بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2011-01-30

    «بۆرىلەر ۋادىسى» ھەققىدە ئويلىغانلىرىم (2) - [تۈركىيە]

    بۇ فىلىمنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدىن بىرى تۈركىيىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھادىسلەرنى يېقىندىن فىلىمدە ئەكىس ئەتتۈرۈش. مەسلەن: سايلام بولغاندا فىلىمدە سايلام توغرۇلۇق گەپ سۆزلەر جىقلاپ قالىدۇ، مەرھۇم رەئىس جۇمھۇر تۇغۇتنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە بەس مۇنازىرە بولسا سوۋىت ئىتتىپاقى تاقالغاندىكى ئەھۋاللار ئەكىس ئەتتۇرۇلىدۇ، شەرقتە بىرەر قالايمىقانچىلىق بولسا ئۇنىمۇ بىر ھەپتە كىچىكتۇرمەيلام فىلىمدە ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. بەزى كىشلەر فىلىم تۈركىيىدە بولغان راس ئىشلارغا ئاساسەن يېزىلغان دەيدۇ. مىنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق بىر مەلۇماتىم يوق، ئەمما فىلىمدىكى بەزى ۋەقەلىكلەر تۈركىيىنىڭ يېقىنقى ئوتتۇز يىللىق تارىخىدىن ئىلھام ئالغانلىقى ئېنىق. بىر ئۇيغۇر دوستۇم مەن بۇنداق كىنونى كۆرمەيمەن، پولات ئالاھىدە ساقچى ئىكەن لېكىن خوتۇن ئالدى، تېخى ماشىنا ھەيدەپ يۈرۈيدۇ دەيدۇ. يەنە بىر ئۇيغۇر دوستۇم مۇشۇنداقمۇ ئىش بارمۇ ساقچى قانداق دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ دەيدۇ، يەنە بىرسى مەن بۇ فىلىمنى كۆرمەيمەن چۈنكى مېنىڭچە بۇ كىنو پەقەتلا خىيال ۋا قاملاشمىغان دەيدۇ. مەن مۇشۇ ماقالەم ئارقىلىق ئو دوسلىرىمدىن سورىماقچى ساقچى بولغان ئادەم توي قىلمامدۇ، دادىسى بىلەن پاراڭلاشمامدۇ؟

    تۈركىيىدە راستلا دۆلەت ئۇچۇن ئىشلىگەن ئەمما كىملىك جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا قارا جەمئىيەتنىڭ ئادىمى بولغانمۇ يوق؟ بۇ جاۋاپ بېرىش تەس بىر سوئال. ئابدۇللاھ چاتلى دېگەن بىر كىشى بولغان 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشقىلار سۇيىقەست قىلىپ  ئادەم  ئولتۇرۇش جىنايىتىگە چېتىلىپ قالغان. بىر قېتىم گېزىتتىن مۇنداق بىر ۋەقەنى كۆرگەن: 1980-يىللارنىڭ بېشى ئابدۇللاھ چاتلىنى ئەنقەرەدە ساقچىلار تۇتۇۋاپتۇ، ئۇنىڭ ئاغىنىسى ساقچىغا تېلېفۇن قىلىپ قۇيۇپ بېرىشى بولمىسا ئەنقەرەدە ھەر سائەتتە بىر يەردە پارتىلاش بولىدىغانلىقىنى دەپتۇ. بۇ كىشى بىر قانچە يەرنىڭ ئادرىسىنى دەپ بېرىپتۇ، بىر سائەتتىن كىيىن راستلا بىر يەر پارتىلاپتۇ، كىيىن ساقچىلار بۇ كىشنى قويۇپ بىرىپتۇ. بۇ كىيىن ياۋرۇپاغا قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ كىيىن تۈركىيگە قايتىپ كەلگەن ۋە ئەركىن بىر شەكىلدە ياشىغان . مىنىڭ بۇ كىشى ھەققىدە كاللامدىن ئۆتمەيدىغان ئىككى سوئال بار. بىرىنچىسى، مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن ئادەم ئۆلگۈچە يەنى 1996-يىلىغىچە قانداق قىلىپ ئەركىن يۈرەلەيدۇ؟ نېمە ئۇچۇن دۆلەت بۇ ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ؟ ئىككىنچىسى، بۇ ئادەم بىر قارا جەمئىيەتنىڭ ئادىمى، ئەمما نىمىشقا تۈركىيىگە زىيانلىق ئىش قىلمايدۇ، بولۇپمۇ ياۋرۇپادىكى ۋاقتىدا خۇددى بىر دۆلەت مەمۇرىدەك ئىش بېجىرىدۇ؟

    تۈركىيىدە چۇڭقۇر دۆلەت بارمۇ؟

    فىلىمدە چۇڭقۇر دۆلەت توغرۇلۇق نۇرغۇن گەپ سۆز بولىدۇ. تۈركىيىدە نۇرغۇنلىغان كىشلەر بىر چۇڭقۇر دۆلەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. مەن توردىن سابىق رەئس جۇمھۇر سۇلايمان دەمىرەلنىڭ :«دۆلەتنىڭ ئارقىسىدا دۆلەت بار» دېگىنى ئاڭلىغان. تۈركىيىدە بۇ ھەقتە كىتاپلارمۇ كۆپ. كىشلەر ئىنتايىن قىزىققان ئەمما جاۋابى يوق بۇ مەسىلە فىلىمدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

    مەن بۇرۇن ئۇيغۇر تور بەتلىردە «ئەركەكلىك قېنى؟» دېگەن بىر شېئىرنى كۆرگەندەك قىلىمەن. تېخى يېقىندا ئادىل مىجىت ئىشلىگەن يېڭى سايماخۇنمۇ ئىشقىلىپ ئاشۇنداق بىر ئىتوت كۆردۇم. ھەر ئىككىسىدە ئەركەكلىكە چاقىرىدۇ. تۈركلەر ياۋرۇپا مەدەنىيتىنىڭ تەسىردە بۇرۇنقى ئەركەكلىك روھىيتىدە ئۆزگىرىش بولدى. ئايالى باشقىلار بىلەن سۆيۇشسە ياۋرۇپادا نۇرمال قارايدۇ، ئەمما بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز  بۇنى قۇبۇل قىلالمايدۇ، بۇنى قوبۇل قىلغان ئەركەكنى مەيدىسدە تۈكى يوق دەپ قويىمىز. «بۆرىلەر ۋادىسى»دە ئاساسەن بۇنداق مەيدىسنىڭ تۈكى يوق ئەر كىشى يوق دىيەرلىك. سۇلايمان چاكىرنى نۇرغۇن كىشلەر ياخشى كۆرىدۇ، مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن. بۇنداق قىمارۋاز، لۈكچەك ئادەمنىڭ نېرىنى ياخشى كۆرىمەن؟ ئادەمدە بىر خىل ئەركەكلىك بار، خۇمسىلىق ئۇلارنىڭ سۆزلىكىدە يوق. مەن فىلىمنى يېڭى كۆرگەن ۋاقتىمدا بۇ كىشنىڭ ئوغۇلبالدارچىلقىغا قول قويغان ئىدىم. ئوغۇلباردارچىلىق بىر ئولتۇرۇشتا ئالتە بۇتۇلكا پىۋا ئىچىۋېتىش ياكى قىزلارنى ئەخمەق قىلىپ جىنسى ھىسياتىنى قاندۇرۇش بولمىسا كېرەك، چاكىر پۇلى بار لۈكچەك بولسىمۇ ئايالىغا خىيانەت قىلمايدۇ، ئائىلىدە بىر لاياقەتلىك دادا بولۇشقا تىرىشىدۇ.

    قاراڭ مەماتى ئۆتۈپ كەتكەن قوپال بىر كىشى، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن ئاياللار ياكى ئۇششاق بالىلارنى بوزەك قىلمايدۇ. «ياۋاشنى بوزەك قىلمىساڭ قىيامەتتە سورىقى بار» پەلسەپىسى بويىچە ئىش قىلمايدۇ. فىلىم ئويدۇرۇلغان ۋەقەلىك ئاساسىغا ئىشلىنىدۇ، بۇنى بۆشۈكتىكى بالىلارمۇ بىلىدۇ، فىلىمدىكى قارا جەمئىيەت ئادەملەرنىڭمۇ بەزىدە ئوغۇلبالدارچىلىقى بار، مەسلەن: تۈركلەر ئوت قەيەرگە چۈشسە شۇ يەرنى كۆيدۈرىدۇ دەيدۇ. بىرەر ئادەم بىلەن قارشىلىشىپ قالسا بېرىپلا ئۇنىڭ خوتۇن بالا ۋاقىسنى، ياكى ئۇرۇن تۇغقانلىرنى بوزەك قىلىپ كەتمەيدۇ. تۈركلەر بۇنى راجون دەيدۇ. راجون دېگەننى بەلكىم ئۇيغۇرچىدىكى قائىدە(چەكلىمە) دېسەك بولار.

    «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»نىڭ مۇۋەپىقيىتىدىن بېرى پېرسۇناژ كۆپ ھەم بىر بىرىدىن پەرقلىق. بۇ گەپ بۇ فىلىم ئۇچۇنمۇ ماس كېلىدۇ. فىلىمدە باش مىنىستىر، رازۋېتچىك، مىللەت ۋەكىلى، سودىگەر، لۈكچەك، تېرورىسىت، رىمۇنىتچى، دوختۇر قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدىن ئادەم بار.

    ۋەتەنگە قايتقان ۋاقتىمدا بۇ فىلىمنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرغانلىقنى كۆردۇم. بۇ فىلىمنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئاتا-بالا بىرگە ئولتۇرۇپ كۆرسىڭىز ھېچنېمە بولمايدۇ. ئوچۇق كىيىملەر، يوتقان ئۇرۇشلىرى يوق، بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزگە ماس كېلىدۇ. بىزدە ھازىرچە ئاتا-بالا بىرگە ئولتۇرۇپ قىز ئوغۇللارنىڭ بىر-بىرنى قۇچاقلىشىشنى كۆرۇش، ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ھەرىكەتلەرنى تەپسىلى كۆرىدىغان ئادەت يوق. مەن بىر ئىلمى ئىنسان، جىنسى تەربىينىڭ بولىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمەن. جىنسى تەربىيىنى جەزمەن ئاتا-ئانا بولغۇچى كىشى بېرىشى كېرەكمۇ ياكى باشقىلار بەرسىمۇ بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە مەكتەپلەردەبۇندىن كىيىن بۇ خىل تەربىيە كۇچەيتىلدكەن، بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى تەڭرىتاغ توردىن كۆردۇم. جىنسى تەربىيىنى مىللى مەدەنىيەتنى ساقلاپ قالغان ئاساستىمۇ بەرگىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ فىلىم خېلى بولۇپ قويىدۇ.

    分享到:

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
>