقىشىڭىز قانچىلىك ئىش.غەزىۋىم قوزغالدى، ئالىمنىڭ سەرلەۋھىلىك ماقاللىرىدىن ئازراق بولسىمۇ مەنىۋى كەمتۈكلىكىمىزنى ھىس قىلمىدىڭلارمۇ؟ ئالىمنىڭ ۋاقتىنى ئالساق ئەدەپسىزلىك بولىدۇ،ئۇنىڭ ماقالىلىرىنى ئوبدان ئوقۇپ ،روھى ماھيىتىنى چۈشەنسەك بولىدۇ،ھەزىم قىلىشمۇ بىر سەۋىيە.شۇڭا تورداشلار بىلىمسىزلىك قىلماڭلار!!!! (گىپىم ئىغىر كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭلار)
  • سالام ھۈرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئاكا:
    مەن بىر ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ،شۇنداقلا ھازىرقى <قوش تىللىق مائارىپ>بويچە،ئوقۇغۇچىلارغا دەرىسنى خەنزۇچە بېرىۋاتىمەن،لىكىن ئوزلشىش ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار.بزنىك مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىك خەنزۇچە سەۋىيىسىنى يۇقۇررى كوتۇرۇش ئۇچۇن
    ئۇيغۇرچە سوزلەشكە يول قويۇلمايدۇ،لىكىن سىزيازغان <ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس،ئەقىللىق>ماقالىڭىزدا ئېيتقاندەك،مىللىي سىنىپنىڭ نەتىجىسى خەنزۇ سىنىپنىڭ نەتىجىسى بىلەن كوپ پەرىقلەنمەيدۇ،لىكىن تىل ئوتكىلى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچىلار فىزىكا قانۇنىيىيىتى ۋە
    فىزىكا مەسىللىرىنى،نىگىزىدىن چۇشەنمەيدۇ.مەن كېچىكىپ بولسىمۇ سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە قۇربان ھېيتىڭىزنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئوتلۇق سالىمىمنىى يوللايمەن،ئوقۇغۇچىلارغا سزدەك بىر ئۇيغۇر ئالىمى بارلىقىنى دىگەندە ئوقۇغۇچىلار ھەيران قالغان،جۇملىدىن سىزگە كۆپ رەھمەت، سىزنىڭ مىللىتىمىز ئۈچۈن قوشقان تۆھپىڭىزگە،بىزگە بەرگەن روھى ئوزۇقىڭىزغا كۆپ رەھمەت، سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېينكى ئشلىرىڭىزغا ئالەمچە ئۇتۇق تىلەيمەن.
  • سالام!ئەركىن ئاكا ~
    چەتئەلگە چىقىش شەرتىدە توئەفل، گىرە، گمات ،ئۈچى بىراقلا تەلەپ قىلىنامدۇ؟ياكى توئەفلدىن ئۈتسىلا بۇلامدۇ؟
    meripet回复پاتىگۈل说:
    باكلاۋرلىقتا ئوقۇيدىغانلاردىن TOEFL لا تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاسپرانتلىقتا ئوقۇيدىغانلاردىن TOEFL دىن باشقا GRE ياكى GMAT تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ توغرىسىدا تۆۋەندىكى تور بەتىدە يەنە تەپسەلىي ئۇچۇرلار بار:
    http://www.meripet.com/Soal/Soal09_toefl.htm
    2008-12-28 03:56:16
  • سىزنىڭ بولغىنىڭىز بىز ئۈچۈن زور ئىلھام ۋە مەدەت. تىنىڭىز سالامەت بولسۇن.
  • ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئاكا ياخشىمۇ سىز .
    ئالدى بىلەن سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېينكى ئشلىرىڭىزغا ئالەمچە ئۇتۇق تىلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنى شۇنداق ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇۋاتقىنىڭزغا چەكسىز رەھمىتىمنى ئېيتىمەن.
    مەن ئالى مەكتەپكە كەلگىلى 2 يىل بولدى ھېسابتا تىل تەييارلىق باسقۇچىنى تۈگەتتىم دېسەممۇ بۇلىدۇ . مەن 2 يىل ئوقۇپلا ئوقۇشۇمنى بىر يىل توختىتىپ ئېنگلىز تىلى ئۈگىنۋاتىمەن ،مەقسىتڭم خەلقئارالىق ئېمتىھانلاردىن ئۈتۇپ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ، بۇنىڭ ئۈپۈن مەن چەتئەلگە چىقىپ ئالى مەكتەپ ھاياتىمنى يېڭىدىن باشلىساممۇ مەيلى دېگەن قارارغا كەلدىم .چۈنكى مىنڭ 5 يىل داۋامىدا ئۈگەنگەنلىرىم ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن دېرەك بەرگۈدەك ، دەرىس سائىتىمنىڭ 3دىن 2 قىسمى كەسپىم بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق:ئەخلاق تەربىيەسى ،ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى .....: ئىختىيارىي مەججبۇر ئىشلار بىلەن كىتىدىكەن .
    شۇڭلاشقا مەن مۇشۇ تۈردىكى ئوقۇش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم . قىممەتلىك ۋاقتڭىزدىن ئازتۇلا چىقىرىپ ماڭا بىر يول كۆرسەتكەن بوسىڭىز .
    ماڭا بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز .
    يەنە سىز قول تۇتقان تۈركىيەدە ئوقۇش توغۇرلۇق بەزى ئۇچۇرلارنىمۇ كۆردۇم ، مۇشۇ ئوقۇشنى تاللىسام سىزنىڭچە قانداق ؟.ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا لايىق تەييارلىقلارنى پۈتتۇرسەم .
    خېتىڭىزنى كۈتىمەن . رەھمەت .
    meripet回复قەيسەر说:
    سالام ئۇكام،

    باكلاۋرلىقنى چەت ئەلدە ئوقۇش ئىشى توغرىسىدا تۆۋەندىكى تور بېتىنى كۆرۈپ بېقىڭ:
    http://www.meripet.com/Soal/Soal02_bakalawr.htm

    تۈركىيە ئوقۇشى توغرىسىدا يالقۇن ئۇكىمىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ:
    يالقۇن تاش: ilimizde@gmail.com
    2008-12-28 02:02:06
  • 0ۈۈۈ2اۈا2ۈا2ۈ
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئەركىن دادا!
    ياخشى تۇۋاتامسىز؟ مەن بىرـتولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ،بىر يىلدىن كېيىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىمەن. ئۆزۈم ئىجـىتىمائى پەنگە قىزىقىمەن ، ئەمما قوش تىللىق سىنىپتا بولغاچقا ،تەبىئي پەنگە ئىمتىھان بېرىمىز، شۇڭا ،قايسى كەسىپ ماڭا ماس كېلە؟ ياخشى كۆرىدىغىنىم ھۆسىنخەت،رەسىم،تەنتەربىيە،كومپىيوتېر،ئەدەبىيات ... قاتارلىقلار.
    يول كۆرسەتسىڭىز!
    meripet回复زۇلپىقارئەلى说:
    Mawu maqalini oqup beqing:
    http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=14817&extra=page%3D1
    2008-12-24 11:41:03
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا!
    سىزگە كۆپ رەھمەت، سىزنىڭ شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ بىزلەر ئۈچۈن ئاز بولمىغان ئىشلارنى قىلىپ بەردىڭىز، بۇرۇنقى ماقالىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇغان، ھازىر <قوش تىللىق مائارىپ> دېگەن ماقالىنى ئوقۇدۇم. كۆزۈمگە ياش كەلدى.... رەھمەت سىزگە، مەمتىلى تەۋپىق بوۋامنىڭ سېيماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ھاياجاندىن ئاغزىمغا گەپ كەلمىدى، پەقەت سىزگە ئاددىي ھالدا رەھمەتلا دېيەلىگۈدەكمەن.
    مەن بىر ئاران تولۇقنى پۈتتۈرگەن ئادەم، ئۇيغۇرچە خەت ئۇرۇپ جان باقىمەن، بىزنىڭ كەسپىمىزمۇ بارغانسېرى تارلىشىۋاتىدۇ. 2، 3 يىل ئىلگىرى خەت ئۇرۇپ تىرىكچىلىك قىلىدىغانلار جىق ئىدى، ھازىر مۇشۇ ئۈرۈمچىدە بەك ئاز قالدى. مائارىپتىكى ئۆزگىرىش بىزگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ كېتىپ بارىدۇ.
  • ھۇرمەتلك ئەركىن ئاكا،ئامانگۇل ئاچاقانداراق ئەھۋالىرڭلارسلەرنڭ تنڭلارنڭ سالامەت بۇلشنى ھەم ئۇلۇغ ئاللادىن سالامەتلىك تىلەيمەن .ئاللاسلەرگەئۇزۇن ئۇمۇرئاتاقلسۇن.
    meripet回复چمەنگۇل.نۇر说:
    Singlim Chimengul,

    Obdan turiwatamsiz? Otkende telefon qilip alalmay, uningdin telefon qilalmay qalduq. Biz aldimizdiki dem elish kunliri yene tiriship baqimiz.
    2008-12-24 11:42:03
评论分页:共8页 第一页 上一页 1 2 3 4 5 6 7 8 下一页 最后一页