بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-08-14

    كۇردلار - [تۈركىيە]

    كۇردلار -ئوتتۇرا شەرقتە ئەرەب، تۈرك، پارىسلاردىن قالسىلا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ مىللەت بولۇپ، ھازىرقى نوپۇسى تەخمىنەن يىگىرمە مىليون. ئۇلار ئاساسەن تۈركىيە(توققۇز مىليون) ،ئىران (بەش مىليون)، ئىراق(تۆت مىليون)،سۈرىيە(سەككىز يۈز مىڭ)، لىۋان (يۇز مىڭ)، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە (يۈز مىڭ)،لەرگە تارقالغان. كۇردلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. كۇردلار غەربىي ئاسىيادىكى ئاڭ قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى.

     كۇرد تىلى ھىندى -ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ پارس تىل گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ، ئەمما خەلقئارادا كۇردچە توغرۇلۇق تالاش تارتىش بار.

    تۈركىيەدە ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەرنى شەرقى ئاناتولىيە دەپ ئاتايدۇ، ئىقلىمى قۇرغاق يازدا ئىسسىق، قىشتا سوغۇق بولىدىغان بىر جاي. بۇ يەرلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىمۇ ياخشى ئەمەس، سەۋەبى ئوتتۇز يىلدىن داۋام قىلغان تېررور مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بۇ يەرگە مەبلەغ سالىدىغان شىركەتلەر ناھايىتى ئاز.

    مەن بۇ ماقالىنى نېمە ئۇچۇن يازدىم؟

    تۈركىيەنى تولۇق چۈشنىش ئۇچۇن بۈگۈنكى كۈندە كۇردلارنى بىلىپ قويغان ياخشى. چۈنكى ئۇلارنىڭ نوپۇسى تۈركىيە نوپۇسىنىڭ ئون پىرسەنتىگە يېتىدۇ. ئىستانبۇلنىڭ كوچىلىرىدا تۈركلەردىن بەزى سەل پەرق قىلىپ قالىدىغان كىيىم كىيىۋالغان كورد ئاياللىرىنى ياكى ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئالمىغان بۇغداي ئۆڭلۈك كورد ئەركەلىرنى ئۇچرىتىپ تۇرىسىز. ئۇلار تۈركچە سۆزلىشىۋاتقان ۋاقىتتا «ك» تاۋۇشىنى ئۇيغۇرچىدىكى «ق» تاۋۇشىغا ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىدۇ.

    تۈركىيىگە يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ ئىسمى چىقسا ياكى ئۇلار توغرۇلۇق بىر گەپ بولۇپ قالسا ياخشى بولمىغان گەپلەر بىلەن تەرىپلەپ كېتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ تۈركىيە پۇقراسى بولغاندىن كېيىن تۈركىيىنىڭ تەرەققى قىلالماسلىقىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرسىنىڭ تېررور مەسىلىسى ئىكەنلىكى، بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى بۇ دۆلەتتە كوردلارنىڭ ياشىشىغا باغلاپ تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. مىنى ھەيران قالدۇرغان نوقتا شۇكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ تېررور مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن دىمۇگىراتىك ئېچىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. توغرا بۇ سىياسەت ئارقىلىق نېمە ھەل بولدى؟ بۇ سىياسەتنىڭ ئىچىدە نېمە بار بۇ ئايرىم مۇلاھىزە قىلىنىشى كىرەك. بەزى ئۇيغۇرلار باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى كۆرسە «شەرەپسىز» دەپ تىللاپ قويىدۇ، سەۋەب- بۇ ئېچىلىشمىش. سىزگە نېمە بولدى؟ ئۇلار ئىنسان ئەمەسمۇ؟ شەرقى جەنۇبى ئاناتوليەدە ئۆلگەن تۈرك ئەسكەرلىرى، تېرورىست ۋە گۈناھسىز ئىنسانلارنىڭ سانى 40 مىڭغا يەتتى، بۇ ھەرگىز ئاز ئىنسان ئەمەس. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بەلكى ئوق چىقىرىشنىڭ يېنىدا باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىش كېرەكتۇ. شۇڭا بۇنداق مەسىلىلەرگە سوغۇق قانلىق شەكىلدە مۇئامىلە قىلغان ياخشى.

    مەن تۆۋەندە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە پارچە سۈرەت چىقىرىپ قويدۇم.

    مۇستاپا كامال ئاتاتۈك بىر كۇرد بوۋاي بىلەن بىللە

    كۇرد مومايلار

    بىر ياش كۇرد قىزى

    ئەنئەنۋى كىيىم كىيىۋالغان كۇردلار

     

    分享到:

    评论

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم. سىزنىڭ بلوگىڭىزغا كەلگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن،ئۇلىنىش قىلشاق قانداق؟
    Kurkumguli回复ھونزادە 说:
    بولىدۇ، ئۆزئارا ئۇلىنىش قىلايلى
    2010-09-12 11:45:20
  • تىمىدىكى خەتلەر نىمىشقا نورمال كۆرۈنمەيدۇ؟ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ ماڭسىڭىز بولغىدەك.
    Kurkumguli回复QAWANDAZLAR说:
    مەن بۇ مەسىلنى ھەل قىلىش ئۇچۇن بىر قانچە كىشىگە مەسلىھەت سالدىم، ياردەم تەلەپ قىلدىم، مۇۋاپىق بىر نەرسە دىگەنلەر بولمىدى.

    بولۇپمۇ ھەر خىل كۆرگۈچتە نورممال كۆرۇنمەيدۇ، ئاساسلىقىInternet Explore 8.0 تا نورمال كۆرنىدۇ.
    2010-09-07 22:07:29
  • بىر كىچىك نۇقتىنى توغرىلاپ قويۇشۇمغا رۇخسەت قىلىڭ، كۇرد ئەمەس، كۈرد، كۇردلار ئەمەس، كۈردلەر. بۇ سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت.
    Kurkumguli回复DilFrance说:
    سالام، مەن بەزى يەرلەردە كورد دەپ يازغاننى كۆردۇم.
    لۇغەتكە قارىسام كۇرد دەپ ئاپتۇ شۇڭلاشقا مۇشۇنداق يازغان.
    تۈركچەدە كۈرت دەپ يازىدۇ
    2010-08-29 16:35:19
  • قېنى ھوي؟ ئاران مۇشۇنچىلىك تونۇشتۇرۇپلا بولدى قىلىدىغان گەپما؟
    Kurkumguli回复siqilish说:
    مەن ئادەتتە قىسقا قىسقا قىلىپ تۇنۇشتۇرۋاتىمەن.
    ئالدىمىزدا يەنە تۇنۇشتۇرۇشقا تىرشىمەن
    2010-08-21 01:41:45
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
>