بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-10-19

    قارادېڭىز ئەرەغلى - [تۈركىيە]

    قارادېڭىز ئەرەغلى

    تۈركىيىنىڭ شىمالىدا، قارادېڭىزنىڭ غەربىدىكى بىر ناھىيە. پۇلات-تۆمۈر سانائىتى بىلەن تۈركىيىدە داڭلىق. يەنە كېمىچىلىك سانائىتىمۇ تەرەققى قىلغان، قارادېڭىزدىكى ئەڭ چوڭ پورت بۇ شەھەرگە جايلاشقان.

    ئەرەغلى-بۇرۇنقى زاماندا ھەرەكلىيا ئىسمى بىلەن تونۇلغان. بۇرۇنقى يۇنان ئەپسانىلىرىدە تەڭرىنىڭ ئوغلى ھەراكلىيا ئۈچ باشلىق ئىت كەربەروس بىلەن بۇ يەردىكى جەھەننەم ئاغزى دېگەن يەردە ئۇرۇشقان. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى زامانلاردىن قالغان جەھەننەم ئاغزى ھازىرمۇ خېلى ئوبدان بىر شەكىلدە ساقلىنىپ قالغان.

    ئەرغلى قەدىمقى بىر ماكان، ئىنسانلارنىڭ بۇ يەردە ياشاش تارىخى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2500-يىللارغا توغرا كېلىدۇ. يۇنان ئەپسانىلەرنى چۈشەنمەي تۇرۇپ بۇ يەردىكى خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەرنى ۋە يەر جاي ناملىرنى چۈشەنمەك سەل تەس. مىلادىدىن  3500 يىل بۇرۇن بۇ يەردە ساپال ئىشلەپ چىقارغانلىقىغا ئائىت ئارخىلوگىيلىك بويۇملار بار. 1930-يىللاردا دۇنياغا قايتىدىن نامايان بولغان خىتىت يېزىقلىرى بۇ شەھەرگە يېقىن يەردىن تېپىلغان. بۇ يېزىقلار ئەڭ كەل بولغاندىمۇ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3500بىلەن 4000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە مەنسۇپ.

    بۇرۇن بۇ يەرلەردە باشقا بىر تۈرلۈك خەلق ياشىغان بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى 550-يىلى يۇنانلار بۇ توپراقلارنى بويسۇندۇرغان، ئۆز مەدەنىيەتنى سىڭدۈرۈش ۋە بۇ زېمىننىڭ ئەزەلدىن يۇنان زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن يەر جاي ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، ھەم بۇ شەھەرنىڭ تارىخنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 550-يىلىدىن باشلىغان. خىتىت يېزىقىلىرنىڭ ئوقۇلۇشى تۇپەيلىدە ئاناتولىيە مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرغان بۇ شەھەرنىڭ بۇرۇنقى تارىخلىرى ئوتتۇرىغا چىققان. كىيىن تۈركلەر بۇ يەرگە يەرلەشكەندىن كىيىن يۇنان ئەپسانىلەرگە زىچ مۇناسىۋەتلىك يەر ئىسىملىرىنى تۈركچە ئسىملەرگە تىگىشتۇرۇشكە باشلىغان.

    بۇ يەرنىڭ ھەر قايسى تارىخى دەۋرلەردە مۇھىم بىر مەدەنىيەتنىڭ مەركىزىگە كېلىشىدىكى مۇھىم سەۋەپ دېڭىز قاتنىشىغا راۋان بولىشى، قۇرۇقلۇق يولىنىڭ ئاناتۇليەنىڭ ھەر قايسى يېرىگە ئاسان ئۇلىشىشى.

     ھەراكلىيانىڭ ھەيكىلى

    جەھەننەم ئاغزى

    دوستلۇق، سۆيگۈ، تىنچلىق كۆۋرۈكى

    كەچلىك مەنزىرىدىن بىر كۆرۈنۇش

    分享到:

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
>