باش بەت  Meripet  ئەركىن سىدىق يازمىلىرى چەتئەلدە ئوقۇش  سوئال -جاۋاپلار سۆز قالدۇرۇڭ 

    评论

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا!
    تىنىڭىزگە سالامەتلىك،ئىشلرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    چەت ئەلدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتىقادى ۋە قىز-ئاياللارنىڭ كىيىنىشى چەكلىمىگە ئۇچرامدۇ؟ ماڭا مۇشۇ تەرەپلەردىن ئىنىق ئىيىتىپ بىرەلەسىزمۇ،مىنىڭ مۇشۇنى بەكمۇ بىلگۈم بار ئىدى.
    meripet回复ساداقەت说:
    سالام ئۇكام،
    بۇ ئەھۋال ئوخشىمىغان دولەتلەرگە قاراپ ئوخشاش ئەمەس. مەسىلەن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادىي پۇرسەتلەردە باشقا مىللەتلەر بىلەن باراۋەر بولىشى ئىنتايىن مۇكەممەل قانۇن ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. شۇنداق بولسىمۇ خىزمەتكە ئادەم ئېلىشتا بىلدۈرمەي تۇرۇپ مۇسۇلمانلارنى چەتكە قاقىدىغان ئىشلار بىر ئاز بار. كېيىنىش جەھەتتە مەنىڭ بىلىشىمچە ئامېرىكا، كانادا ۋە ياۋروپىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەر مۇسۇلمان قىزلارغا چەكلىمە قويمايدۇ. لېكىن، فرانسىيە بىلەن تۈركىيە مۇسۇلمان قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈزىدىن باشقا يەرلىرىنى كۆرسەتمەيدىغان ياغلىق چىگىۋەلىپ مەكتەپ ئىچىگە كىرىشىنى چەكلىگەن.
    2009-02-11 12:52:40
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا ! مەن بولسام بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ،مەن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپىغا ،ھازىرقى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتابىر ئەسەر يازغان ، ھەم ھازىرقې بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىغا قاراپ نۇرغۇن شېئىر يازغان ، لېكىن قانداق قىلىشىمنى ،كىمگە تەھرىرگە بېرىشىمنى ،قايسى ئورۇنغا ئەۋەتىشىم كېرەكلىكىنى بىلەلمىدىم ، مۇمكىن بولسا يازغان ئەسەرلىرىمنى كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ، مەن ھازىرقى بەزى ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ بەكمۇ ئۈمۈدسىزلىنىپ كېتىپ بارىمەن ، بەلكى مۇشۇ ئەسىرىمنىڭ ئازراق بولسىمۇ جەمىيەتكە تەسىر قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ! مېنى كىچىك كۆرمەي ماڭا بىر ياردەم قىلسىڭىز سورايمەن!
    meripet回复مەدىنۇر说:
    سالام ئۇكام،
    مېنىڭ تەكلىۋىم: سىز ئەسەرلىرىڭىزنى www.bilik.cn ۋە ئۇشبۇ تور بېتىگە ئوخشاش ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەسىرى زور تور بەتلىرىگە چىقىرىشتىن باشلاڭ. بۇ تور بەتلىرىگە ئەزا بولۇش ئۆز ئىختىيارلىغىڭىز بىلەن بولىدىغان ئىش بولغاچقا، بۇ ئىشنى ئاسانلا قىلالايسىز. مەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن. ئەركىن سىدىق
    2009-02-09 11:18:17
  • يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى بېتى سىزنىڭ ئۇلىنىش قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا!
    meripet回复يۈكسەل بلوگى说:
    بىز بلوگىڭلارنى خىلى بۇرۇنلا ئۇلىنىشقا قىتىپ بولغان .
    2009-02-08 13:32:00
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدئق ئاكا ياخشمۇ سىز؟ تىنىڭىز سالامەت، ئشلىرئڭىز ئۇتۇقلۇقمۇ؟ مەن سىز دئن بىر مەسلەھەت سوراي دئگەن ؛ مىنىڭ سىڭلىم كىلەر يىلى تۇلۇق ئوتتۇرانى پۈتتۈرئدۇ. بىز ئۇنى تۈركىيەدە ئوقۇتۇشنى ئويلاشقان ئدۇق شۇڭا سىزدئن سوراپ باقاي، تۈركىيەدئكى ئالي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى قانچىلىكتۇ؟ رەسمىيەتلىرى ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتە؟ زاكالەت پۇلى ئالامدۇ؟ بىز نىڭ ئائلە ئقتىسادئمىز ئوتتۇرا ھال سەۋئيىدە ، لىكىن سىڭلىمنىڭ ئوقۇش قىز غىنلىقى بەك يۇقىرى ئدى . ماڭا بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز.......................... رەھمەت!!!
    meripet回复ئەسقەر说:
    Salam ukam: Yalqun Tash ukimizgha elxet yezing. U sizge tepseliy chushenche beridu. Uning elxet adrisi:

    "Yalqun Tash" ,
    2009-02-08 05:35:37
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىچلىق تۇرۋاتامسىز ئەركىن ئاكا !
    ئەزىز تىنىڭىزگە سالامتلىك تىلەيمەن ، ئائىلىڭىزگە بەخىت ، خىزمىتىڭىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن
    ئەركىن ئاكا ! مەن نەق گەپ كىلا كىلەي ، مەن ئىنگىلىزچە كىتاپ تەرجىمە قىلاي دىگەن ، ئۆزىڭىز بىلىسىز ئۈرۈمچىدە ئىنگىلىزچە كىتاپلارنىڭ تايىنى يوق ، توردىن چۈشۈرۈپ تەرجىمە قىلماقچىمۇ بولدۇم ، ھەم چۈشۈردۇم ، لىكىن ھەممىسى كونا كىتاپلاركەن ، يىڭى نەشىردىن چىققان ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيتىگە پايدىلىق كىتاپلار توردا يوقكەن بولسىمۇ ھەققسىز ئەمەسكەن ، سىتىۋالايدىسەم بەك قىممەتكەن ھەم ئۇنى قانداق سىتىۋىلىشنى بىلمەيمەن ھەم كىتاپنىڭ بۇيەرگە كىلىشىگە ئىشەنچ قىلالمىدىم.
    مەخسىدىم : سىزماڭا ياخشىراق كىتاپلاردىن بىرنەچچىنى تەۋسىيە قىلغان بولسىڭىز
    چۈشۈرۇش ئادرىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز .
    ياكى توردىن چۈشۈرۈپ خەت ساندۇقىمغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز سىز دىن كۆپ مىننەتدار بولاتتىم

    دولىتىمىزنىڭ سىياسىتىگە ماسكىلىدىغان بولسۇن ، نەشىردىن چىقىرىشقا بولىدىغان بوسلۇن
    ئۇيغۇر جەمىتىمىزگە پايدىلىق بولسۇن !
    پەن-تېخنىكا كىتاپلىرى بولسا تېخمۇ ياخشى
    جەميەتشۇناسلىق
    ئەخلاق شۇناسلىق
    مۇۋەپپىقىيەت شۇناسلىق
    ئىقتىساد شۇناسلىق
    پەلسەپە
    مەدەنىيەت شۇناسلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى كىتاپلار بولسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن
    مىنىڭ ئىنگىلىزچە كىتاپ تەرجىمە قىلماقچى بولۇشتىكى مەخسىتىم
    مىللىتىم ياشلىرىنى ئەڭ يىڭى چەتئەل نەزەرىيۋى بىلىملىرى بىلەن تەمىنلەش
    ئىنگىلىز تىلى سەۋيەمنى ئاشۇرۇش
    ئاخىرىدا ئۇيغۇرچە ھەرخىل ژانىردىكى كىتاپلارنى ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا ئازتۇلا تۇنۇشتۇرۇش ئىدى
    سىزگە ئۇتۇقلار تىلەپ ئىنىڭىز ئابدۇراخمان
    meripet回复ئابدۇراخمان说:
    سالام ئۇكام،
    مىللەت ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىڭىزغا كۆپ رەخمەت. تۆۋەندىكى تور بېتىدە "ئىش ئۈنۈمى يوقۇرى كىشىلەرنىڭ 7 ئادىتى" دېگەن كىتاپنىڭ ئىنگلىزچىسى بار. شۇنى تەرجىمە قىلىڭ. بۇ كىتاپ سىز دېگەن شەرتلەرنىڭ ھەممىسىگە چۈشىدۇ. مەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.


    http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=17172
    2009-02-04 10:54:40
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !
    مەن تۇركىيەدە ئوقۇشنى ئويلاۋاتقان ئىدىم. لىكىن تۇركىيەدە تۇنۇشلار بولمىغاچقا ئامال قىلالمىغان ئىدىم . سىز مۇشۇ ئىشقا ياردەم قىلالامسىز؟
    meripet回复قاھار说:
    Manga elxet yezing: erkinsidiq@gmail.com
    2009-02-04 10:55:14
  • ئەسسەلەمۇ ئەلەيكۇم!
    مەن ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ نەخمەيدان زىيارىتىنى (سۆھبەت فىلىمىنى) كۆرەي دىگەن ، پەقەتلا تاپالمىدىم، شۇڭا ياردەم تەلەپ قىلىمەن؟ مۇمكىن بولسا شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندىنىڭكىمۇ لازىم ئىدى .
    ئاۋارە قىلىپ قويدۇم .
    ئاللا بىزنىڭ ئالىملىرىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلغاي .
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئەركىن ئاكا ياخشىمۇ سىز .سىزنىڭ تەرجىمالىڭىز ۋە ئىش ئىزلىرڭىزنى ئوقۇپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم،بۇ ھاياجىنمنى تىلىمدا ئىپادىلەپ بىرىشكە ئاجىزلىق قىلمەن . مەن كەسىپتە نەتىجە قازنالمىغان مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئائىلىدە يولدۇشۇمنىڭ ۋە بالامنىڭ خىزمىتىنى قىلۋاتىمەن. سىزنىڭ كەچۈرمىشلىرڭىزنى ئوقۇپ مەندە يىڭدىن بىر ئۈگىنش ئۈمۈدى پەيدا بولدى .ھۆرمەتلىك ئەركىن ئاكا ،سىزنىڭچە مەن بۇندىن كىينكى ۋاقتىمنى ئۈگىنشكە سەرىپ قىلشىم كىرەكمۇ ياكى ئائلە ئايالى بولۇپ ئۆتۈشۈم كىرەكمۇ؟ئالىمنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئىلىپ قويدۇم.مەسلىھەت بىرشىڭىزنى ئۆمۈت قىلمەن!
    meripet回复ئالىيە说:
    سالام سىڭلىم،
    ئىمكان قەدەر ھەر ئىككى ئىشنى تەڭ قىلىڭ. گەرچە ھازىرچە ئۆيدە تۇرىۋاتقان بولسىڭىزمۇ، ئەگەر بەلگۈلۈك ۋاقتىڭىزنى ئۈگىنىشكە ئاجراتسىڭىز، سىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىڭىز بۇرۇنقىدىن جىق بېيىيدۇ، ھەمدە بۇنداق ئۈگىنىش سىزنىڭ ئائىلە ئىشلىرىنى ئۈنۈملۈك ۋە ئۇتۇقلۇق قىلىشىڭىزدا ناھايىتى چوڭ پايدىلىق رول ئوينايدۇ. مەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
    2009-02-04 11:06:36
  • ھۆرمەتلىك ئەركىن ئاكا !
    ياخشىمۇسىز ؟

    مەن سىزدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كۆچمەن بۇلۇش توغرىسىدا مەسلىھەت سورماقچى ئىدىم ؟ بۇ جەھەتتە چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ؟
    رەھمەت سىزگە !
    meripet回复قۇملۇق ئوغلى说:
    Mende bu jehette hech qandaq uchur yoq. Kechurung.
    2009-02-04 11:07:04
  • رەھمەت ؛ئەركىن ئاكا ~~سىزنىڭ جاۋاپ خېتىڭىزنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم ~~قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ماڭا جاۋاپ قايتۇرۇپسىز ~~رەھمەت ~~
    بۇنىڭدىن كېيىن ئۆگىنىش ۋە باشقا جەھەتلەردە چوقۇم سىزدىن مەسلىھەت سورايمەن !!
    ھېلىقى سىزگە دېگەن تور بەتكە ئازراق ئېلان قىستۇرۇپ قويغانىدىم ~قايسى كۈنى ئاچسام گوگىلىي شىركىتىدىن نۇرغۇن تور بەتلەرنى توختىتىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپتۇ ~~شۇڭا قايتىدىن ياساپ ھەقلىق تور بەت قىلماقچى بولىۋاتىمەن ~~خىجىلمەن ~~يەنە بىرسى بار ئىدى ~بۇ بىزنىڭ بۇ يىلىقى يېڭى يىللىق تەبركلەش مۇراسىمنى خاتىرە قىلىش مەقسىتىدە ياسىغان تور بەت ~~مەكتەپنىڭ تورنى ياساپ بولغىچە بۇ مۇنبەرنى كۆرۈپ ماڭا باھا بەرگەچ تۇرارسىز ~~(ئالدىڭىزدا خىجىلمەن ،تېخى تۆنۈگۈنلا ئوچۇق ئىدى ،تۇيۇقسىزلا......................................)

    http://www.aslayman.cn/ مۇشۇ مۇنبەر شۇ ~ئەڭ ئاخىرىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ناخشىسىنى مەن ئېيتقان ~
    meripet回复ئۆتكۈر ئۇيغۇر说:
    قالدۇرغان ئادرىسىڭىزدا ۋىروس باركەن ،
    2009-02-02 17:15:50
  • كەچۈرۈڭ ئاكا مڭنىڭ ئېلخەت ئادىرسىم www.akrmjan_xjau@126.comجاۋاپ يازغايسىز !
  • ئەسسالامۇ ئەلھيكۇم ئەركىن ئاكا ، مەن بۇرۇن سىزنىڭ توربېتڭىزنى بىلمەيتىم ھازىر كۆرۇپ بەك خوش بولدۇم رەخمەت سىزگە ، منىڭ كىچىكىمدىن باشلاپ چەتئەلگە چىكىپ ئوقۇش نىشانىم بار ئىدى شۇڭا ئنگىلىسچە ئۆگۇنۈشنى خېلى بۇرۇن باشلىغان كىيىن چەتكە چىكىپ ئۇقۇش پۇرسىتىنىڭ تەسلىگىنى ئاڭلاپ ئۈمۇت ئۈزگەنتىم، مەن ئنگىلىسچە 4_دەرىجە ئېمتھاندىن ئۆتكەن لىكىن ھازىر كۆپ ئۇنۇتۇپ كەتتىم ، لىكىن مەن يەنە تىرىشىش قارارىغا كەلدىم ، مەن بۇ يىل(2009.7) دا ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرمەن ، ماڭا پۇرسەت بارمۇ ، مەن چۇقۇم تىرشماقچى ئاكا بىر يىل ياكى ئككى يىل ئىچىدە توفىل( TOEFL) ئىمتىھانىدىن ئۆتمەكچىمەن ، ئاشۇ چاغدا ماڭا پۇرسەت بارمۇ بىر جاۋاپ خەت يېزىشىڭىزنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن رەھمەت سىزگە !!! مىنىڭ كەسپىم يىمەكلىك_ ئىلمى، ئامان بۇلۇڭ !!!
    meripet回复ئەكرەمجان说:
    Manga bir elxet yezing. Sizge shu arqliq meslihet berey. erkinsidiq@gmail.com
    2009-01-30 13:37:35
  • ئەسسالام ئەركىن ئاكا :
    ئالدى بىلەن سىز ۋە شۇنداقلا مېھرىبان ئايالىڭىز ھەمدە سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىڭىزدىن ئەھۋال سورايمەن !
    ئەركىن ئاكا ،مەن تولۇق 1-يىللقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا سىنىپ مەسئۇلىمىز سىز توغۇرلۇق يېزىلغان بىر ماقالىنى ئېلىپ كىرىپ مېنى سىنپتا ئوقۇتقانىدى ~~شۇ ۋاقىتتا سىز توغۇرلۇق تەپسىلاتلاردىن ئانچە مۇنچە خەۋەردار بولۇپ قالغاندىم ~كېيىنچە سىزنىڭ "قوش تىل مائارىپى "توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىلىرىڭىزنى كۆرۈپ كاللامدىكى نۇرغۇن سۇئاللارغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم !مەنمۇ سىز ئوقۇغان ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرىدا ئوقۇيمەن !بەزىدە مەكتەپنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىگە بېرىپ خۇددى سىز شۇ يەردىن چىقىپ قالىدىغاندەك سىز بىلەن خىيالىي سىردىشىمەن ،پاراڭلىشىمەن ،خۇددى سىز يېنىمدا باردەكلا `~~~~~
    مېنىڭ نۇرغۇن -نۇرغۇن سۇئاللارغا سىزدىن جاۋاپ ئالغۇم كېلىدۇ ،بىراق بەزىبىر سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇنىڭغا مۇمكىن بولمىدى (بۇ سىزگىمۇ ئايان)شۇڭا يەنىلا خىيالىمدىكى سىز بىلەن پاراڭلىشىمەن !!
    ئەركىن ئاكا ،ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ،نېمىشقىكىن بىكار بولساملا خىيال سۈرىمەن ،بەلكىم خىيال سۈرۈشتە بەڭگىلەرمۇ ماڭا يېتەلمىسە كېرەك.تېگى يوق خىياللار..............................................
    مەنمۇ شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىدا ئوقۇماقچى بولىۋاتىمەن ،چۈنكى تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى سىز بىلەن بىر مەكتەپتە خىيالەن ئۆتكۈزمەكچىمەن !مېنىڭ ئەسلىدە قانۇن كەسپىدە ئوقۇپ جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ناھەق ئىشلارنى ئۆزۈم ھەل قىلماقچىدىم ،ھەتتا چەت ئەللەرگە چىقىپمۇ ئوقۇغۇم بار ئىدى ،بىراق قانۇن كەسپىدە ئوقۇغانلارنى چەت ئەلگە چىقارمايدىكەن دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قۇرۇلۇش كەسپىنى تاللىىماقچى بولىۋاتىمەن ،ئۆزىڭىزمۇ بىلىسز ،بىزگە نىسپەتەن ئېيتقاندا ئالىي مەكتەپ ئارزۇ تولدۇرۇش بەك مۇھىم ،شۇڭا مۇشۇ جەھەتلەردە سىزدىن مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم ،سىزچە قايسى كەسپنى تاللىسام بولار؟؟ناۋادا قانۇن كەسپىدە ئوقۇسام چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغىلى بولامدۇ ؟؟؟
    بەك جېق ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ كەتتىم ئەركىن ئاكا ،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز ،ھە راستى ،ھازىر بىزنىڭ مەكتىپىمىز بەك ئۆزگىرەپ كەتتى ،يېقىندا مەن مەكتەپكە ۋاكالىتەن مەكتەپ تور بېتىنى ياساپ بەرگەن ئىدىم ،خالىسىڭز سىزگە ئەۋەتەپ بېرەي ،بەلكىم ئۆز ئانا مەكتىپىڭىزنى سېغىنپمۇ قالغانسىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    خەيىر ئاكا ،ئەسلىدە سىزگە دېمەكچى بولغانلىرىم بەك كۆپ ئىدى ،بىراق قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئېلىشىنى خالىمىدىم ،ئۇلۇغ اللا بۇيرىسا يەنە كۆرۈشۈشكە نېسىپ بولار !!
    خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق ،تېنىڭىزگە سالامەت،ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەپ : ئۆتكۈر ئۇيغۇر
    meripet回复ئۆتكۈر ئۇيغۇر说:
    سالام ئۇكام،
    خېتىڭىزنى ئوقۇپ ئىنتايىن سۆيۈندۈم. رەخمەت. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا مەنمۇ ئىنتايىن خىيالچان ئىدىم. ئەمىليەتكە ئۇيغۇن خىياللارنىمۇ، ئەمىليەتتە ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس خىياللارنىمۇ ئوخشاشلا كوپ سۈرەتتىم. مېنىڭچە بۇنداق قىلىش نورمالسىز ئىش ئەمەس. خىيال كۆپۇنچە ۋاقىتلاردا ئارزۇغا ئاساسلانغان بولىدۇ. ئارزۇدىن نىشان كېلىپ چىقىدۇ. چوڭ-چوڭ ئىشلارنى نىشان قىلغان ئادەملەر نورمال ئادەملەردىن كۆپ تىرىشچان كېلىدۇ. شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنىڭ مىجەزىدىن ھەرگىز ئەندىشە قىلماڭ.
    ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى مەكتەپلەرنىڭ قانۇن كەسىپىگە قوبۇل قىلىنىش مۇمكىنچىلىگى بار. لېكىن بۇ كەسىپتە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. ئامېرىكىدا باكلاۋىرلىقنى تەبىئى پەندە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئاسپرانتلىقنى قانۇن كەسپىدە ئوقۇيالايدۇ. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى: باكلاۋىرلىقنى جۇڭگودا تەبىئى پەندە ئوقۇش،بىرىنچى ماگىستىرلىقنى چەت ئەلدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇش، ئاندىن چەت ئەلدە قانۇن كەسپىدە ئوقۇش. بۇ مۇساپە جاۋالىق ۋە ئۇزۇن. لېكىن ئۇ مۇمكىن. شۇڭا سىز ئويلۇنۇپ بېقىڭ. مەن سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
    ھەلىقى تور بەت ئادرىسىنى ماڭدۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز. رەخمەت.
    2009-01-30 13:36:12
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا!ياخشمۇسىز؟
    مەن سىزنىڭ تەرجىمھالىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن زور ئېلھام ئالدىم ۋە سىزدەك ئۇيغۇر پەخرىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم.
    مەن ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنىچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى .مەنمۇ يېقىنىدىن بىرى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن چەتكە چىقىپ ئوقۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن.ئاڭلىشىمچە چەتكە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ياسى،توفېللاردىن ئۆتۈش كېرەككەن بۇ جەھەتتە مەنمۇ تازا چۈشىنىپ كەتمەيدىكەنمەن.شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا قىممەتلىك ۋاقىتىڭىزنى چىقىرىپ مۇشۇ تەرەپلەردىن مەسلھەت بىرىشىڭىزنى سورايمەن.
    meripet回复ساداقەت说:
    سالام ئۇكام،

    ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى تور بېتىنى تەپسەلىي كۆرۈپ چىقىڭ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە سوئالىڭىز بولسا تارتىنماي ماڭا ئېلخەت يېزىڭ.
    http://www.meripet.com/Soal/
    2009-01-26 11:03:43
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەركىن ئاكا سالامەتمۇسىز؟ مەن ھەر ۋاقىت تېنىڭىزنىڭ ساغلام، ئۆمرىڭىزنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن.
  • ئەسسالامۇ ئەليكوم ئەركىن سىدىق ئاكا ياخشىمۇسىز؟ مەن ئاۋال ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي:مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، بىناكارلق سۇ ئىنشئاتى قۇرلۇشى كەسپىدىن، . ئەركىن سىدىق ئاكا مېنڭ ئۆز كەسپىمدىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى، شۇنىڭ ئۇچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشم كېرەكلىكى توغىرسدا مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز. رەخمەت.........
    meripet回复ئالىمجان说:
    سالام ئۇكام،

    ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى تور بېتىنى تەپسەلىي كۆرۈپ چىقىڭ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە سوئالىڭىز بولسا تارتىنماي ماڭا ئېلخەت يېزىڭ.
    http://www.meripet.com/Soal/
    2009-01-26 11:03:11
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا!ياخشى تۇرغانسىز!ماڭا يازغان جۋابىڭىزنى كۇرۇپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.ئۇ كىتابنى توردىن سېتىۋېلىش ئۇچۇن كوپ تىرىشقان بولساممۇ ،بىرەر قېتىممۇ توردىن مال سېتىۋالمىغان بولغاچقا سېتىپ ئالالمىدىم.شۇڭلاشقا ئۇ كىتاپنىڭ كوپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئىبەرتىپ بىرەلەسىزمۇ؟
    سىزنى ئاۋارە قىلغانلىغىمدىن خىجىلمەن.خەير.
    meripet回复ئالىمجان说:
    U kitapni men resimge elip, towendiki tor betige qoyup qoydum:
    http://www.meripet.com/Sohbet1/kangas/
    2009-01-25 10:26:11
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.ئىلخەت ئادىرىسىڭىزغا خەت يازسسام ماڭمىدى.شۇڭا مۇشۇ يەرگە يازدىم.
    مەن سىزنىڭ قوش تىل ھەققىدىكى ماقالىڭىزنى ئۇقۇغان ئىدىم ،ئۇنىڭدا سىز 22بەتلىك بىر كىتابنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنىڭ زۇرۇرلىكى ھەققىدە توختالغان ئىكەنسىز.ئەگەر ئۇ ئىشنى باشقىلارغا تاپشۇرمىغان بولسىڭىز مەن قىلاي دىگەن.ئىسمىم ئالىمجان،شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتىنىڭ 2008-يىللىق تىلشۇناس ئاسپىرانتى.خەۋىرىڭىزنى كۇتۇپ ئالىمجاندىن.
    meripet回复ئالىمجان说:
    سالام ئالىمجان ئۇكام،

    مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇ ماقالىنى ھازىرغىچە ھېچ كىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلمىدى. شۇڭا سىز خاتىرجەم تەرجىمە قىلىۋېرىڭ. مەن سىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىپ بەرمەكچى بولغان بۇ ياخشى ئىشىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن.
    2009-01-24 11:30:45
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم :
    مەن تۇركىيەدە ئوقۇشنى ئويلىغان ئېىدىم.،ئەگەر تۇرۈكچىنى تەلەپ قىلىنغان سەۋىيەدە ئۇگۇنۇپ بولسام ،تەييارلىق ئۇقۇشىدىن ئاتلاپ ئۇتۇپ بىۋاستە ماگىستىرلىقنى باشلىسام بۇلامدۇ؟
    meripet回复ئوسمانجان说:
    تۈركىيەگە تۈرۈكچىنى ئۆگىنىپ بولۇپ بېرىپ، ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن بىۋاستە ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا كىرىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بار. شۇڭا سىزمۇ ئاشۇنداق قىلالايسىز.
    2009-01-24 11:33:32
  • ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئەپەندىم:
    سىزنىڭچە تولۇق ئوتتۇرا 1-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچى ئېنگىلىزتىلىدا قانداقراق سەۋىيەگە ئىگە بولسا ،چەتئەللەردە باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىدا قىينالماي،تىل ئۆتكىلىدىن توسالغۇسىز ھالدا ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ؟(مەسلەن،ئىلتەس،توفىل قاتارلىق ئىمتىھانلاردا نەچىنجى دەرىجىنى ئالسا؟)قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويدۇم.
    meripet回复مۇزات قىزى说:
    سالام،

    جۇڭگودا ئېلىنىدىغان ئىنگلىز تىلى دەرىجە ئىمتىھانىسىنىڭ ئەھۋالىنى مەن ئاساسەن بىلمەيمەن. شۇڭلاشقا مۇمكىن بولسا سىزنىڭ بۇ سوئالىڭىزغا جۇڭگونىڭ ئىمتىھانىسىدىنمۇ ئوبدان خەۋىرى بار، TOEFL قاتارلىق خەلقارالىق ئىمتىھانلاردىنمۇ ئوبدان خەۋىرى بىرەر قېرىندىشىمىز جاۋاب بەرگەن بولسا. كەچۈرۈڭ.
    2009-01-22 11:10:45
  • ئەركىن سىدىق ئاكا ياخشىمۇسىز ، مەن بۇ يىل 20 ياشقا كىردىم ، 2007-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى ئوتتۇرا تېخنىكوم ئاكتىيورلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەنىدىم . ھازىر شەھىرىمىزدىكى مەلۇم بىر جايدا پىراكتىكا قىلىۋاتىمەن . ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقىمىغا 2 يىل بولدى . ئەسلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىلى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى ئىدىم . بىراق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشمىدى . بىراق مېنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر گە بەكمۇ چىقىپ ئوقۇغۇم بار . بىراق قايسى كەسىپنى تاللاش كاللامدا ئانچە ئايدىڭ ئەمەس . شۇغىنىسى ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ ئوقۇش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس . بىراق ھازىر يېشىم كىچىك بولغاندىن كېيىن ، ئازراق ئۈمۈد بولسىلا چوقۇم ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ ئوقۇيالىشىمغا كۆزۈم يېتىدۇ . ناۋادا ھازىرقى مەدەنىيەت سەۋىيەرىم بىلەن ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇشقا سالاھىتىم توشامدۇ . ناۋادا توشمىسا يەنە قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشىم كېرەك ؟ ( ھازىر مەخسۇس كۇرۇسنى ئۆزلىكىمدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىۋاتىمەن )
    موشۇ توغلۇلۇق ماڭا مەسلىھەت بېرەلەمسىز ؟ بۇنىڭغا ئۇزۇن جەريان كەتسىمۇ مەن چوقۇم تىرىشىپ كۆرەتتىم . رەھمەت سىزگە !!
    meripet回复زۇلپىقار مەمەت说:
    Mawu tor betidiki uchurlarni korup beqing:
    http://www.meripet.com/Soal/
    2009-01-20 00:34:27
  • ئەسسالام ئەركىن ئاكا:
    سىز دىن سورايدىغان بىر قانچە سۇئالىم بار ئىدى:
    1.كومپىيوتىر ئۆگەنسە ئىستىقپالى بارمۇ ؟
    2.كومپىيوتىر ئۆگەنسە قايسى كەسىپ ئۆگەنسە ئەڭ ياخشى؟
    3.كومپىيوتىر ئۆگۈنۈشكە ئۆيدىكى چوڭلار قارشى چقسا قانداق قىلىشى كېرەك؟
    مەن كومپىيوتىرغا بەك قىزىقىمەن،ھەمدە ئۆزلىگىمدىن ئۆگىنىپ مەلۇم سەۋىيەگە يەتتىم،لېكىن ئۆيدىكى چولارغا كومپىيوتىر ئۆگىنەي دىسەم قوشۇلمايۋاتىدۇ، ئۇلار كومپىيوتىرنى سەن چوڭ بولغىچە ھەممە ئادەم بىلدىغان بولۇپ كىتىدۇ،ئۆگەنگىنىڭنىڭ پايدىسى يوق دەيدۇ، مەنچە بولغاندا ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ،چۇنكى كومپىيوتىر دىگەن كۈندە تەرەقىقى قىلىپ تۇرىدۇ،مەن قانداق قىلسام چولارنى قايىل قىلالايمەن، ماڭغا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭز؟
    meripet回复دىلشات ئەخمەت说:
    Salam ukam: Towendiki tor betini kurup beqing:
    بىلىك كۇلۇبى » كۆڭلۈمدىكى گەپلەر » بىخلان ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت

    http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=17660&extra=page%3D3%26amp%3Bfilter%3D31536000%26amp%3Bascdesc%3DDESC
    2009-01-18 14:48:46
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم !
    ئەركىن ئاكا، مەن تارىم ئۈۋېرسىتىتى ئۆسۈملۈك پەن-تېخنىكىسى ئىنىستىتۇتى 2009-يىللىق دېھقانچىلىق كەسپىدىن ئادىل
    مەن ھازىر ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن، سىزگە دەيدىغىنىم، مېنىڭ ياپونىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى قانداق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتسەم بولىدۇ، مەن ياپون تىلىنى بىلمەيمەن، بۇ توغرۇلۇق ماڭا تەپسىلى ئۇچۇر بەرگەن بولسڭىز .
    رەھمەت .
    سىزگە ئۇتۇق ،بەخىت تىلەپ ئادىل.....
  • ئالىم ئەركىن سىدىق ئەپەندى، ۋە ئامانگۇل ، خىزمىتىڭىزلەر شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزلەرنى چىقىرىپ ماڭا ئالاھىتەن جاۋاپ ئەۋەتكىنىڭىزلەردىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. مەن سىزلەرنىڭ خىزمەت ، ئائىلە ئەھۋالىڭىزلەردىن ماقالىڭىزدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتىمۇ ئاپىرېن ئۇقۇغاندىم، بىراق تور ئادرېسىڭىزنى بىلمىگەچكە ئالاقە قىلىش پۇرسىتى بولمىغاندى، مەنمۇ ئۇرۇمچىدىن ئۆي ئالغان بۇلۇپ چوڭ قىزىم ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق دوختۇرخانىدا ئىشلىگەچكە ئۇ يەردە كۆپرەك تۇرۇپ قالىمەن، شۇ جەرياندا تاغىمىز تىللىۋالدى مەسۇم بىلەن كۆپ ئۇچرىشىپ قالىمەن ، ھەم سىزلەرنىڭ ئەھۋالىڭىزلەرنى سوراپ بىلىپ تۇردۇم. ئەپسۇس سىزلەر كەلگەندە كۇرۇشكىلى نىسىپ بولماي قاپتۇ. ئۇلۇشكۇن تەساددىپى سىزنىڭ تور بېتىڭىزنى ئۇچرىتىپ قېلىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. سىزلەردىن پۇتۇن مىللەت بۇيىچە مەڭگۇ پەخىرلىنىمىز! سالامەت بولغايسىزلەر.
  • http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=30697 ۋاي ئىسىت بىلمەپتىمەن
  • ئەسسالامۇ ئەلايكۇم،ئەركىن سىدىق ئەپەندىم!جاۋاپ خېتىڭىزنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدۇم،سىزگە كۆپ رەخمەت! شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ ۋاقىت چىقىرىپ،جاۋاپ خەت يازغانلىغىڭىزدىن بەكمۇ ھاياجانلاندىم!مەندىن ئامانگۈل خانىمغا،ئىككى پەرزەنتىڭىزگە شۇنداقلا باشقا قېرىنداشلارغا سالام ئېيتىپ قويۇڭ!خۇدايىم،سىلەرگە تېخىمۇ ياخشى كۈنلەرنى،تېخىمۇ زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى ئاتا قىلسۇن!پۇرسەت بولسا،غۇلجىغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ،كۆرۇپ كېتىڭلار!سىزلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!خەير-خوش،ئامان بولۇڭلار!
  • پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى ئەركىن سىدىق ئەپەندى : مەن ئالدى بىلەن سىز ۋە ئىسىل پەزىلەتلىك ھەمرايىڭىز ئامانگۇل ھەم جان-جىگەر ئىككى پەرزەنتىڭىزلەرگە ئالىي ئېھتىراملىق سالىمىمنى يوللاش بىلەن بىرگە ساغلاملىق ۋە يەنىمۇ غايەت زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن . مەن سىزنىڭ بىباھا ئىلمىي ئەسەرلىرىڭىزنى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان كۇرۇپ تۇرىۋاتىمەن، بۇلۇپمۇ سىزنىڭ ئاجايىپ جاپالىق ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق قازانغان ئالەمشۇمۇل نەتىنجىلىرىڭىزنى كۆرگىنىمدە مىللەتنىڭ پەخىرلىك تۇيغۇسىغا چۇمۇپ كىتىمەن. مەن مەرھۇم سىدىق مەممەت تاغىمىز بىلەنمۇ ئوبدان تۇنۇشاتتىم ، ئىسمىم مۇختار، ئامانگۇل1977-1978-يىللىرى قۇمباش يېزىسىدىكى مەن خىزمەت قىلىۋاتقان كەنىتتە 2 يىل چېنىققان ئىدى ، ئامانگۇل ئىنتايىن تىرىشچان ، سەمىمى ، ئاقكۇڭۇل ، ئىسىل پەزىلەتلىك قىز بۇلۇپ ھەمىمىز ( خىزمەتداشلار) ناھايىتى ھۆرمەتلەيتۇق. كىيىن ئىككىڭىزلەرنىڭ ئۆمۇرلۇك ھەمرا بۇلۇپ ئىلىم-پەن تەتقىقاتىدا بىرلىكتە يۇقۇرى پەللىگە ئۆرلەۋاتقانلىقىڭىزلاردىن خەۋەردار بولغىنىمدا ناغايىتىمۇ پەخىرلەنگەن ئىدىم . سىزلەرگە يەنە بىر قېتىم چۇڭقۇر سالام يوللايمەن.
    meripet回复مۇختار نەمەت说:
    سالام،

    خېتىڭىزنى ئامانگۈل بىلەن ئىككىمىز بىرلىكتە ئوقۇپ، ئىنتايىن خوشال بولدۇق. رەخمەت. بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇنقى ئۇ تۇرمۇشلار بىزنىڭ ئېسىمىزدىمۇ خۇددى تۈنۈگۈنكى ئىشلاردەك ئېنىق بار.ئامانگۈلنىڭ ئەسىدە سىزمۇ ناھايىتى ياخشى بار ئىكەنسىز. ئامانگۈل بىلەن ئىككىمىز سىزگە ئامانلىق ۋە ئۇتۇق تىلەيمىز.
    2009-01-15 13:09:20
  • ئەسسالامۇ ئەلايكۇم،ئەركىن سىدىق ئەپەندىم!سىز ئارقىلىق ئاىئلىڭىزدىكىلەردىن ئەھۋال سورايمەن!مەن تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا،شۇ چاغدىكى <شىنجىئاڭ ياشلىرى>ژورنىلىغا سىز توغىرلىق ماقالە بېسىلغان ئىدى؛ مەن 2006-يىلى سىزنىڭ مەرىپەت تور بېتىڭىزگە كىرىپ،سىزنىڭ تەرجىمەھالىڭىزنى ئوقۇپ،شۇ زامان كاللامغا شۇ ۋاقىتتىكى ژورنال كەلدى،1984-ياكى 85-يىللىرى بولسا كېرەك،يېڭى يېزىقتىكى ژورنال ئىدى،ئېسىڭىزگەكەلدىمۇ؟ مانا 20 نەچچە يىل بولدى،مەنمۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ،جەمىيەتكە چىقىپ ئشلەۋاتىمەن،سىزنىڭ ھەر بىر پارچە ئەسىرىڭىزنى تولىمۇ ھاياجان ئىچىدە ئوقۇپ چىقىمەن،ئۆيگە بېرىپ يولدۇشۇمغا ۋە بالىلىرىمغا سىز ۋە ئاىئلىڭىزدىكىلەر، يازغان ئەسەرلىرىڭىزنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ كېتىمەن،بۇ يەردە پۈتۈن ئائىلەم نامىدىن سىزلەرگە سالام ۋە رەخمەت ئېيتىمەن............!مەن ھازىر تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن،ئالى مەكتەپتە ئازراق غەيرەت قىلىپ بىرەر چەتئەل تىلىنى ئۈگەنگەن بولسام،نىمەدىگەن ياخشى بولاتتى-ھە،ئەپسۇس.......،ئەمدى بارلىق ئۈمىدىمنى ئىككى قىزىمغا باغلىدىم،ئۇلار ھازىر خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ،ئانا تىلدىنمۇ ساۋادى بار،بىز ئۇلارنى تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ،ئۇيغۇرچە مەكتەپكە يۆتكەشنى ئويلىشىۋاتىمىز،ئەگەر بالىلارلا ئوقۇپ چىدىسا،ئۇلارنى چوقۇم ئەڭ ئاخىرغىچە ئوقۇتىمىز،ئۇلارنىڭ ئۈگىنىشى ھازىرچە ياخشى،مەن ئۇلارغا دائىم ئۆزىمىز ،ئەجداتلىرىمىز توغىرلىق سۆزلەپ بېرىمەن،سىزگە يازماقچى بولغان گەپلىرىم بەك كۆپ ئدى،سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئالماي،سىزگە يەنە بىرقېتىم رەخمەت!تېنىڭىزغا ساقلىق تىلەيمەن!
    meripet回复كەۋسەر说:
    سالام،

    سەمىمىي خېتىڭىزدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم ۋە زور ئىلھام ئالدىم. رەخمەت. پەرزەنتلىرىڭىز ئۈچۈن تۇرغۇزغان نىشانىڭىزمۇ مېنى ناھايىتى خوشال قىلدى. خۇدايىم كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىڭىزنىڭ تىلىگىنىڭىزدەك بولىشىغا نىسىپ قىلار.
    2009-01-15 13:03:46
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
    ئەركىن سىدىق ئاكا ھەم بلوگ باشقۇرغۇچىلىرى ، ھەمىڭلارنىڭ يىڭى يىلىڭلار قۇتلۇق بولسۇن ، تىنىڭلار سالامەت ، خىزمىتىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن !
    بىزنى قىممەتلىك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەپ كىلىۋاتىسىلەر ، سىلەردىن تولىمۇ مىننەتدارمىز .
    ئەركىن سىدىق ئاكا ، مەن يىقىندا يىڭى يېزىقتىكى مەرىپەت تورى(http://www.meripet.com) دىن " ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن قانۇن كەسپىدە ئوقۇش پۇرسىتى" دىگەن يازمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم .
    ( يازما بۇيەردە : http://www.meripet.com/Oqush/Law2008.htm ). بۇ ئۇچۇرنى ئوقۇپ تولۇق چۈشىنىپ كىتەلمىدىم . بۇ قاچانقى ئۇچۇر بولغىتتى ؟ 2007-يىلنىڭمۇ ياكى 2008-يلىنڭمۇ ؟ قانداق شەرتلەرنى تەلەپ قىلىدۇ ؟ مەن 2009-يىلى 7-ئايدا TOEFL بېرىمەن . 2010-يىلى 7-ئايدا قانۇن باكلاۋۇرلىقىنى پۈتتۈرىمەن . مۇشۇ توغرىسىدا بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز؟
    يەنە بىر ئىش ، مەن 2010-يىلى باكلاۋىرلىق ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئامرىكا تەرەپلەردە قانۇن كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغۇم بار. لىكىن بىلىشىمچە ، ئامرىكنىڭ قانۇن كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماق( تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشمەك) بەك تەسكەن . باشقا كەسىپكە ئىلتىماس قىلاي دىسەم بىلىكتىكى «چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن ماڭغان يوللىرىم» دىگەن يازمىدا «masterغا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار، كۆپىنچە ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ ئەسلى كەسپىدە ئوقۇشى لازىم. بولمىسا ئوقۇش مۇكاپاتىدىن، ھەتتا قوبۇل قىلىنىشتىنمۇ سوز ئاچقىلى بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا كۆپىنچى ئەھۋالدا، ماگىستىرلىققا ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار نېمە كەسىپ ئوقۇسام بولار دەپ ئويلىماي، يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلى كەسپىڭىزنى تاللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن» دىيىلىپتۇ. ھازىر مەن تەڭ قىسلىقتا قالدىم، قانداق قىلسام بولار ؟ ئۆز كەسپىمدە ئۇقۇش مۇكاپاتى ئېلىش تەس تۇرسا ، باشقىسىدا ئوقاي دىسەم كىيىن بايا دىيىلگەندەك يەنە ئاۋارىچىلىك بولىدىغاندەكلا ...
    ئەگەر مەن 2010-يىلى باكلاۋىرلىق ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرگىچە توفىل( TOEFL) ۋە ئەلسەت (LSAT) ئىمتىھانىدىن ئۆتەلىسەم ، تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئامرىكىدىكى قانۇن مەكتەپلىرىگە كىرىش پۇرسىتى بولارمۇ؟ مىنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا كۆپرەك ئۇچۇردىن خەۋەردار بولغۇم باتتى...


    جاۋابىڭىزنى تەشنامەن...
    meripet回复تاۋلان说:
    Men sizge aldinqi qetim jawab bergen idim. Bolsa shuni izdep tepip baqsingiz. Rexmet.
    2009-01-12 00:26:48
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا!
    مەن ئچكىردىكى ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىسى .ئچكىرگە كەلگىلى2يىرىم يىل بولدى.كەسپىم كىلىنكىلىق تىببي پەن .بىلوگىڭىزغا ئۇچراپ قالغىندىن بۇيان ئزچىل ئوقۇپ تۇرىۋاتىمەن."ئۇيغۇرلار دۆت ئەمەس"دىگەن ماقالىنى ئوقۇپ سىزگە رھمەت دىمىسەم بولمايدۇ دەپ ئويلىدىم.(رەھمەت سىزگە...) سىز ئۇزۇن ۋاقىت چەتتە يۈردىڭىز،سەرگەردىنلىقنى ئوبدان بىلىسىز .......مەنمۇ ئۆيدىن ئايرىلىپ ئوقۇۋاتىمەن ،بەزىدە چىدىماي قالىمەن. مەن تۇرمۇشۇمدا ،خاسلىقىمدا،ئۈگۈنۈشۈمدە نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىم كىرەك؟
    (دۇنيادا ئالىمىدىن سۆيۈنمەيدىغان مىللەت بولمىسا كىرەك!!!)
评论分页:共8页 第一页 上一页 1 2 3 4 5 6 7 8 下一页 最后一页