بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-08-17

    «بەخت» رومانىدىن - [تۈركىيە]

    زۈلفى لىۋانئەلىنىڭ «بەخت» رومانىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم، ئەگەر ۋاقتىم بولسا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلاتتىم، ئەمما مىنىڭ ۋاقتىم بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا يەتمەيدۇ. تۈركچىنى بىلىدىغان تەرجىمانلىرمىز روماننى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۇشتۇرەر، كىتاپ ئاللىبۇرۇن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولۇندى.

    كىتابتا بىر قانچە قىزىقارلىق ۋەقە باركەن، مەن شۇنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش نىيىتىگە كەلدىم.

    قەدىمقى زاماندا يۇناندا كۆپ تەڭرىلىق ئىتىقاد بار ئىدى، تەقدىرگە مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر رىۋايەت باركەن. بىر يىگىت ئايغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ. تەڭرى بۇنى ئۇقۇپ يىگىتنى جازالىماقچى بوپتۇ، تەڭرى ئويلىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۆز تەقدىرنى ئۆزى بەلگىلەش جازاسىنى بېرىپتۇ. ئارتۇق يىگىت ئۆمرىنىڭ قانداق ئۆتىدىغانلىقىنى، قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن، شۇڭلاشقا بۇ ھاياتتا ياشاشنى خالىماي، مەڭگۈ ياش پېتى قېلىپ ئۇخلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردىكەن.

    بۇ ھېكايە بىر تەسەۋۋۇپ ئېتىقادىغا مۇناسىۋەتلىك.

    11-ئەسىردە بىر شەيخ بولۇپ مەلۇم بىر تەرقاتنىڭ بېشى ئىكەن. بىر كۈنى چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە پەيغەمبەرنى كۆرۈپتۇ، ئەتىسى ئورنىدىن تۇرۇپ چۈشىنى تەھلىل قىلىپتۇ. بىر كۈنى مۇرتلىرنى توپلاپ: «-مەن ئەمدى ئۆلىدىغان ئوخشايمەن، ھاياتىمنىڭ ئاخىرىنى ئۇلۇغ ماكانلارنىڭ بىرى بولغان ھىجازدا ئۆتكۈزۈشنى ئويلايمەن. ئەگەر مەن كېتىپ مىنىڭ سىياقىمدا بىر كىشى كەلسە ئۇ ساختا ياكى شەيتان ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار.» دەپ يولغا چىقىپتۇ. شىرازدا ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ، شەيخ ئۆلمەپتۇ. شەيخنىڭ  بۇ يەردە ئىچى سىقىلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىشنى ئويلاپتۇ. ۋە قايتىپ كېلىپ مۇرىتلىرى بار يەردە مەن بىر قانچە يىل ئىلگىرى مىنىڭ سىياقىمدا بىرسى كەلسە مەن ئەمەس، ئۇ مىنىڭ سىياقىمدا كەلگەن باشقا بىرسى دېگەن ئىدىم، ئەمما مەن ئۆلمىدىم، بۇ مەن دەپتۇ. ئەمما مۇرىتلىرى ئۇنىڭ نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشىگە قارىماستىن قىلىچلىرىنى چىقىرىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپتۇ.

    بۇ نى ھېكايە ياكى رىۋايەت دەپمۇ كەتكىلى بولمايدۇ. بىر تارىخ بولىشى مۇمكىن. شەرقى ئاناتوليەدە مىڭ يىل بۇرۇن بىر خەلق ياشىغان بولۇپ ئېتىقادى تۈپەيلىدىن بەكمۇ چەتكە قېقلىپتۇ، شۇڭا ئاق دېڭىز ئەتراپىغا كۆچۈپتۇ، ئۇ يەردىكى كىشىلەرمۇ بۇلارنىڭ مەزھەپ چۈشەنچىلىرىنى ياخشى كۆرمەپتۇ، شۇڭا ئۇلار ياۋروپاغا قاراپ كۆچۈپ فرانسىيىگە يەرلىشىپتۇ. كىيىن فىرانسۇزلارمۇ ئۇلارنى فىرانسىيدىن قوغلىغاندىن كىيىن بالقانلارغا كۆچۈپ كەپتۇ. خرىستىئانلارنىڭ چەتكە قېقىشغا ئۇچرىغان بۇ كىشلەر ئوسمان ئىمپۇراتۇرلىغى زامانىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بوپتۇ. پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، 1990-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مىلوشىۋىچنىڭ قەتلىئام قىلىشىغا ئۇچرىغان بوشناقلار ئىكەن. «ئون ياشلىق بىر بالا مۇسۇلمان بولغانلىق ئۇچۇن ئۆلتۈرۈلدى، مىڭ يىل بۇرۇن ئۇنىڭ ئەجدادىمۇ ئېتىقادى تۈپەيلىدىن ئۆلگەن ئىدى، خاتا يەردە، خاتا ۋاقىتتا ئوخشاش كىشلەر ئېتىقادى تۈپەيلىدىن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كەلدى. ...» دەيدۇ روماندىكى بىر پېرسۇناژ.

    ئاپتۇر جۇڭگۇغا كەلگەن ۋاقىتتا

    http://xdd.literature.org.cn/Article.aspx?id=47145

    رومانغا ئاساسەن ئىشلەنگەن كىنودىن ئارىيە

    分享到:

    评论

  • سىزنى ئۇلىنىشقا قۇشۇۋالدىم،ھەمكارلىشايلى.
    Kurkumguli回复ھونزادە 说:
    مەنمۇ سىزنى ئۇلىنىشقا قېتىۋالاي
    2010-09-14 03:00:37
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، سىزگە خوش خەۋەر ئېلىپ كەلدىم. بۇدىتالغا بلوگىڭىزنى قوشىۋېلىڭ http://www.blogbus.com/kurkumguli-logs/73238286.html
    Kurkumguli回复QAWANDAZLAR说:
    رەھمەت، قوشۇۋالاي
    2010-08-21 01:43:10
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
>