-
2010-09-05
«تۇپراق ئانا»دىن تەسىراتىم - [خاتىرلىرىمدىن]
«تۇپراق ئانا»دىن تەسىراتىم
مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ساۋاقداشلىرىمدىن چىڭگىز ئايتماتوف توغرۇلۇق خېلى جىق ئاڭلىغان. ئايتماتوف قىرغىز خەلقىنىڭ پەخرى ئىدى. قىرغىزلارنىڭ ئەدەبىيات جەھەتتە ئىككى داڭلىق ئابىدىسى بار ئىدى، بىرى نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى تەبئىي شەكىللەنگەن «ماناس» داستانى ، يەنە بىرسى قىرغىزلارنى ئەدەبىيات جەھەتتە يەنە بىر پەللىگە يۈكسەلدۈرگەن ئايتماتوف ئىدى.
«ماڭقۇرت»-ئوبرازى بىزگە تونۇش ئىسىم بولدى، بىزنىڭ تىلىمىز بۇ سۆزنى قوبۇل قىلدى، ئۇيغۇرچە گېزىت-ژۇرناللاردا مۇشۇ سۆزنى ئۇچراتقاندا يازغۇچىنىڭ «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن»(تۈركلەر«بىر كۈن بىر ئەسىرگە بەدەل» دەپ تەرجىمە قىلغان) دېگەن رومانى ئېسىمگە كېلىدۇ. كىيىن تۈركچە گېزىتتىن مۇشۇ سۆزنى ئۇچرىتىپ قېلىپ باشتا ھەيران قالدىم، كىيىن يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى، تۈركىيدىكى رومان ياكى ھېكايە ئوقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ كىشنى بىلىدىغانلىقىنى ئۇققاندىن سەۋەبىنى ئۇقتۇم، دېمەك ماڭقۇرت ئوبرازى تۈركلەردىمۇ چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.
مەن يېقىندا يازغۇچىنىڭ «تۇپراق ئانا» دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇدۇم. ئەسەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئىنسانلارغا نېمە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى مەركەز قىلغان ئاساستا يېزىلغان ئىدى. رومان بىر ئانىنىڭ تىلدىن بىرىلگەن، يەنى بىرىنچى شەخىس تىلىدا يېزىلغان ئىدى، بەزى تۇپراق ئۆز ئۆزىگە خىتاب قىلىدۇ، ئاپتور بۇ مونولوگلار ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى پىكىر قىلىشقا ئېلىپ ماڭغان. روماننىڭ قىسقىچە ۋەقەلىكى مۇنداق:
يېزىدا چوڭ بولغان سەھرا قىزى تولغانئاي شۇ مەھەللىدە چوڭ بولغان ساۋۇنقۇل بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىدۇ، ھايات ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى، «ئاددى تۇرمۇشتىمۇ بەختلىك بولغىنى بولىدۇ.» دېگەن ئەقلىيە سۆزنى مۇشۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن كۆرۈۋالغىلى بۇلاتتى. ئېتىزدا ئىشەپ ھېرىپ كەلگەن ساۋۇنقۇلنى ئۆيگە كەلگەندە ئايالىنىڭ مىزلىك تاماقلىرى ۋە يېقىملىق سۆزلىرى كۇتۇپ تۇراتتى. تۇرمۇش باياشات بولمىسىمۇ ھەر ئون سەككىز ئايدا بىردىن پەرزەنتلىك بولدى، ئارقا ئارقىدىن تۇغۇلغان ئۈچ ئوغۇل بۇلارنىڭ خۇشاللىقى ئىدى. ھېچكىم ئائىلىدە بىر بىرگە تاپا تەنە قىلمايتتى، ئىشلارنى تالىشىپ قىلاتتى. ئوغۇللار چوڭ بولدى. باشقىلارنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك ئارسلانلار ئىدى.
چوڭ ئوغلىنى قوشنا يېزىدىكى گۈزەل قىز ئالمىنا بىلەن تويىنى قىلىپ قويدى، ئايرىم قىلىش ئۇچۇن يېڭى ئۆي سالىدىغان ئىشلارنىمۇ باشلىدى. ئۇلار ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۇرۇپ يۈرۈۋاتاتتى. ئىككىنچى ئوغلى ئوقۇتقۇچى بۇلۇش ئۇچۇن يىراق يەردە ئوقۇۋاتاتتى. كەنجى ئوغلى بولسا يېزىدا ئاۋانگارت ياش بولۇپ ئىشلەيتتى، تام رەسىملىرى سىزاتتى، گېزىت چىقىراتتى، يېزىدىكى نۇرغۇن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇ تەشكىللەيتتى. مانا مۇشۇ ئۈچ ئوغۇل ۋە دادا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بىر-بىرلەپ ئالدىنقى سەپكە كەتتى، ھېچكىم قايتىپ كەلمىدى، كەلگىنى جىددى تېلگرامما ۋە ئەسكەرلىك شەپكىلىرى ئىدى.
ئۆيدە قېلىپ قالغىنى قېينانا ۋە كېلىن ئىدى، ئۇلار بۇ قىيىنچىلىق يىللىرىدا ئۆزئارا ياردەملىشىپ، بىر بىرىگە كۆيۈنۈپ جاپانى بىللە تارتتى. ئۇرۇشتىن كىيىن بۇلارنى نېمە قىسمەت كۈتۈۋاتىدۇ دېگەنگە كەلسەك بۇنى شۇ كىتابنى ئوقۇساڭلار بىلۋالالايسىلەر.
چىڭگىز ئايتماتوف
评论