بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2011-01-31

    «بۆرىلەر ۋادىسى» ھەققىدە ئويلىغانلىرىم (3) - [تۈركىيە]

    ئۆمەر دادا ئوبرازى ھەققىدە

    فىلىمدىكى شەخىسلەر ئىچىدە ئۆمەر ئەپەندى تىلغا ئالمىساق بولمايدىغان بىر مويسىپىت كىشى. بىز قېتىم گېزىتتىن ئۆمەر ئەپەندى ئاناتۇلىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازى دېگەن گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم. فىلىمدىكى نۇرغۇن كىشى بىرەر پېشكەللىككە يولۇققاندا بۇ مۇيسىپىتنىڭ ئىشكىنى ئاچىدۇ ۋە بۇ مۇيسىپىتتىن ئاجايىپ ۋەز نەسىھەتلەرنى ئالىدۇ. بۇ گەپلەر يارا ئۇچۇن مەلھەمگە ئوخشاش ئىنسانغا پايدا قىلىدۇ.

    جۇڭگۇ ناھايىتى ئۇزاق ۋە مەنىۋىيەتكە باي ئەنئەنىگە ئىگە بىر دۆلەت. قەدىمكى زامانلاردا ئاتا-ئانىغا چوقۇنۇش جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئىتىقاد سىستىمىسدە مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. كىچىك ۋاقتىمدا خەنزۇلار ئاتا-ئانىسى ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئۆگزىدىن ماڭمايدىكەن دەپ ئاڭلىغان بۇ خەلقىمىز ئىچىدىكى بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئىنكاسى. مەن كۆرگەن نۇرغۇن جۇڭگۇ كىنولىردا بۇ خىل ئاتا-ئانىغا بولغان ۋاپادارلىق ئەكىس ئەتتۇرۇلگەنلكىنى ھېس قىلدىم. مەسلەن: بىر قارا جەمئىيەتنىڭ ئادىمى ئانىسىنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدۇ، ئانىسى قوشۇلمىسا نۇرغۇن ئىشلاردىن ۋاز كېچىدۇ، باشقىلار ئاخىر ئۇنى ئانىسىغا بولغان ۋاپادارلىقى ئارقىلىق تۇتۇۋالىدۇ، لېكىن ئۇ پۇشمان قىلمايدۇ. ئاتا-ئانا ئىنسانغا ماددى جەھەتتىن بەلكىم ياردەم قىلىشى چەكلىك بولىشى مۇمكىن، ئەمما مەنىۋى جەھەتتىن چەكسىز بولىدۇ، ئۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرىنى «چىش كوچىلىغۇچ»تەك پايدىسى يوق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئۆمەر دادا دەل ئاشۇنداق چەكسىز مەنىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە گەپنى قىلىدۇ.

    تۆۋەندىكى ئۆمەر دادىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى سۆزلەر ۋە ھىكايىلىلەر

    ئىنسانغا ئىشەنمە ئۆلىدۇ، ياغاچقا يۆلەنمە قۇرۇيدۇ.

    دادىسىنى تونۇمىغان، ئىتنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرەيدۇ.

    بۆرە ئۇۋىسىدا ياتقىنى بۆرە، يولۋاسنىڭ ئۇۋىسىدا ياتقىنى يولۋاس، تۈلكە ئۇۋىسىدا ياتقىنى تۈلكىدۇر.

    دوستۇڭنى ۋە دۈشمىنىڭنى ئۆزەڭ تاللىغان ۋاقىتتا ئەڭ كۈچلۈك كىشى سەن.

    تەلەي ئۇيغۇن ۋاقىتتا مۇۋاپىق يەردە بولماق.

    توي ناخشا مۇزىكىسىز بولمايدۇ.

    ئەرخانغان ئېيتىپ بەرگەن ھېكايىسى

    ئەرخان بىر قولىنى يۇقتىپ قۇيغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئازابلىنىدۇ ۋە دۇنيادىن ئۈمىد ئۈزىدۇ، ۋە دەردلەرگە چىدىماي ئۆزىنى تاشلىۋېتىدۇ. غەمكىن ئەرخان ئۆمەر دادىنىڭ يېنىغا بارىدۇ. ئۆمەر ئەپەندى ئۇنىڭغا مۇنداق بىر ھېكايىنى دەپ بېرىدۇ.

    بۇرۇنقى زاماندا بىر كىشىنىڭ كېلىشكەن بىر ئوغلى بار ئىكەن، بىر كۈنى ئوغۇل دادىسىدىن خۇشاللىقنىڭ سىرىنى سوراپتۇ. دادىسى ئوغلىنى بىر دانىشمەن كىشىگە ئەۋەتىپتۇ. ئوغۇل دانىشمەن تۇرغان سارايغا كىرگەندە ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشلەر دانىشمەن بىلەن كۆرۈشۈش ئۇچۇن ئۆچىرەت ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. يىگىتكىمۇ ئۆچرەت يىتىپ كېلىپ دانىشمەن بىلەن كۆرۈشۈپتۇ ۋە:

    «-مەن سىزدىن خۇشاللىقنىڭ سىرنى سوراش ئۇچۇن كەلدىم.» -دەپتۇ دانىشمەن كىشى بىر قوشۇققا ئىككى تامچە ياغنى قۇيۇپ يىگىتكە قاراپ:

    -ئۇنداقتا سەن بۇ قۇشۇقتىكى ياغنى تۆكمەي ساراينى بىر ئايلىنىپ كەل

    يىگىت ساراينى ئايلىنىپ قايتىپ كەپتۇ. دانىشمەن:«- سەن سارايدىكى رەسىملەرنى، تامدىكى نەقىشلەرنى، گۈللەر بىلەن تولغان باغچىنى كۆردۈڭمۇ» دەپ سوراپتۇ، يىگىت بولسا قوشۇقتىكى ياغنى تۆكمەسلىك ئۇچۇن ئۇلارنى تازا ئوبدان كۆرەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. دانىشمەن بۇ قېتىم ئۇ  نەرسىلەرنى ياخشى كۆرۈشنى تاپىلاپتۇ. ئىككىنچى يىگىت ئۇ نەرسىلەرنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ، باغچىدىكى گۈللەرنى، كۈتۈپخانىدىكى كىتاپلا رنى كۆرۇپ ناھايىتى خوش بولغانلىقنى ئېيتىپتۇ. دانىشمەن:«-قوشۇقتىكى ياغ قېنى؟» دەپ سورىغان ۋاقىتتا يىگىت ئۇ نەرسىلەرنى كۆرۈشكە بىرلىپ كېتىپ تۆكۈلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. دانىشمەن يىگىتكە : «خۇشاللىق مۇشۇنداق بىر نەرسە، خۇشال بولۇش ئۇچۇن بەزى ۋاقىتتا باشقا نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قېلىش لازىم بولىدۇ.»

    ئەرخان مۇشۇ ھېكايىدىن كىيىن ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ يوق قولىنىڭ ئازابىنى ئۇنتۇشقا باشلايدۇ.

    分享到:

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
>