-
2011-05-18
ئاخىرقى ئارال - [خاتىرلىرىمدىن]
زۈلفى لىۋان ئەلىنىڭ «ئاخىرقى ئارال» ناملىق روماننى ئوقۇپ تۈگەتتىم. بۇرۇن بۇ يازغۇچىنىڭ «بەخت» ناملىق روماننى ئوقۇغان ئىدىم. روماننىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا ياشار كامالنىڭ »ئەدەبىياتتا كۆركەملىك بىر سۆز بار، بۈيۈك ئىشىكتىن كىرىش، لىۋانئەلى بۇ رومانى ئارقىلىق ئەدەبىياتنىڭ بۈيۈك ئىشىكىدىن كىردى.»
رومان ئاددى، ئەمما گۈزەل بىر تىل بىلەن تەسۋىرلەنگەن. كىتابخانلىرىمىزغا رومانغا ئائىت تەسىراتنى ئاڭلىتىشتىن بۇرۇن روماندىكى ۋەقەلىكنى ئازراق تەسۋىرلەپ ئۆتەي. تەخمىنەن 40 ئائىلە كىشىلىرى بىر ئارالدا ياشايدىكەن، ئارال كىشىلىرى ئىنتايىن ئىناق ئوتۇشدىكەن. يەنى ھېسابتا يەرشارىدىكى جەننەت دېسەكمۇ بىر ھىساپتا بولىدىكەن يازغۇچىنىڭ تەسۋىرىگە ئاساسەن. كىيىن بۇ ئارالغا بىر پىنسىيىگە چىققان دۆلەت باشلىقى كېلىپ بۇ يەردىكى قائىدە ۋە ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە باشلايدۇ، ۋە ئەڭ ئاخىردا بۇ يەر ياشانماس ھالەتكە كېلىپ ھىچكىم قالمايدۇ، ئارالدا قالغىنى بىر زامانلار ئارال كىشىلىرى تەرىپىدىن قەتلىئام قىلىنغان چايكالار…
روماننى تېخىمۇ ئېنىق چۈشنىش ئۇچۇن تۈركىيىنىڭ يېقىنقى 50 يىللىق تارىخىدىن ئازراق خەۋەردار بولۇش كېرەك. تۈركىيىدە ئاخىرقى ئەللىك يىلدا ئىككى چوڭ ۋە ئىككى كىچىك ئەسكەرلەر قوزغىغان سىياسى ئۆزگىرىش بولدى، چوڭ سىياسى ئۆزگىرىشتە دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنى ئۆزگەرتىلدى، كىچىك سىياسى ئۆزگىرىشلەردە ئاساسى قانۇن ئۆزگەرتىلمىدى پەقەت ھۆكۇمەتلەر مەجبۇرى ئالماشتۇرۇلدى. روماندىكى پىنسىيىگە چىققان دۆلەت باشلىقى سىياسى ئۆزگىرىش قوزغىغان ئاشۇ گېنىراللارىنى ئەسلىتىدۇ بىزگە. بۇ گېنىراللانىڭ دۆلەتنى قانداق كونترول قىلغانلىقنى ئارالدا ياشايدىغان 40 ئائىلە كىشلىردىكى ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگەن.
تەبىئەتتىكى ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق، ئىنسانلار تەبىئەتنىڭ ئېكلوگىيسىگە ھۆرمەت قىلغاندا دۇنيادىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنالايدۇ. روماندا چايكىلارنى ئۆلتۈرۇش ئۇچۇن ئارالغا تۈلكە ئەكىلىدۇ، ئۇلار چايكىلارنىڭ تۇخۇمىنى يەيدۇ، چايكىلار ئازلىغاچقا ئارالدا يىلان كۆپىيىشكە باشلايدۇ، كىيىن يىلان ۋە تۈلكىلەرگە قارشى تۇرۇش ئۇچۇن ئورمانلىققا ئوت قويۇپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئارالنى ئىنسان ياشيالماس ھالەتكە ئەكىلىپ قويىدۇ.
روماننىڭ ئاساسى مەقسىتى، ساددا، ئاقكۆڭۈل ئىنسانلارنىڭ قانداق قىلىپ يامان نىيەتلىك ۋە ناچار ئادەتلىك ئىنسانلارغا ئايلىنىشنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر.
ئەلۋەتتە، خۇددى “بەخت” روماندا پروفېىسورنى قانداق تەسۋىرلىگەن بولسا بۇ كىتاپتىمۇ بىر ئۆزىنى دۇنيادىن سىرىتقا چىكىش خاھىشلىرى بار. پروفېسسور ۋە ۋالى گېزىت ئوقۇمايدۇ، سىياسەتكە ئارلاشمايدۇ، بۇ ئارالدا ياشىغان ئىنسانلارمۇ تېلۋۇزۇر كۆرمەيدۇ، ھەپتىدە بىر گېزىت ئوقۇپ قويىدۇ، مەملىكەتتە ۋە دۇنيادا نىمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ بەك پەرۋاسىز قارايدۇ. مىنىڭچە ئىنسانلار دۇنيا ۋە ئىنسانلارغا بۇ خىل پاسسىپ شەكىلدە ئەمەس، ئاكتىپ بىر شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش كېرەك، چۈنكى سىز سايلامدا ئاۋار بەمىسڭىزمۇ سىياسەتچىلەر ئىشنى قىلىۋېرىدۇ ئەمما سىز بەرگەن ئاۋاز بەلكىم ئو دۆلەتتە بىر نېمىلەرنى ئۆزگەرتىشكە پايدىسى بولىشى مۇمكىن. بۇ يەردە مەن ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدىكى چۈمۈلىنى ئەسلىتىشنى توغرا تاپىمەن.
ھەر كىشى ئۆزىنىڭ باغچىسىنى يىتىشتۇرشى كېرەك دېگەن سۆزدىن ئىلھام ئالغان يازغۇچى روماننى ئۆز ھېكايىسى سۈپتىدە ئوقۇرمەنلەرگە سوۋغا قىلغان. ئومۇمەن قىلغاندا يىگىرمە نەچچە خىلغا تەرجىمە قىلىغان روماننى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ياشار كامال روماننىڭ ئاپتۇرى لىۋان ئەلى بىلەن بىللە.