-
ئەركىن سىدىق ئۇيغۇرچە تور بىتى قۇرۇلدى (مەھەللە )مۇشۇ تىمىنىڭ ئاستىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ . - [سۆز قالدۇرۇش]
ئەركىن سىدىق ئۇيغۇرچە تور بىتى قۇرۇلدى (مەھەللە )
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئەركىن سىدىق ئۇيغۇرچە تور بىتىگە كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ،مۇشۇ تىمىنىڭ ئاستىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ .
خەتنى چوقۇم ئۇيغۇرچە يىزىڭ ،ھەممىمىزگە قولايلىق ، يازالمىسىڭىز ئاستىدىكى جەدىۋەلدىن پايدىلىنىڭ .
随机文章:
ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت 6-بۆلۆم2 - قىسىم 2009/02/05ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت -1-بۆلۈم،1-قىسىم 2008/11/14ھازىر ئامىرىكىدا ئەڭ ئاقىدىغان بەش كەسىپ 2008/08/29ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى 2008/05/29
收藏到:Del.icio.us
评论
سەمىمىي خېتىڭىزگە كۆپ رەخمەت. مەن ئۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدىم. مەن ھەر قېتىم يۇرتقا بارغاندا، مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشكە تىرىشىۋاتىمەن—مەن بىلەن كۆرۈشۈش ئۇنچىۋالا قىيىن ئىش ئەمەس. خۇدايىم بۇيرىسا سىزگىمۇ بۇ ئىش بىر كۈنى نىسىپ بولار.
ئەگەر سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن ئىشەنچىڭىز بولسا، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدىڭىز بولسا، شۇ ئاساستا بۇنىڭدىن كېيىن سىز دۇچ كېلىدىغان جاپالىق ۋە قىيىن ئۆتكەللەرگە بەرداشلىق بېرىپ داۋاملىق تىرىشسىڭىز، سىز ئۈچۈن بۇ دۇنيادا قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ چېكى بولمايدۇ. سىز ئۆز غايىڭىزنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، قىيىن غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسان ئەمەس. لېكىن ئۆزىڭىزگە نىشان تىكلەپ تىرىشمىسىڭىز، غايىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىگى نۆل بولىدۇ. شۇڭا چوقۇم توختىماي تىرىشىڭ. مەن سىزدەك ئىرادىلىك ياشلارنىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن.
سىزگە ئۇتۇق تىلەپ، ئاكىڭىز ئەركىن سىدىق
ھۆرمەتلىك ئەپەندىم،بۇ سىلەرنىڭ ئىدارىنىڭ تور بېكىتى بولامدۇ؟
سىزنىڭ يازغىنىڭىز NASA نىڭ تور بەتى بولۇپ، بىزنىڭ ئىدارىنىڭ تور بەتى مۇنداق:
http://www.jpl.nasa.gov
مەن سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلۋالغان ئىدىم . بولسا تۇغ ئادىرسىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن . ئەگەر خالىسىڭىز ئىلىم -پەن بىلوگىنى ئۇلىنىش قىلۋالسىڭىز .
ئادرېس : http://ilim-pen.blogbus.com
تۇغ ئادېرسى : http://ilim-pen.blogbus.com/files/12232240880.gif
مەرىپەت تور بېتىنىڭ لوگوسى بۇ يەردە بار:
http://www.meripet.com/images/Meripet4.gif
بۇ تور بېتىنى مەندىن باشقا بىر ئۇكىمىز باشقۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۇكىمىز خېتىڭىزنى كۆرگەندە ئۇلانما قىلىپ قويىشى مۇمكىن.
سىزنىىڭ روزا ھېيتىڭىزنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئوتلۇق سالىمىمنىى يوللايمەن!
مەن مۇنداق بىر ئويدا بولۇپ قالدىم:سىزگە ئوخشاش داڭلىق ئالىملار كۈپىنچە يەنە قىلماقچى بولغان نۇرغۇن ئىشلىرى ئۈچۈن ۋاقىت كېرەكلىكىنى ،بۇرۇنقى بىكار كەتكەن(گەرچە بىكار كەتمىسىمۇ)ۋاقتىغا نىىسبەتەن قايغۇرىدىكەن.مەن مۇشۇ نۇقتىغا نسبەتەن ھازىردىن باشلاپ تىرىشىپ ئۈگىنىشكە بەل باغلىدىم.مەن 3 ئاي بولدى ،فىزىكىنى ئېنگىلىز تىلىدا ئۈگىنىۋاتىمەن.چۈنكى بىزنىڭ فىزىكا مۇئەللىم مېنى مۇشۇنداق يېتەكلەشنى مۇۋاپىق كۈرگەن ئوخشايدۇ.مەنمۇ فىزىكىغا بەك قىزىقىمەن.مېنىڭ شۇنى سورىغىم كېلىۋاتىدۇ:كەلگۈسىدە فىزىكىنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولار؟بولۇپمۇ سىز ۋە رەيھان ھەدىمىز تەتقىق قىلىۋاتقان تۈردە.مەن 15 ياشتىن باشلاپ ئۈگەندىم،بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈپ بىلىملەرگە ئىگە بولىشىم مۇمكىن.شۇڭا بۇ ھەقتە بىر جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز.
ئشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.
سىزنىڭ رامادان ئېيىڭىز ۋە روزى ھېيتىڭىزغىمۇ مۇبارەك بولسۇن!
فىزىكا كەسپىدىكىلەر ئىزدەنمىسە بولمايدىغان ئىشلار ھازىرمۇ ئىنتايىن كۆپ. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق بولىدۇ. شۇڭا سىز فىزىكىنى كەلگۈسىدە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى غايە قىلغان ھالدا خاتىرجەم ئوقۇۋېرىڭ.
مېنىڭ ئۆتكەندە بىزنىڭ ئىدارىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئىلمىي دوكلاتتا ئاڭلىشىمچە، ھازىر نۇرغۇن ئالىملار كائىناتتىكى ھەممە ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بىر ئومۇمىي قانۇنىيەتنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋېتىپتۇ. بۇ قانۇنىيەتنى تېپىپ چىققان كىشى چوقۇم نوبېل مۇكاپىتىغا ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا سىزمۇ قاتتىق تىرىشىڭ.
http://www.meripet.com/Photo/Kelpin_07/Kelpin07.htm
مېنىڭ ئوغلىڭىزغا ئازراق ھاجىتىم چۈشكەنىدى،ئالاقلاشقىلى بۇلامۇ؟بولسا خەت ساندۇقى دىگەندەك.
مەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى،كەسپىم ئېلىكتىرون - ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئىلمى،كىلەر يىلى ئوقۇش پۈتتۈرمەن. لىكىن مەن ھازىر تىڭىرقاپ قالدىم..ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلىپ كەلگەن بىسىملار ئاستىدا نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي يۈرۈيمەن.كەسپىم ماڭا بەك تەستەك تۇيۇلىدۇ، شۇڭا ئەتىراپىمدىكىلەر ماڭا باشقا كەسىپتىن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش تەكلىپنى بەردى.لىكىن مەن يەنىلا ئۆز كەسپىمنى ياخشى كۆرىمەن،تۆت يىل ئوقۇغان كەسپىمنى تاشلاشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى،مۇشۇ كەسىپتە تىرشىپ باقاي دەيمەن. سىزچە بۇ كەسىپنىڭ ئاسپىرانتلىقنى چەت دۆلەتلەردە ئوقۇسام قانداق بولار؟ ياكى بەك ئالدىراپ كەتكەن بولامدىم؟ مىنىڭ كەسپىي پەنلەردىكى نەتىجەممۇ خېلى ياخشى،ئېنگىلىز تىلدىمۇ بەلگىلىك سەۋيەم بار، ئائىلە ئىقتىسادىممۇ خېلى يار بىرىدۇ. سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم بار..
ئەگەر سىزنىڭ كەسپىڭىزدە ئامېرىكا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بىرەرسىدە ماگىستەرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇسىڭىز، چوقۇم ئەڭ يەڭى ۋە ئەڭ ئەمىلىي بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز. لېكىن، سىزنىڭ بۇ كەسپىڭىزدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش ناھايىتى قىيىن. ئاشۇ ئىش سىزگە توسالغۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئىقتىساد ئازراق كېتىدىغان ياكى ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان دۆلەتلەردىن تۈركىيە بار. گەرچە تۈركىيەدىكى ئوقۇش پۇرسىتى خېلە قاتتىق رىقابەت ۋە تىرىشچانلىق ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان بولسىمۇ، ئەگەر ئاشۇ يەردە ئوقۇشنى خالىسىڭىز، بىر تىرىشىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ھازىر بىلىك تور بېتىدە چەت ئەلدە ئوقوشقا ئائىت ناھايىتى ئەھمىيەتلىك سوئال-جاۋاب پائالىيىتى بولىۋاتىدۇ. ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا تۆۋەندىكى تور بېتىنى كۆرۈپ بېقىڭ:
http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=19573
سىزگە ئۇتۇق تىلەپ،
ئەركىن سىدىق
www.choghlan.com
مەن سىزنىڭ مەھەللىڭىزنى توربىتىم (http://www.intilim.cn/index.asp )گە ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم ، مۇمكېن بولسا توربىتىمنى توربېكىتىڭىزگە ئۇلىنىشقا قوشۇۋەتسىڭىز رەخمەت
بۇ تور بېتىنى مەندىن باشقا بىر قېرىندىشىمىز باشقۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۇكىمىز تور بېتىڭىزنى بۇ تور بېتىگە چوقۇم ئۇلانما قىلىپ قويىدۇ.
مەن سىزگە جاۋاب قايتۇردۇم.
مەن بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردۈم. ھازىر ئوقۇش يوللىرىنى ئىزدەۋاتىمەن. چەت ئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن ئىزدەنسەم، ئاساسەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئالدىن ئويلىشىدىكەن. شۇڭا، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ماس كەلگۈدەك بىرەر ئوقۇش يولىنى تاپقىلى بولارمۇ دەپ سىزدىن مەسلىھەت سورىماقچىدىم. بولسا مالايسىيە ياكى تۈركىيىدە يا بولمىسا پاكىستاندا ئوقۇش توغرىلىق مەسلىھەت بەرسىڭىز. رەھمەت، ئاۋارە قىلدىم.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، تولۇق كۇرۇستىن باشلاپ ئوقۇش پۇرسىتى نۇرغۇن دۆلەتلەردە بار. لېكىن، مەن باكلاۋىرلىق ئۈچۈن ئوقۇماقچى بولغان چەت ئەللىكلەرگە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىدىغان دۆلەتنى پەقەتلا بىلمەيدىكەنمەن. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باكلاۋىرلىقتىن باشلاپ تۇركىيەدە ھەقسىز ياكى ئاز پۇل بىلەن ئوقۇش پۇرسىتى بار. لېكىن ئۇ پۇرسەتكە ئېرىشىش ئانچە ئاسان ئەمەس. رىقابەت ناھايىتى كۈچلۈك.
تۇغ ئادىرسى: http://jamga.blogbus.com/files/12196791601.gif
ئەگەر مەن ئۆزلۈگىدىن ئۆگۈنىش ئىماتاھانىغاا قاتنىشىپ بىرەر پەندىن تولۇق كۇرۇس دىپلومى ئالسام ئاندىن ئامېرىكىغا ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلسام بولارمۇ ؟ جۇڭگونىڭ ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش ئىمتاھانىنىڭ نەتىجىسىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىتىراپ قىلارمۇ ؟
ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلغاندا، ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى سىز ئالغان دىپلوم، ئۇنۋان كېنىشكىسى ۋە ئوقۇش نەتىجىسى بولۇپ، ئۇلار سىزنىڭ ئوقۇشنى قانداق ئۇسۇل بىلەن پۈتتۈرگىنىڭىز بىلەن ئانچە كارى يوق. ئامېرىكىدىكى ئوقۇغۇچىلار «پۈتۈن كۈنلۈك» ۋە «يېرىم كۈنلۈك» دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئىقتىسادى ياخشى ئەمەس ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، «پۈتۈن كۈنلۈك» ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ئوقۇشنى ئاستىراق پۈتتۈرىدۇ. كېيىن ئاسپرانتلىققا ئىلتىماس قىلغاندا بۇ ئوقۇغۇچىلار باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
شۇڭا بوشاشماي تىرىشىڭ.
بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ ئۇشبۇ تور بىتىڭىزنى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندۇق،شۇنچە ئالدىراش بولغىنىڭىزغا قارىماي خەلقىمىز ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتىسىز،بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز،سىزنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىمىز،خۇدا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلغاي، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز!
ھۆرمەت بىلەن: ئىزدىنىش بلوگى
ماڭا ئىلھام بېرىدىغان سەمىمىي ئىنكانسىڭىزغا كۆپتىن-كۆپ رەخمەت. بۇ تور بېتىنى جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى ئۇكىمىز ئىشلەپ چىقتى، ھەمدە ئۇنى نۇرغۇن ئەمگەك سىڭدۈرۈپ ماڭدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. خۇددى سىزگە ئوخشاش، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدىن مەنمۇ ناھايىتى مىننەتدارمەن، ھەمدە ئۇنىڭغا ۋە سىزگە ئوخشاش مىللەت ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز سەييارە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بارلىق ياشلارغا كۆپتىن-كۆپ ئاپىرىن ئوقۇيمەن. خۇدايىم مىللىتىمىزگە پايدىسى بولىدىغان ئىشلارنى ھەممىمىز ئورتاق ھالدا مۇشۇنداق كۆيۈنۈپ قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن.
سالام بىلەن: ئەركىن سىدىق
مەن پەقەتلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ،سەۋەبى ئوقۇشنى خالىمىغىنىم ئەمەس ئائىلىمىز نامرات ئىدى . لىكىن شۇنداق تىمۇ تىرىشىپ ئۆزلىگىمدىن ئۆگىنىپ خەنزۇتىلىنى ئۆگىنىپ تەرجىمانلىق قىلالىغۇدەك سەۋىيەگە كەلدىم . ھازىر بىركورلاشەھرىدىكى بىرئىلان شىركىتىدە ، ئۇيغۇرچە خەت بېسىش ۋە تەرجىمە قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمەن . مىنىڭ بەكمۇ ئامېرىكا ، كانادا ياكى ئاۋسترالىيە دەك دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولۇپ چىققۇم بارئىدى . خەنزۇچە چەتئەلگە چىقىشقا مۇناسىۋەتلىك توربەتلەرنى كۆرسەم ، ساپلا ئوقۇش تارىخى يۇقۇرى بولۇشنى ياكى ئازدىگەندىمۇ نەچچە يۈزمىڭ يۈۋن پۇل بولىشى كېرەكلىكىنى يېزىپتۇ . شۇڭا سىزدىن بىر مەسلىھەت سوراپ باقاي ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ چىقىش ئۈچۈن چوقۇم ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولىشى كېرەكمۇ ،؟ تولۇقسىز ئوتتۇرادەرىجىلىك بىرئادەم ئۈچۈن چەتئەلگە كۆچمەن بولۇشنىڭ ئاسانراق ئۇسۇلى بارمۇ ؟ خاپا بولماي بىر مەسلىھەتىڭىزنى بىرىپ باققان بولسىڭىز ؟
ئاخىرىدا ئامېرىكا تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتكى سىزباشلىق بارلىق ئۇيغۇرلىرىمىزغا سالام يوللايمەن
ئاللاغا ئامانەت
ئامېرىكىغا كېلىشنىڭ مۇنداق بىر قانچە يولى بار:
1. ئوقۇش يۇلى بىلەن كېلىش. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سىز ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇماقچى بولسىڭىز سىزدە چوقۇم تولۇق كۇرۇسنىڭ باكلاۋىر ئۇنۋانى بولىشى كېرەك. ئەگەر تولۇق كۇرۇستا ئوقۇماقچى بولسىڭىز، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ۋە دىپلومى بولىشى كېرەك. ئادەتتە تولۇق كۇرۇستا ئوقۇش يۇلى بىلەن ئامېرىكىغا كېلىش ئانچە ئاسان ئەمەس. ئەڭ ياخشىسى ئاسپرانىتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ياخھسى.
2. ساياھەت قىلىش يولى بىلەن كېلىش. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدە ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنى قايىل قىلالىغىدەك پۇل بولىشى كېرەك.
3. تۇققان يوقلاش يولى. بۇنداق يول بار بولسىمۇ، مۇشۇ يول بىلەن ئامېرىكىغا كەلمەكچى بولغان جۇڭگولۇقلارغا ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئاسانلىقچە ۋىزا بەرمەيدۇ.
4. يەقىن ئۇرۇق-تۇققانلىرى، مەسىلەن، ئاتا-ئانىسى ياكى ئاكا-ھەدىسىدىن بىرسى ئامېرىكا گراجدانى بولسا، شۇلارنىڭ چاقىرتىشى بىلەن كۆچمەن بولۇپ كېلىش. ھازىر بۇ يولنىڭ ساقلاش ۋاقتى (يەنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىنكى ساقلاش ۋاقتى)10 يىلدىن ئارتۇق ئىكەن.
5. مەبلەغ سەلىش يولى بىلەن كۆچمەن بولۇپ كېلىش. مەنىڭ ئاڭلىشىمچە ھازىرقى مەبلەغ ئۆلچىمى 500 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق ئىكەن.
شۇڭا سىزنىڭكىدەك ئەھۋالدىكىلەرگە يوقۇرىقى 2-يول ئەڭ مۇۋاپىق كېلىشى مۇمكىن.
ئەركىن سىدىق
2008-8-17
مەندەك بىر ئۆسمۈر قىزچاقنى كىچىك كۆرمەي كەمتەرلىك بىلەن جاۋاپ خەت يازغانلىقىڭىزدىن ئالەمچە خوشال بولدۇم،چۈنكى بۇ يەردە سىزدەك چوڭ ئالىم تۈگۈل ئاددەتتىىكى چوڭ ئادەملەرمۇ كىچىكلەرنىڭ گېپىگە ئانچە ئېرەن قىلمايدۇ،خۇددى بايلار كەمبەغەللەرنى كۆزگە ئىلمىغاندەك.شۇڭا مەن يەنە ئۆگىنىش ئستىكى تۈرتكىسىدە سىزدىن قاپ يۈرەكلىك بىلەن تۆۋەندىكى ماڭا ئانچە ئايدىڭ بولمىغان مەسىلىلەرنى سورىماقچى ئىدىم:
1.مەن تولۇق ئوتتۇرىنى يۇرتۇمدا(يەنە ئاقسۇ شەھىرىدە)ئوقۇپ،ئالىي مەكتەپنى چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولسام،تولۇق ئوتتۇرا دىپلومى،ئېلتەس ئىمتىھان نەتىىجىسى(تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۇرگىچە بۇ ئىمتىھاننىڭ6-ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىسىنى ئېلىپ بولسام)،پاسپورت،كىملىك قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىسام بولىدۇ؟(مەن سىز تەۋسىيە قىلغان تور بەتلەرنى كۆردۇم،ئەمما بۇنىڭدا كۆپىنچە ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس قاتارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ ئاندىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن باركەن،شۇڭا سوئالىمغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالمىدىم)
2.ئەگەر مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىپ بولسام،چەتئەلدە جۇڭگۇنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېتراپ قىلامدۇ -يوق؟
3.ئاتا -ئانام ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى،ئىقتىسادىي شارائىتىمىز ئوتتۇرھال،ئەگەر مەن چەتئەلگە چىقىپ وقۇماقچى بولسام(شىمالىي ئامىرىكىدا)ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن تەخمىنەن قانچىلىك پۇل كېتىدۇ؟
سەمىمىي ئىنكاسىڭىزغا رەخمەت. مېنىڭ سىزگە بېرىدىغان جاۋابلىرىم مۇنداق:
1. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ نەتىجسى بىلەن دىپلومى، ئىنگلىز تىلى ئىمتىھان نەتىجسى ۋە ئىقتىساد توغرىسىدىكى ئىسپات قاتارلىق 3 نەرسە چەت ئەل مەكتەپلىرى تەلەپ قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم نەرسىلەر. ئۇنىڭدىن باشقا سىزدە پاسپورتمۇ بولىشى كېرەك.
2. جۇڭگودا ئالغان شوپۇرلۇق كېنىشكىسىگە نىسپەتەن ئامېرىكىدىكى ئوخشىمىغان شىتاتلار ئوخشاش بولمىغان ھالدا مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەگەر سىز كالىفورنىيەگە كەلسىڭىز، شوپۇرلۇق ئىمتىھانىسىنى قايتا بېرىشىڭىز كېرەك.
3. بىر يىللىق ئوقۇش ئۈچۇن 10 مىڭ دوللار ئەتىراپىدا پۇل كېتىدۇ.
مەن شىنجاڭدىن،مەن بۇ يىل 15 ياشقا كىردىم،مەن ئېنگىلىزتىلى ئۈگىنىۋاتقىلى 2 يىل بولدى،مەن سىزنىىڭ يازمىلىرىڭىزنى كۈپ قېتىم ئوقۇغان،مەن چەتئەللەكلەر بىلەن راۋان پاراڭلىشالايمەن،مەن مەكتىپىمدىمۇ 1-بولۇپ ئوقۇيمەن،مەن سىزنىڭ خەت ساندۇقىڭىزغا خەت يازغان بولسساممۇ،جاۋاپ كەلمىدى،مەن بىر قىز،مەن چەتئەلگە ،بولۇپمۇ شىمالىي ئامېركىغا بېرىپ وقۇشقا بەكمۇ قىزىقىمەن،مەن ھەم ئىدىيە جەھەتتىنمۇ تەييارلىققا كىرىشتىم،شۇڭا مەن سىزدىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن قانداق تەييارلىقلارنى قىلىشىم كېرەكلىىكىنى سورىماقچىدىم.
ئېغىر كۈرمەي سوئالىمغا جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز.
مەن خېتىڭىزنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم، ھەمدە ئۇنى ئىككى بالامغىمۇ ئوقۇپ بەردىم. تېخى ئەمدى 15 ياشقا كىرگەن بولسىڭىزمۇ، ئۈگىنىشتە ئاجايىپ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىپسىز. مەن سىزدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم.
مۇمكىن بولسا www.meripet.com دىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئوبدان كۆرۈپ بېقىڭ. شۇنداقلا تۆۋەندىكىلەرنىمۇ چوقۇم كۆرۈپ بېقىڭ:
http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=8776
http://www.bilik.cn/dpindex.php?pagetype-bbsthread-a-tid-15708.html
ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، مەندىن تارتىنماي سوراڭ. مەن قولۇمدىن كېلىشىچە مەسلىھەت بېرىمەن.
سىزگە ئۇتۇق تىلەپ،
ئەركىن سىدىق
http://ellturk.blogspot.com/
Eger siz Amerikidek bir dolette bolsingiz, burunqi oqushni qaysi sewiyide toxtutup qoyghan bolsingiz, shu yerdin bashlap dawamini oqush pursiti bar idi. Bundaq ishta hergiz yash cheklimisimu yoq idi. Hazirche sizge buningdin artuq nime diyishimni bilelmey qaldim.
Aman bolung. Erkin Sidiq
سىزگە ۋە يالقۇن ئاكامغا ئىلخەت يازدىم.
خەت قايتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىشلېرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
مىنىڭ مەھەللەم تازا نۇرمال بولمىدى . يەنى تور كۆرگۇچنى چۇڭايىتسا ياكى كىچىكلەتسە بەت يۇزى ئۆزگىرىپ كىتىدىكەن . لېكىن سىلەرنىڭ بۇ بەت يۇزى ئۆزگىرىپ كەتمەيدىكەن .
مىنىڭ مەھەللەم : http://nurdan.blogbus.com
ئارزۇ تولدۇرۇش ئىشىدا بۈركۈت، فاينال فانتازىي، ئارمانىي ئەپەندىلەرنىڭ سەمىمىي ياردىمى ۋە تەكلىپلىرىگە ئىرىشتىم.
ئىزاھ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
- بوغلان