-
2010-05-12
ئەركىن سىدىق نېمە دەيدۇ؟ - [خاتىرلىرىمدىن]
ئەركىن سىدىق نېمە دەيدۇ؟
يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بىرى ئەركىن سىدىق ئۇيغۇرچە بىر قانچە پارچە ماقالە يازدى. بۇ ماقالىلىلارنىڭ تېمىلىرى ئۇيغۇر مائارىپى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش بېجىرىش ئۇسۇلى ۋە تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك.
بىز ئەركىن سىدىق بىلەن كۆرۈشتۈم، لىكسىيەدىن قايتقاندا ئەركىن ئاكىمىز كىچىك ماشىنىدا قارىماستىن بەلكى مەن ۋە بىر قانچە دوستۇم بىلەن بىرگە ئاپتوبۇستا قايتتۇق. ئاپتوبۇستا ۋەتەندىكى ۋاقىتلار، سىرىتقا چىقىپ ئۇقۇش، ئامېرىكىدىكى تۇرمۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۇستىدە پاراڭلاشتۇق، ئەلۋەتتە ئاپتۇبۇس بولغاچقا بۇ بىر ئىنتايىن راھەت شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت بولدى. ھەممىدىن قىزىق يېرى بەزى چاقچاقمۇ قىلىپ قويدۇق، يۈزلەرگە كۈلكىلەر كەلدى ئەتراپتىكىلەرنىڭ. ھېچكىم بىر ئالىم بىلەن ئەمەس بەلكى يېقىن بىر دوستى بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى.
مەن مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ مۇستاپا كامال توغرۇلۇق بىر ھېكايە ئېسىمگە كەلدى. بىر كۈنى مۇستاپا كامالغا بىر كىتاپ بىرلىدۇ، كىتابتا ئاتاتۈركنى تونۇشتۇرغان بولۇپ كىتابنىڭ بېشىدا:<<ئاتاتۈرك-ئەڭ ئۇلۇغ داھى، ئۇ بىر قەھرىمان،ئاتاتۈرك بىر ھەربى ئالىم، بىر سىياسىيون...>> دەپ يېزىلغان ئېدى. ئاتاتۈرك بۇلارنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسنى ئۆچۈرىدۇ ۋە بوش يەرگە بىر جۈملە يازىدۇ: <<ئاتاتۈرك بىزنىڭ ئىچىمىزدىن چىققان بىرسى.>>
ئەركىن ئاكىمىز بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا مەن ئالدىراش بولساممۇ كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان كىشلەر بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىشكە تىرىشتىم. مىنىڭ مەقسىتىم ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ بۇ ئىشنى بىزمۇ قىلالايدىكەنمىز دېگەن ئىدىيىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دەيدۇ. چۈنكى كىتابتىن كۆرمىسۇن بەلكى ئەمەلىيەتتىمۇ كۆرسۇن، ئەركىن سىدىقمۇ بىزگە ئوخشاش نەپەس ئالىدۇ، سۇ ئىچىدۇ، يەيدىغان تامىقىمۇ ئوخشاش.
يىغىپ ئېيتقاندا ئەركىن ئاكىمىز:<<ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئىشنى قىلالايدۇ!>> دەيدۇ، مەن بولسام بىر جۈملە قوشۇپ قوياي، بىزگە ئوخشاش تارىم دەريا ۋادىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. بىزگە ئوخشاش لەغمەن يەيدۇ، ئۇ ئۇيغۇرلاردىن يەنى ئىچىمىزدىن چىققان بىر كىشى.
评论