-
2011-05-12
گۈزەل سۆزلەر - [خاتىرلىرىمدىن]
بىر ئائىلىنىڭ ئۆيىدە مۈشۈك بار ئىكەن، ئايال مۈشۈكنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن، ئەمما ئەرنىڭ خۇشى يوق ئىكەن. بىر كۈنى ئېرى مۈشۈكنى سىرىتقا چىقىرىۋېتىپتۇ، ئەمما قايتىپ كەپتۇ. ئىككىنچى كۈنى سەل ئۇزاققا ئاپىرىپ قويۇپ ئۆيگە كەلسە مۇشۇك ئۆزىدىن بۇرۇن قايتىپ كەپتۇ. ئاچچىقى كەلگەن كىشى ئەتىسى تېخىمۇ ئۇزاقلارغا ئاپىرىپ قويۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلسە مۇشۇك ئاللىبۇرۇن يىتىپ كەپ بولغانىكەن. ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇزاق بىر يەرگە ئاپىرىپ قويۇپتۇ ۋە كەينىدىن تېلېفوننى چىقىرىپ ئۆيىگە تېلېفۇن قېلىپتۇ ۋە سوراپتۇ «مۇشۇك كەلدىمۇ؟» كەلدى دېگەن گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن: -تېلېفوننى بەرگىن ئۇ ھايۋانغا، ماڭا يولنى دەپ بەرسۇن، دەپتۇ.
شۇنى ئۇنۇتماسلىق لازىمكى باشقىلارنى ئۆز پېتىچە قوبۇل قىلماق، ئۇنى ھەققى سۆيۇشتۇر؛ قوبۇل قىلىنغىننى ھېس قىلىش سۆيۈلگىننى ھىسسەتمەكتۇر؛ ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۆزىنى سۆيۈشمۇ ئۆزىنى ئۆز پېتىچە تۇنۇش ۋە قوبۇل قىلىشتۇر.
ئەي كۆكنى قۇدرەت قولى بىلەن تۇتقان تەڭرىم، بۇ خەتنى ئوقۇغان قۇلۇڭنى قاراڭغۇلۇقتا قالدۇرما، دەرد بەرمە. دەرد بېرىپ دەرمان ئىزدەتكۈزمە، دەردىگە دەرمان بول. ئۇنىڭغا يېقىندىن ۋە ئۇزاقتىن دۈشمەنلىك قىلغانلارنى يېنىدىن ئۇزاق قىل. تەڭرىم، ئۇنى ھەق يولدىن ئايرىما، ئىشسىز قىلما، قەلبىنى كىرلەتمە، كۆڭلىنى خوش قىل، يۈزىنى ئاق قىل. جەننەتتە سۆيگەن يارى بىلەن بىرگە قىل.
بىزنى پەرىشان قىلغان نېمە بولسا ئۇنى قويۇپ قويۇپ كېتىشنى ئويلايمىز، ئەمما بىر بولسا ھىچ بىر يەرگە مىدىرلىيالمايمىز بىر بولسا ئاقىمىزدا قويۇپ قويۇشنى ئويلىغان نەرسىلىرمىزمۇ سومكىمىزغا كىرىدۇ. يەنى ئىنسان قەيەرگە بارسا بارسۇن، ئۆزىنىمۇ بىللە ئېلىپ بارىدۇ.
بۈيۈك ئىشلارغا يېرىم قالغان پىكىرلەر بىلەن باشلىماڭ.
ھاياتتا خاتالار يوقتۇر، پەقەت دەرسلەر بار.
ئادەت، ئاچقۇچى يوق بىر كويزىدۇر، ئۇ ئىنسانلارنى ھەر خىل دائىرلەر ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر قىلالايدۇ، تەرك قىلىشمۇ تەس بولىدۇ، شۇڭلاشقا گۈزەل نەرسىلەرگە ئادەتلىنىڭ.
ۋاقىتنىڭ باشنى قايدۇردىغان رېتىمگە ماسلىشىمىز ۋە پېشىگە ئېسلىمىز، سەھىپىنى ھەر ۋاراقلىغنىمىزدا ئۆتمۇشمۇ ياكى كەلگۈسىدىمۇ دەپ ئويلايمىز ئەسلىدە پەقەت بۈگۈندە ياشايمىز، قولدىن كەتكەن ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كەلگەن بولمىدى ھازىرغىچە.
ئىنساننىڭ باشقىلار تەرىپىدىن بىرىلگەن باھانى رەت قىلىشى، ئۇنىڭ كىبىرى بار بىرسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەسلى كىبىر باشقىلارغا باھا بېرىشتۇر.
ھايات، ئۆچۈرگۈچ قوللانماي رەسىم سىزىش سەنئىتىدۇر.
ھاياتىم ئاستىن-ئۇستۇن بولدى دەپ ئەندىشە قىلما، سەن قانداق بىلىسەن ئۇستىنىڭ ئاستىدىن ياخشى ئىكەنلىكىنى. –مەۋلانا
ئەگرىنى ئۆزىدە ئىزدىگەن كىشى توغرىنى قەلبىدە كۆرىدۇ، سۆيگۈگە ئەجىر بىلەن ماڭغان دەرماننى دەردىدە تاپىدۇ.
كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ئۈمىت-ئارزۇلىرى يېڭىدىن شەكىللەندۈرىدۇ.
چۈشەندىمكى، بىر جەھەتتىن نەتىجە قازىنىشنى ئويلىماق بىر تاللاش يولى يەنى باشقىلىرىدىن ۋاز كېچىش.
ھاياتنى ئۆتمۈشكە بېقىش بىلەن بىلىمىز، كەلگۈسىگە بېقىش بىلەن ياشايمىز.