-
2010-09-15
مەنزىرىدىن پارچىلار - [خاتىرلىرىمدىن]
مەنزىرىدىن پارچىلار
يېقىندا يەنى ئىككى ھەپتە بۇرۇن نوبىل مۇكاپاتلىق يازغۇچى ئورخان پامۇكنىڭ «مەنزىرىدىن پارچىلار» ناملىق ھايات ھېكايىسىنى ئاساس قىلغان كىتابى نەشىردىن چىقتى. نەشىردىن چىقماي تۇرۇپلا بىرنچى باسمىسى ئۇچۇن بىرىلگەن تىراژى كىتاپ خېردارلىرى تەرىپىدىن زاكاس قىلىنىپ بولغاچقا ئىككىنچى باسمىسىمۇ بېسىلىپ چىقتى، بەلكىم يازغۇچىنىڭ ئابرۇينىڭ ئۆسكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تۈركىيىدىن باشقا بىر يەردە يەنى ئامېرىكىدا بىر پارچە ئىنگلىزچە كىتابى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا بۇ كىتاب ئاساسلىقى يازغۇچىنىڭ كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتىدا دەرس بېرىش جەريانىدا توپلىغان دەرس خاتىرىسى بولۇپ ھېسابلنىدۇ، رومان ئەمەس.
مەن كوچىدا كېتىۋېتىپ بۇ كىتابقا كۆزۈم چۈشتى، كىشلەر بۇ كىتابىنى ياخشى سېتىلىدۇ دەپ ئويلىغاچقا 8-ئاينىڭ 26-كۈنى نەشىردىن چىققان كىتاپ رۇزى ھېيتتا كوچىلاردىن ياكى كىچىك كىتاپخانلاردىنمۇ تاپقىلى بولاتتى.
مەن كىتابنى ئېلىپ ئۇيان بۇيان ۋاراقلاپ باقتىم، ھەمدە باشقا رۇمانلىرغا ئوخشىمايدىغان يېرى، ئىچىدە نۇرغۇن سۈرەت ۋە رەسىمنىڭ بارلىقىنى كۆردۇم. كىتابنىڭ بېشىنى ئوقۇش ئارقىلىق يازغۇچىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا رەسسام بولۇش ئۇچۇن نۇرغۇن ۋاقىتنى رەسىم سىزىش بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىنى كىيىن رومانچى بولۇش ئۇچۇن بۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغانلىقىنى بىلدىم.
ھايات، كوچىلار، ئەدەبىيات قاتارلىق بۆلۈملەردىن تەركىپ تاپقان بۇ روماننى ئۇقۇشنى باشلىۋەتتىم. ئەگەر ۋاقتىم بولسا ئەدەبىيات قىسمىنى بىر ئاز تەرجىمە قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن. چۈنكى رومانلارنى قانداق يازغانلىقىنى، قايسى پېرسوناژنى نېمە ئۇچۇن ئاشۇنداق تەسۋىلىگەنلىكى، خام ماتېرىياللارنى قايسى يەردىن توپلىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم يىپ ئۈچى بىرىلگەن ئىكەن. بولۇپمۇ مەن بۇرۇن ئوقۇغان «مەسۈمىيەت مۈزەسى» ناملىق روماننىڭ يېزىلىش جەريانى مىنىڭ دىققىتىمنى تارتتى. يازغۇچىنىڭ تەسۋىرلىگەن ئۆينى سىزىلغانلىقى ۋە نېمىنىڭ قايسى يەردە ئىكەنلىكىنى بىر بىرلەپ خاتىرىلىگەنلىكىنى كۆردۇم، يوللارنى ئاشۇنداق سېزىۋالغان بولۇپ ئارىلىقلارنى مىتېر مىتېر بۇيىچە يېزىۋالغان. يېڭىدىن يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان كىشلەر ئۇچۇن بۇلار ئىنتايىن قىممەتلىك ئۆرنەك. ھەم مۇشۇنداق ئىنچىكە ئىش قىلغاندا تەسۋىرلەرنى جايىدا ۋە توغرا بەرگىنى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
بىر مۇخبىر يازغۇچىدىن:
-سىزنىڭ رومانلىرڭىزدا نېمە ئۇچۇن ھەسەن ئاتلىق كىشلەر ئاساسەن سەلبىي پېرسۇناژ؟ دەپ سورايدۇ .
يازغۇچى كىيىن مۇشۇ سۇئال توغرۇلۇق ئويلىنىدۇ، ئەسلىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ۋاقتىدا ھەسەن ئاتلىق بىر ساۋاقدىشىنىڭ يازغۇچىنى ئۇرۇن قانتىۋەتكەنلىكنى ئېسىگە ئالىدۇ. بەلكىم بۇ چاقچاق تەرىقىسىدە يېزىلغاندۇر، ئەمما مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئىككى مىسال ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىرلىرنىڭ رۇمانلىردا قانداق ئەكىس ئەتكەنلىكىنى ئاڭلىتىدۇ.
يازغۇچى نوبېل مۇكاپاتى ئالغاندىمۇ دادىسى توغرۇلۇق گەپ قىلغان ئىدى. بۇ كىتابنىڭ باشلىنىش قىسىملىردىمۇ دادىسىدىن ۋە ئۇنىڭ ياز ۋاقتىدىكى شائىر بولۇش ئۇچۇن قىلغان ئىشلىرىدىن سۆز قىلىدۇ. دادىسىنىڭ ۋاپاتىنى خېلى قايغۇلۇق بىر شەكىلدە تەپسىلى يازىدۇ، بەزىدە كىشنى ئويلاندۇرۇپ قويىدىغان مۇنۇ بىر جۈملە بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
ھەر ئەركەكنىڭ ئۆلۈمى دادىسىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن باشلىنىدۇ.
收藏到:Del.icio.us