باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

    评论

  • ئەركىن سىدق ئاكا.
    ياخشمۇسىز.
  • بىلوگنى قانداق ئۇيغۇرچە قىلىمىز ؟خاپا بولماي ئازراق تەلىم بەرسىڭىز !!!
    رەھمەت !!!!
    meripet回复ئۇيغۇر说:
    سالام،

    بۇ تور بېتىنى باشقا بىر قېرىندىشىمىز ياسىغان ئىدى. شۇڭا مەن سىزنىڭ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەلمەي قالدىم. كەچۈرۈڭ. ئەھتىمال مۇشۇ تور بېتىنى ياسىغان قېرىندىشىمىز سىزگە جاۋاب بېرىپ قالار.
    2008-11-13 13:21:46
  • مەن سىزدىن گېرمانىيەگە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا مەسلىھەت سوراي دېگەن،بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇم ئىدى .مەسلىھەت بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىپ،سىڭلىڭىز ماھىرە.
    meripet回复ماھىرە说:
    سالام سىڭلىم ماھىرە،

    ماڭا erkinsidiq @ gmail.com ئارقىلىق ئېلخەت يېزىپ، مەسلىھەت ئالىدىغان ئىشىڭىز بولسا تارتىنماي سوراڭ.
    2008-11-13 13:19:18
  •                                                  !您好

    我也小时候很想出国留学.起码在内地.当我每次把心里话告诉家里人的时候他们不耐烦的说:我们家哪有那么多钱?.出国要花好多钱哦.你长大后自己找工作.挣钱才能去.后来我想,他们说也有道理.我们家的经济条件真的不好.妈还有哥哥患重病.我以后就不想了. 但还是有在内地上学的希望.拿到西安电子科技大学录取通知书的时候.我高心得不得了.觉得我的愿望终于实现了。我家里人也为我高心了,在一方面家里连一分钱都没有.他们还是头疼的.那时他们也说过:放弃上大学.我不肯,最终他们没办法.只好在一分钱都没有的情况下把我送到学校了.虽然我没钱但我能上大学.但我还是真的很高心.以后我听我们学校的老生说:没钱也能出国.可以留学.还拿奖学金...!!!!!也听到了,在外国有像你这样人我听得又下决心要实现梦想 . ...你是我们的 自豪.我们要靠你,你为我们民族付出了太多.....你放心吧!我们之间也有好多 未来的建设者.我们会不辜负民族对我们的希望.
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمىتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن!
    مەن سىزنىڭ تېمىلىرىنى باشقا تورداشلىرىمنىڭ يوللاپ بېرىشى بىلەن ئاز بىر قىسمىنى ئوقۇغان ئىدىم، بۈگۈن بۇ يەرگە كىرىپ سىزنىڭ باشقا تېمىلىرىڭىزنى ئوقۇشقا، ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭىزدىن خەۋەردار بولۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم، رەھمەت سىزگە، سىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن يۈرەك قېنىڭىزنى سەرپ قىلىۋېتىپسىز، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقان ئورنىنى كۆرۈپ، بىز تەخى مەۋجۇت ئىكەنمىز دېگەن خىياللار كەچتى ھەم بەكمۇ سۈيۈندۈم، يانا بىر قېتىم رەھمەت سىزگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ تېنىڭلارنى سالامەت قىلسۇن!
    8252799 بۇ سڭزنىڭ چ چ نومۇرىڭىزمۇ؟ مەن قوشۇۋالاي دېسەم قوشۇلمىدى، سىز قوشۇۋالغان بولسىڭىز، بۇ مېنىڭ چ چ نومۇرۇم، سىز بىلەن پاراڭلىشاي دىگەنىدىم. 376302799
    meripet回复سۈبھى (تامچە)说:
    سالام،

    سەمىمىي خەتىڭىزگە كۆپ رەخمەت. ئۇنىڭدىن مەن كۆپ ئىلھام ئالدىم. مەن QQ ئىشلەتمەيمەن. شۇڭا مەن بىلەن erkinsidiq @ gmail.com ئارقىلىق ئالاقە قىلسىڭىز بولىدۇ.

    سىزگە ئامانلىق تىلەپ، ئەركىن سىدىق
    2008-11-13 13:17:13
  • سىزنى ئائىلىڭىزنى ياراتقان< ئاللا >ئوزپاناھىداساقلىسۇن،قىرىندىشىم.......مۇمكىن بولسائالاقىلەسساق
  • سىزنى ئائىلىڭىزنى ياراتقان< ئاللا >ئوزپاناھىداساقلىسۇن،قىرىندىشىم.......مۇمكىن بولسائالاقىلەسساق
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،يىراقتا تۇتۇرۇپ مىللىتى ئۈچۈن زېھىن،ئەجىر سىڭدۈرىۋاتقان سەمىمى يۈرەك.ئاللا سىزدەك بەندىللىرىدىن رازى بولسۇن .مىنىڭ سىزگە تۇنجى قېتىم خەت يىزىشىم.سىزدەك بىر ئالىمنىڭ بىزگە جان كۆيدۈرۋاتقانلىغىنى بىلىپ تولىمۇ پەخىرلەندىم.مەنمۇ باشقا قېرڭنداشلىرىمغا ئوخشاش زۆرۆر شەرىتلەرنى ھازىرلاپ چەتئەلگە چىقىشنى نىيەت قىلدىم.مەن تۇلۇق ئوتتۇرنى پۇتتۈرگەن.مىنىڭ قۇلۇمدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى IMAM BIN ALL QURA UNIV ھەم ISLAMIC UNIV لارنىڭ ئوقۇشقا چىقىش ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى بار.ئۇنىڭدىكى شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن مەندە ئاساسلىق پاسپورت قاتارلىق شەرت ھازىرلىنىشى كېرەك.مەن يەنە پات -پات بڭر تور بەت ۋاستىسى ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەرەبلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىمەن.چۈنكى مەن كۇچا ناھىيىسىدە (ئەلۋەتتە نۇپۇسۇم تۇرۇشلۇق جاي) بولغاشقا ئاساسلىقى پاسپورت بىجىرىش مەن ئۈچۈن بىر تاغ بولدى.ماڭا شۇلا بولسىدى قالغان تەلەپلىرىنى ئورۇندىيالايتىم .ئوقۇش پۇلى ...قاتارلىقلار ھەقسىز ئىدى.مەن ھەر تەرەپتىن چامىمنىڭ يىتىشىچە يول ئىزدىدىم،قاتراپ،ئزدەپ،ئويلاق ھاردىم.شۇ ئىدىيىدە يۈرگەندە سڭز نىڭ بۇ تور بەت ئادىرىسىڭىزنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم.مەن ئۈزەمنىڭ تەغدىرىمنى ئۆزگەرتىش ،ئۈزەمگە تەۋە رىزقىننى قولغا كەلتۈرىشىم كېرەك.بۇ ۋاستە ئارقىلىق سىز بىلەن تۇنۇشۇپ سىزدىن شۇنى ئۆتۈنمەكچىمەن.مىنىڭ ئۈمۈدۈم مىنىڭ پاسپورت بىجىرىپ مۇرات مەخسىتىمگە يىتىشىمگە ياردەم قۇلىڭىزنى ماڭىمۇ سەۋىرچانلىق بىلەن سۇنسىڭىز.يېقىندىن ئالاقىلىشىپ مىنى قوللىغان بولسىڭىز.مىنىڭ ئۇ ئونۋىرسىتنىڭ پەننى تۈرىگە تىزىملاتقۇم بار.مىنىڭ تەغدىرىم،ھاياتىمنىڭ كىيىنكى قىسىملىرى مىنىڭ مۇشۇ ئارزۇيۇم ئارقىلىق ئۆز سەھەپىسىنى يارتىدۇ، شۇ ئارقىلىق بۇغۇقلۇق تەغدىرىم،ھاياتىمنىڭ كىيىنكى قىسىملىرى ئۆزگىرىدۇ. ئەلۋەتتە ئوقۇشقا چىقىپ ئىشلارنىڭ يولىنى بىلگەندە مەنمۇ باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ئويلايمەن.بۇ ئۆلمەس ئىش ئەمەسمۇ!مىنىڭ پاسپورت بىجىرىشىمگە يادەم قىلسىڭىز،شۇنداقلا باشقا تورداشلارنىڭمۇ سەمىمىلىك بىلەن قۇلىدىن كىلىشىچە ياردەم بىرىشىنى،يول كۆرسىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.سڭزنىڭ ھەم ھەممىمىزنىڭ بىر بىرىمىزدا ھەققىمىز بار دەپ ئويلايمەن.مىنىڭ skype add:compassion1986 ،UYGHURAHMED1986@YAHOO.COM ،سىزنىڭ سەمىمى ياردىمىڭىزگە،يېقىندىن قوللىشىڭىزغا راستىنلا مۇھتاجمەن.ماڭا ئىشىنىشىڭىزگە،پۇرسەت يارتىپ بىرىشىڭىزگە تەقەززامەن.شىنجاڭدىكى بىر ئاددى قېرىندىشىڭىزدىن.
    meripet回复ئەخمەتجان说:
    سالام ئۇكام،

    سەمىمىي خەتىڭىزگە كۆپ رەخمەت. سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىزگە بولغىنىدەك، مەن ئامېرىكىدا بولغاچقا، ئۇيغۇر دىيارىدە تۇرۇپ پاسپورت ئالىدىغان ئىشقا مەن ھەقىقەتەنمۇ ياردەم قىلالمايمەن. كەچۈرۈڭ. سىز ئەڭ ياخشىسى ماۋۇ يازمىنى بىر ئوقۇپ بېقىڭ. ئۇنىڭدا پاسپورت بىجىرىش توغرىسىدا ئۇچۇر بار تور بەت ئادرىسىمۇ بار:
    http://www.meripet.com/Oqush/2008a4_Tesirat.htm

    بەزى ئىشلارنى ماۋۇ تور بەتىگە يازمىغان ياخشى. ئوقۇش ئىشىدا يەنە سوئالىڭىز بولسا ماڭاerkinsidiq @ gmail.com ئارقىلىق ئەلخەت يېزىڭ . مەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
    2008-11-13 13:13:01
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا ،سالامەتمۇ سىز؟(ئۇلۇغ اللا سىزنى سالامەت قىلسۇن.)
    سىزنىڭ بىلوەىڭىزنى كۇرۇپ تۇلىمۇ ئۇمۇتكە تۇلىدىغان بولدۇم .سىز بىزنىڭ پەخىرىمىز ،ئۇلگىمىز .مەن ئىنگىلىزچىنى ئۇگۇنىۋاتىمەن ،بىرراق تازا ئۇنۇمىنى كۇرەلمەيۋاتىمەن ،بىلمىدىم ،مىنىڭ ئۇسۇلۇمدا چاتاق بارمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ ؟...شۇڭا سىزنى ئاۋارە قىلىپ ،سىزدىن مەسلىھەت سوراشنى لايىق كوردۇم ،بولسا ئازراق يول كورسەتكەن بولسىڭىز.
    ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلىشىنى تىلەيمەن!
    meripet回复تىلقانات说:
    سالام ئۇكام،

    سەمىمىي خەتىڭىزگە كۆپ رەخمەت. ئىنگلىز تىلىنى ئۈگىنىشتە مەن قانداق ئۇسۇل قوللانغانلىغىم ھەققىدە مەن بۇرۇن بىر يازما تەييارلىغان:

    شۇنى كۆرۈپ بېقىڭ. بۇ يازمىنىڭ كونا يېزىق نۇسخىسى مۇشۇ تور بېتىدىمۇ بار بولىشى مۇمكىن. شۇڭا ئىزدەپ بېقىڭ.

    مەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
    2008-11-13 13:03:49
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەركىن ئاكا!
    سىزگە چەكسىز ھۆرمەت بىلەن چوڭقۇر سالام يوللايمەن!
    مەن 2006-يىلى تولۇق كۇرىسنى باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بىلەن تاماملاپ ئاسپىرانتلىقنى ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن ئېنگىلىزچە ئۆگىنىۋاتىمەن.تولۇق كۇرىسنى مائارىپ باشقۇرۇرۇش كەسپىدە ئوقىغان،تۈركىيىدە باشقۇرۇش كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنى ئويلاپ 2007-يىلى 12-ئايدا بارلىق ئوقۇشقا كېتەرلىك ماتىرىياللارنى يالقۇن ئاكا ئارقىلىق تۈركىيىگە ئىۋەرتىپ بەرسەم 2008-يىلى 2-ئايدا ئوقۇشقا تاللانغىنىم توغرىلىق خەۋەرمۇ كەلگەن.سىزچە مەن تۈركىيىدىكى قايسى ئونۋىرسىتىتتا قايسى كەسىپتە ئوقۇسام ياخشى بولار؟
    باشقا دۆلەتلەردە يەنىمۇ ياخشىراق مىنىڭ كەسپىمگە ماس كەلگىدەك كەسىپلەر بولسا ،مەسلىھەت بىرىپ يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز.
    سىزگە سالامەتلىك ۋە خوشاللىق تىلەپ :سىڭلىڭىز نىلۇفەر
    meripet回复نىلۇفەر说:
    سالام سىڭلىم نىلۇفەر،

    سەمىمىي خەتىڭىزگە كۆپ رەخمەت. تۈركىيەدىكى مەكتەپنى سىز تۈركىيەگە بېرىپ، تۈرك تىلى ئىمتىھانىسىدىن ئۈتۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن تاللىيالايسىز. شۇڭا ھازىرچە بۇ ئىشقا باش قاتتۇرماي، قالغان تەييارلىقلارنى پۇختا قىلىڭ. مەكتەپ تاللاش ئىشىنى ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن ئاندىن قىلسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.

    سىزنىڭ كەسپىڭىز بويىچە ئوقۇتىشى ناھايىتى ياخشى مەكتەپلەردىن ئامېرىكا ۋە باشقا دولەتلەردە نۇرغۇنلىرى بار. لېكىن، ئۇ يەرلەردە سىزنىڭ كەسپىڭىز بويىچە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر ئىقتىسادنى ئۆزىڭىز ھەل قىلالايدىغان ئىش بولسا مەن سىزگە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يول كۆرسىتىپ بېرەي.

    مەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
    2008-11-13 12:57:09
  • ئەركىن دادا (كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كەلگەن ۋاقتىڭىز مېنىڭ دادام بىلەن ئوخشاش بولغاچقا سىزنىمۇ دادا دەپ چاقىرىشنى لايىق تاپتىم) سىز بىلەن بورۇنلا ئالاقىلىشىشنى ئويلىغان بولساممۇ لېكىن ئالاقىلىشالماي كەلگەن ئىدىم بۇگۈن پۇرسەت بوپتۇ ، بۇنىڭ دىن مەن بەك خوشال . ئالدى بىلەن سىزنىڭ كەسپىڭىزدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىڭىزنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.چۈنكى سىز "ئۇيغۇر" دېگەن بۇ مىللەتنىڭ سەنئەتتىلا ئەمەس بەلكى ئىغار پەن -تېخنىكىدىمۇ ،تىرىشچانلىقتىمۇ ھېچكىمدىن قالمايدىغانلىقىنى ئەل جامائەتكە بىلدۈردىڭىز ، بەلكىم بۇ مېنىڭلا ئەمەس بارلىق ئۇيغۇرنىڭ يۈرەك سۆزى.
    ئەمدى مەقسىدىمگە كەلسەم ، مەن يېقىندا ئامرىكىغا چىقماقچى بولىۋاتىمەن . لېكىن نەتىجەمگە تايىنىپ ئەمەس. مەن چىقماقچى بولغان مەكتەپ Californiaشىتاتىدىكىherguan universityدەپ ئاتىلىدىغان بىر مەكتەپ بولۇپ،مەكتەپ مۇدىرى خەنزۇكەن. مەن بۇيىل ئۇنۋېرسىتىتنى پۇتتۇردۈم، ئۇيەرگە بېرىپ ئاسپىرانتلىقنى ئوقىماقچىمەن . كەسپىم بىئولوگىيە ، ئۇنۋېرستىتتا ياخشى ئوقىغان مەن ، ھەتتا ئوقۇش جەريانىدا ئىچكىرىدىكى 核心期刊 دىمۇ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغانىدىم. مېنىڭ ئامرىكىغا بەك چىقىپ ئوقىغۇم بار. مېنىڭ ھازىر پىلانىم ئاشۇ مەكتەپكە چىقىۋېلىپ ئاندىن مەكتەپنىڭ تىل سىنىپىدا ئوقۇپ(مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسىمۇ چىقساڭ باشتا يېرىم يىل تىل ئۆگىنىسەن ئاندىن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيسەن دېگەنىدى،) toefl ياكى gre ئىمتىھانىنى بېرىپ باشقا ياخشى مەكتەپكە ئالمىشىش . سىزنىڭچە شۇنداق قىلسام بولامۇ؟ ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز . رەھمەت!
    meripet回复ئۇيغۇرىيە说:
    سەمىمىي خېتىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت. مەن ئۇنىڭدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم.

    سىزنىڭ بۇ پىلانىڭىزنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىشىدىن ئۈمىت بار. لېكىن، مېنىڭ ئۆلچىمىم بۇيىچە قارىغاندا، بۇ پلان ئەڭ غايىۋى پىلان ئەمەس. بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ:

    1. بەيجىڭدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئىنگلىز تىلى ئۈگىنىش يولى بىلەن ئامېرىكىغا كېلىدىغانلارغا ئاسانلىقچە ۋىزا بەرمەيدۇ. ئەگەر بۇ قېتىمقى ۋىزا ئىلتىماسىڭىز ئوڭۇشلۇق بولماي قالسا، كېيىن نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن – مەن ئۇنداق ئەھۋالنى ناھايىتى كۆپ كۆرگەن.

    2. ئىنگلىز تىلىنى ئامېرىكىدا ئوقۇش ناھايىتى قىممەتكە توختايدۇ. بولسا ئۇ مەكتەپ سىزدىن يېرىم يىللىق ئوقۇش ئۈچۈن قانچىلىك ئوقۇش پۇلى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىر سوراپ بېقىڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جۇڭگودىكى بىر قىسىم ئىنگلىز تىلى كۇرۇسلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ تىل ئۈگىتىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولۇپ، يېرىم يىلدا TOEFL ۋە GRE دە لاياقەتلىك بولغىدەك دەرىجىگە يېتىش ئانچە ئاسان ئەمەس.

    شۇڭا ئوبدانراق ئويلۇنۇپ ئاندىن قارار قىلارسىز. مەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
    2008-11-18 13:06:20
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يىراقتا تۇرۇپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۇقۇۋاتقان مىھرىبان يۈرەك!! ئاللا ئۆمرىڭىزنى زىيادە قىلغاي!
    ئەۋەتكەن ئىلىكترۇنلۇق پوچتا يوللنمىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، سەمىمى پىكڭىزگە تەشەككۈر.
    مەن ئۇبۇلتالىپ ئەمەت، شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋىرستىتنىڭ ئۇقۇغۇچىسى، كەسپىم فىزىكا . قىزقىدىغىنىم نىسپىيلىك نەزەرىيەسى،
    قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيەسى، ئالەمنىڭ پەيدابۇلىشى قاتارلىق نەزەرىيەلەر. شۇڭلاشقا بۇلارئۈستڭدە داۋاملىق ماتىرىيال توپلاۋاتىمەن ،
    ئۈگۈنىۋاتىمەن .بۇجەرياندا كۈچەپ ئۈگەنگىنىم ماتىماتىكا بولدى ، سىز بىزنڭ پەخىرلىك ئالىمىمىز شۇڭلاشقا مەن سىزدىن بۇ بىلىملەرنى تېخمۇ ياخشى ئۈگۈنۈش ئۈچۇن قەيەردىن قول سېلشىم كىرەكلىكى ۋە قانداق شەرىتلەرنى ھازىرلىشىم كىرەكلكىنى سورىماقچىمەن!
    سىزگە ئامانلىق تىلەپ:
    ئۇبۇلتالىپ ئەمەت
    meripet回复ئۇبۇلتالىپ说:
    سالام ئوبۇلتالىپ ئۇكام،

    سەمىمىي خەتىڭىزگە كۆپ رەخمەت. مەن ئۇنىڭدىن ناھايىتى سۆيۈندۇم. سىز دەگەن ئۇ كەسىپلەرنى ياخشى ئۈگىنىش ئۈچۈن، سىز ئاز دەگەندە فىزىكا بىلەن ئاسترونومىيە كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز قالغان يولنى ئۆزىڭىز ناھايىتى ئوڭۇشلۇق تاپالايسىز.

    مەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
    2008-11-13 12:51:15
  • ئەركىن دادا (كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كەلگەن ۋاقتىڭىز مېنىڭ دادام بىلەن ئوخشاش بولغاچقا سىزنىمۇ دادا دەپ چاقىرىشنى لايىق تاپتىم) سىز بىلەن بورۇنلا ئالاقىلىشىشنى ئويلىغان بولساممۇ لېكىن ئالاقىلىشالماي كەلگەن ئىدىم بۇگۈن پۇرسەت بوپتۇ ، بۇنىڭ دىن مەن بەك خوشال . ئالدى بىلەن سىزنىڭ كەسپىڭىزدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىڭىزنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.چۈنكى سىز "ئۇيغۇر" دېگەن بۇ مىللەتنىڭ سەنئەتتىلا ئەمەس بەلكى ئىغار پەن -تېخنىكىدىمۇ ،تىرىشچانلىقتىمۇ ھېچكىمدىن قالمايدىغانلىقىنى ئەل جامائەتكە بىلدۈردىڭىز ، بەلكىم بۇ مېنىڭلا ئەمەس بارلىق ئۇيغۇرنىڭ يۈرەك سۆزى.
    ئەمدى مەقسىدىمگە كەلسەم ، مەن يېقىندا ئامرىكىغا چىقماقچى بولىۋاتىمەن . لېكىن نەتىجەمگە تايىنىپ ئەمەس. مەن چىقماقچى بولغان مەكتەپ Californiaشىتاتىدىكىherguan universityدەپ ئاتىلىدىغان بىر مەكتەپ بولۇپ،مەكتەپ مۇدىرى خەنزۇكەن. مەن بۇيىل ئۇنۋېرسىتىتنى پۇتتۇردۈم، ئۇيەرگە بېرىپ ئاسپىرانتلىقنى ئوقىماقچىمەن . كەسپىم بىئولوگىيە ، ئۇنۋېرستىتتا ياخشى ئوقىغان مەن ، ھەتتا ئوقۇش جەريانىدا ئىچكىرىدىكى 核心期刊 دىمۇ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغانىدىم. مېنىڭ ئامرىكىغا بەك چىقىپ ئوقىغۇم بار. مېنىڭ ھازىر پىلانىم ئاشۇ مەكتەپكە چىقىۋېلىپ ئاندىن مەكتەپنىڭ تىل سىنىپىدا ئوقۇپ(مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسىمۇ چىقساڭ باشتا يېرىم يىل تىل ئۆگىنىسەن ئاندىن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيسەن دېگەنىدى،) toefl ياكى gre ئىمتىھانىنى بېرىپ باشقا ياخشى مەكتەپكە ئالمىشىش . سىزنىڭچە شۇنداق قىلسام بولامۇ؟ ماڭا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز . رەھمەت!
    meripet回复ئۇيغۇرىيە说:
    سالام ئۇكام،

    سەمىمىي خەتىڭىزگە كۆپ رەخمەت. مەن ئۇنىڭدىن ناھايىتى سۆيۈندۇم. مەن ئېرىشكەن نەتىجە پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ. ئەگەر ماڭا سىزدەك قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىلھام-مەدىتى كېلىپ تۇرمىغان بولسا، مەن بۈگۈنكىدەك كۇنگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم.

    ئوقۇش ئىشىدا ھازىر تاللىغان يولىڭىز مۇۋاپىق ئىكەن. لېكىن، مېنىڭ ئەنسىرەيدىغان بىرلا يېرىم، ئامېرىكا كونسۇلخانىسى تىل ئۈگىنىش باھانىسى بىلەن ئامېرىكىغا كەلمەكچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئاسانلىقچە ۋىزا بەرمەيدۇ. شۇڭا ئەگەر بۇ قېتىم مەغلۇپ بولۇپ قالسىڭىز كېيىنكى قېتىم سەل تەسكە توختاپ قېلىشى مۇمكىن.

    يەنە بىر ئىش، ئامېرىكىدىكى ئىنگلىز تىلى مەكتىۋىدە ئوقۇش ۋەتەندىكىسى بىلەن سەلىشتۇرغاندا ناھايىتى قىممەتكە توختايدۇ. بۇنىمۇ ئازراق ئويلۇشۇپ قويارسىز.
    2008-11-13 12:47:16
  • مەن سىلىدەك بىر ئۇيغۇر ئالىمىز بارلىقىدىن بەكلا پەخىرلىنىمەن .
  • ظةسسالاممذ ظةلةيكذم ؟ ظةركئنجان ظاكا ؟
    ئەھۋاللىرى قانداقراق ؟ئىشلىرى ئوڭۇشلۇقمۇ ؟ئائىلە تاۋاباتلىلىرىمۇ ياخشىمۇ ؟ئاللا سىلىنى ۋە ئائىلىلىرىدىكىرىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن .مەن ھازىر ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتاتتىم ،تور ئارلاپ كىتىۋاىتىپ سىلىنىڭ بىلوگلىرىنى تۇيۇقسىز تېپۋالدىم .مۇمكىن بولسا ماڭا چەتئەللەردە ئوقۇشقا قارىتا تەلىم - تەربيە بەرگەن بولسىلا سىلىدىن ئالەمشۇمۇل خوشال بولغان بولاتتىم .
    meripet回复توخنىياز توختى说:
    سالام ئۇكام،

    چەت ئەلدە ئوقۇشتا قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش توغرىسىدا مۇشۇ تور بېتىدە ۋە www.meripet.com دا نۇرغۇن ئۇچۇرلار بار. شۇڭا سىز ئالدى بىلەن شۇلارنى بىرەر قۇر كۆرۈپ بېقىپ، ئۇنىڭدىن كەيىن يەنە سوئالىڭىز بولسا ماڭا ئېلخەت يېزىڭ.

    ماۋۇ تور بەتىنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ:
    http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=8776
    2008-11-13 12:39:17
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا ياخشىمۇسىز ،مەن سىزدەك بىر ئالىمىمىزنىڭ بارلىقىنى ئۇقۇپ ئىنتايىن خۇشاللاندىم .
    ھەم سىزدىن بەزى نەرسىلەرنى سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ .
    ئامېرىكىدا يالغۇز خىزمەت قىلسىڭىز زىرىكمەمسىز ؟ ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار كۆپمۇ ؟ ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى ئۆزئارا بېرىش كىلىش قىلامدۇ ؟ مېنىڭمۇ بەك ئامېرىكىغا چىقىپ كۆرۈپ كەلگۈم بار . ئاخىرىدا سىزگە سالامەتلىك تىلەش بىلەن بىرگە مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز غىمۇ ئامەت تىلەيمەن
    meripet回复ئابباس مۇھەممەت说:
    سالام ئۇكام،

    سەمىمىي خېتىڭىزگە كۆپ رەخمەت. بىز تۇرىۋاتقان كافورنىيە شىتاتىنىڭ لوس ئاڭەلەس رايونىدا جەمى 17 ئائىلە ئۇيغۇر بار. بىز خۇددىي ئۇرۇق-تۇققانلاردەكلا ئۈتىمىز. داۋاملىق بېرىش-كىلىش قىلىپ تۇرىمىز. مېنىڭ پەرىزىمچە ھازىر ئامەرىكا بويىچە تەخمىنەن 700 ئۇيغۇر بولىشى مۇمكىن.
    2008-11-02 13:52:01
  • 你好!!因为写维语写的不好。所以写了汉语!!真的不好意思!!
    绝对不要停下!!!!作为一个维族,我为你自豪
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا ،ياخشىمۇ سىز، مەن ئابلىمىت ئابدىريىمنىڭ سىڭلىسى ئارزۇگۇل بۇلىمەن ،ئۆتكەن يىلى 0991 ئاشخانادا ئۇچۇرشۇپ قالفان ،مەن سىز بىلەن كۈرۈشكىنىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن !! ئابلىمىت ئاكام داۋاملىك سىزنىڭ ياخشى گەپلىرىڭىزنى قىلىپ بەرگەن ،ھەم ئۆزىڭىزنى بىر كۆرۈش ئارزۇيۇم بار ئىدى ، ئابلىمىت ئاكامنىڭ ياردىمىدە سىز بىلەن كۈرۈشتىم ئاللاغا ،ئابلىمىت ئاكامغا رەخمەت. مېنىڭ ئەسلې باشتىلا تۈركىيەگە چىقىپ ئۇقۇغۇم بار ئىدى ،بىراق دادامنى دەپ چىقىشنى رەت قىلدىم ،مەن ھازىر 医科大第二附属医院دە ئشلەۋاتىمەن ،مېنىڭ پەقەت ئۇ يەردە ئشلىگىم يوق ئىدى ،يەنە شۇ دادامنى دەپ ئشلەۋاتىمەن ،جاپالىق بولسىمۇ دادام مەندىن خۇشال ئاندىن مەن خۇشال .ھەر بىر سىزنى ،ئابلىمىت ئاكامنى ئويلىسام شۇنداق ئلھاملىنىپ كىتىمەن،ئالدىمدا بىر ئىمتھانام بار ، سىزنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزۈمگە ئۆرنەك قىلىۋاتىمەن مەن چۇقۇم ئۇتۇق قازىنىمەن،سىزگە،ئابلىمىت ئاكامغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت !! ئاللاھتىن سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە ئامانلىق ، بەخىت سائادەت تىلەيمەن !ئاللا خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق تىنىڭىزگە سالامەتلىك بەرسۇن! ئابلىمىت ئاكامغا بەخىت سائادەت تىلەيمەن .ئۈگۈنۈشىگە ئۇتۇق تىلەيمەن ! ئامان بۇلۇڭ. ئاللا خالىسا يەنە كۈرۈشەرمىز.مارلبىشىلىك ئابلىمىتنىڭ سىڭلىسىدىن..
    meripet回复ئارزۇگۇل说:
    سالام سىڭلىم ئارزىگۈل،

    خېتىڭىزنى ئوقۇپ، ھازىر تۇتقان يولىڭىزدىن خەۋەر تەپىپ، ناھايىتى خوشال بولدۇم. رەخمەت. ئادەم ياش ۋاقتىدا كۆرسەتكەن بىر مەزگىللىك تىرىشچانلىق ئۇنىڭ كېيىنكى ئۆمرى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. شۇڭا ھازىر تاللىغان يۆنىلىش بويىچە داۋاملىق تىرىشىڭ. سىزگە ئۇتۇق تىلەپ، ئاكىڭىز ئەركىن سىدىق
    2008-11-02 13:45:19
  • ئەسسسلاممۇ ئەلەيكۇم؟ئەركىن ئاكا yahximusiz arkin aka?我是重庆大学行政管理专业的学生,我以前学的是理科这个专业调剂的所以我现在想换专业,我们换专业比较容易,现在我考虑的是,3个专业 :电子信息工程,给排水科学与工程,通信工程,不知道这3个其中该选哪个,原来我想将来留学,但是家庭经济情况不好,有人说你应该选比较适合在阿克苏工作的专业,比如说给排水科学与工程,不要想得太远,现在我不知道该选哪个?请你给我一个建议my name is delxat
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەركىن ئاكا ! .
    ئاڭلىسام يەنە مۇۋاپىقيەت قازنىپسىز ئۇدۇللا كىلىشىم !! مۇبارەك بولسۇن!! تىرىشچانلىقىڭىز بىكارغا كەتمەپتۇ!!! ئاللاھتىن سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە ئامانلىق ، بەخىت سائادەت تىلەيمەن ! ئامان بولۇڭ !!


    ئاسفالىت يوللاردا ماڭغان چىغىمدا ،
    لاي-پاتقاق باسقان شۇ يولنى ئەسلىدىم.
    ئۇچقاندا قاناتلىق قۇشنىڭ ئۇستىدە،
    تۇمانسىز ساپ ھاۋا سەھرا ئەسلىدىم .

    .....سەۋرې شىئىرلىرى دىن .... "يۇرتۇمنى ئەسلەپ"
    meripet回复سەۋرې说:
    ئۆزىڭىزدىن بولسۇن. سەمىمىي تەبرىك خەتىڭىزگە كۆپ رەخمەت. مەن ئۇنىڭدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم.
    2008-11-02 13:36:37
  • مەن بۇنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۆزەنىڭ ھاياتىمنڭ مانىسىز ئۆتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم مەن بۇنىڭدىن كىيىن ۋاقتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزەمنىڭ
  • مەن بۇنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۆزەنىڭ ھاياتىمنڭ مانىسىز ئۆتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم مەن بۇنىڭدىن كىيىن ۋاقتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزەمنىڭ
  • امەن بۇنى ئوقۇغادىن كىيىن ئۆزەنىڭ بۇندىن بۇرۇن ۋاقىتنىڭ قە دىرىگە يەتمىگەنلىكىمنى ھىس قىلدىم مەن بۇنىڭ دى ن كىنىن ۋاقىتنى چىڭ تۇتىمان ئەركىن يىبىبۇللا ئۇيغۇر مىللى تىبابەت يىڭىدىن كەلگەن 3سىنىىىپ ئوقۇغۇچىسى
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!ياخشىمۇسىز!
    مەن ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىكى ئۇقۇغۇچى ئابدىكىرىم بولىمەن،مىنىڭ كەسپىم:خىمىيە!مىنىڭ ئامرىكىغا چىقىپ ئوقۇش نىيىتىم بار ئىدى.
    مىنىڭ ئىنگلىسچە نەتىجەم يامان ئەمەس،كىلەر يىلى GRE،托福قاتارلىقلارنى بەرمەكچى،ھەم ياخشى نەتىجە ئېلىشقا ئىشەنچىم بار.
    ئامرىكىدا خىمىيە كەسپىدا ئۇيغۇر 教授بارمىدۇ؟
    meripet回复ئابدىكىرىم مەمەت说:
    مەن سىزگە ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردۇمغۇ، دەيمەن؟
    2008-11-02 13:33:52
  • ئشلىرىڭىزغا ئۇتۇپوڭۇق تىلەيمەن!!!!
  • ئەسسالام ئەركىن سىدىق ئاكا !
    بۈگۈن يەنە سىز بىلەن دىدىدارلىشىش پۇرسىتىگە ئىرىشكىنىمدىن خۇشالمەن !! سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ يوللانمامغا نىسبەتەن ئۇچۇر قايتۇرغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن . مەن ھازىر كۈندە خەنزۇچىدىن 20 دىن يىڭى سۆز ئۈگىنىش ۋەزىپىسنى ئۆزۈمگە ئادەت قىلۋالدىم ، گەرچە چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلالمىساممۇ ، مۇشۇ بويىچە ئۈگەنسەم چوقۇم بىر باشقا چىقىرالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن .ھەرقىتىم سىزنىڭ ئۆگىنىش ئادىتىڭىز ھەم ئەقلىيە سۆزلىرىڭىزدىن ئۆرنەك ئىلىپ خىزمەتداشلار ئارا ۋە ئوقوغۇچىلىرىم ئالدىدا سۆزلىگەن چىغىمدا سىزدىن تىخىمۇ پەخىرلىنىمەن ھەم سىزدەك بىر ئالىمنىڭ باشقا بىر جايدا تۇرۇپ يەنە شۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باش قاتۇرۋاتقانلىقىنى ئوپيلاپ ئۆزۇم مۇشۇ جايدا تۇرۇپ قانچىلىك ئىش قىلدىم دەپ ئويلىنىپ قالىمەن .سىزنىڭ << قىيىن غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاسان ئەمەس>> دىگىنىڭىزدەك مەن چوقۇم بوشاشماي تىرىشىمەن .ھازىرچە خەنزۇتىلى سەۋىيەمنى ئاشۇرىمەن . بارا - بارا ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىشنىمۇ چوقۇم كۈندىلىك ئادىتىمگە ئايلاندۇرۋالالايدىغانلىقمغا ئىشىنىمەن . سىز بۇ قىتىم يۇرتقا قايتقاندا سىز بىلەن دىدارلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىنى ماڭىمۇ بىرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن . سىزنىڭ ھەربىر قىلغان سۆزىڭىز مىنىڭ ئىرادەمنى چىڭىتىپ مىڭۋاتىدۇ ، سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت .
    سىزنىڭ ئۇچۇر قايتۇرىشىڭىزنى كۈتۈپ ، يۇرتىڭىزدىكى سىڭلىڭىز دىن!!!!
    meripet回复سۇبينۇر说:
    سالام سىڭلىم،

    سەمىمىي خېتىڭىزگە كۆپ رەخمەت. مەن ئۇنىڭدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم. سىز ھازىر ياخشى يول تاللاپ، توغرا يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىپسىز. چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى چوقۇم ئۆزى قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلاش كېرەك. شۇڭا بوشاشماي تىرىشىڭ. مەن سىزگە چىن كۆڭلۈمدىن ئۇتۇق تىلەيمەن.
    2008-11-02 13:31:06
  • ئانا تىل بلوگى يېڭى ئۆيگە كۆچتى. ئۇلىنىش ئادىرىسىنى ئۆزگەرتىپ قويارسىز. رەھمەت. http://anatil.blogbus.com/
    meripet回复ئانا تىل بلوگ说:
    مۇبارەك بولسۇن !
    2008-10-24 08:47:44
  • 你好我是新疆喀什的一个大学生我有很大的愿望,我很佩负你
  • 你好!我以前被别人很多次听过您的事迹, 但没有机会跟您见个面(您去年来新疆的时候我正在准备研究生考试) 我自身一个人对您很佩服,我上大学的时候读过您个人简历,您是我们维五尔族的光荣,我下面给您介绍我自己:
    我叫玉素甫。吐拉克,出生于阿克苏温宿县。2003年毕业于阿克苏第一中学录取新疆师范大学物理系,2008年毕业归大学,2008年参加国家的研究生考试今年录取了中国科学院理论物理研究所的宇宙学研究方向的硕士研究生,我现在挺高兴,我终于要实现自己的理想:您可能也不相信我话,我要对全世界的人知道天住只有一个,我们的全部事情多被他决定,我为达到目的我现在努力学习英语,“***”我要用“***”出发让他们解析自然界的神秘秘密,我把***用于我的专业,我一定回成功,您对我的计划有什么意见。
    我不会用维文打字,因此只好用汉文写此信,如果我给您带来不方便,原谅我这一次。
    最后我祝您身体健康,完事如意。我需要您的请教。
  • 你好!我
评论分页:共8页 第一页 上一页 1 2 3 4 5 6 7 8 下一页 最后一页