-
2011-01-29
«بۆرىلەر ۋادىسى» ھەققىدە ئويلىغانلىرىم (1) - [تۈركىيە]
تۈركىيىگە يېڭى كەلگەن ۋاقىتلىرىم ئىدى، ئوغۇللار توپلىشىپ بىر تىلېۋىزىيە فىلىمى كۆرۈشۈۋاتاتتى، مەنمۇ مۇشۇنداقلام قاراپ قويدۇم. بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كىيىن بىر قانچە دوستىمىز بىللە «بۆرىلەر ۋادىسى ئىراق» دېگەن كىنونى كۆردۇق، مەن بۇ فىلىمگە خېلى قىزىقىپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن بىر تۈرك دوستۇم بىلەن بۇ فىلىم ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالدۇق. دوستۇم بۇ فلىم يېڭى چىققاندا نەچچە قېتىم بارغانلىقىنى، ھەتتا بەزى سۆز جۈملىلەرنىڭ يادىغا بولۇپ كەتكىنىنى سۆزلەپ بەردى، ھەمدە ئەسلىدە «بۆرىلەر ۋادىسى» دەپ بىر كۆپ قىسىملىق فىلىم بارلىقىنى دېدى. مەن شۇ قىزىقچىلىقتا بۇ فىلىمنى كۆرۈشكە باشلىدىم.
بۇ فىلىم يېڭى باشلانغان ۋاقىتلاردا تېلۋۇزۇردا قويۇلغاندا نۇرغۇنلىغان تۈركلەر ھىچ ئىش قىلماي مۇشۇ فىلىمنى كۆرەتتكەن، نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئىش يېرىدىن ئۇدۇل ئۆيگە بېرىپ مۇشۇ فىلىمنى كۆرەتتىكەن. يۈز قىسىملىق فىلىم تۈگىگەندىن كىيىن « بۆرىلەر ۋادىسى تېررور » دېگەن كۆپ قىسىملىق فىلىمنى باشلىۋەتتى، فىلىم تۈركىيىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى تېررور ۋەقەلىرىنى ئاساسى تېما قىلغاچقا تۈركىيە رادىئو-تېلۋۇزۇر كومىتېتى تەرىپىدىن فىلىمنىڭ ئاخىرىنى ئىشلەش چەكلەندى. يېرىم يىل ئۆتمەيلا يېڭى ۋەقەلىك بىلەن « بۆرىلەر ۋادىسى پىستىرما » دېگەن فىلىم ئىشلىنىشكە باشلىدى، ھازىرغا قەدەر 110 قىسىم ئىشلەندى. بۇ فىلىم ئاخىرقى مەزگىلگە كەلگەندە كۆرۈلۈش نىسبىتى بۇرۇنقىدىن چۈشۈپ كەتتى.
مەن بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى ھەققىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتكەندىن كىيىن فىلىم ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
«بۆرىلەر ۋادىسى»
ئېلى-ئۆز ئاتا ئانىسى نامەلۇم بولغان ئۆمەر دادا تەرىپىدىن بېقىپ چوڭ قىلىنغان بىر يىگىت. نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئۇنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇغان ۋە تۈركىيىنىڭ كوسوۋادىكى ئەلچىخانىدا ئىشلەيدۇ دەپ بىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق ئەلف ئىسىملىك قىز دوستى بار. پولات شۇ مەھەللىدە ياشايدىغان كىتابپۇرۇش ئارسىلان بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتىدۇ. بىر كۈنى ئارسىلان ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ چىراي ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسى قىلىدۇ. بۇنىڭ دۆلەتكە خىزمەت قىلىش ئۇچۇن زۆرۇرلىكنى ئېيتىدۇ. ئەسلىدىكى چىرايىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن يېڭى كىملىك ئەمما كونا ھىسياتى ئۆزگەرمىگەن پولات ئالەمدار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭا كىنودا ئۆمەر ئەپەندى پولات ئىككىنچى قېتىم چىراي ئۆزگەرتمەكچى بولغاندا:«-ئەۋلادىم، چىراينى تېگىشتۈرمەك ئاسان، ئەمما كۆڭۈلنى زور. ئەگەر تىگىشتۇرەلىسەڭ كۆڭلۈڭنى، ھىسياتىڭنى تىگىشتۇرەلەيدىغان دوختۇر بولسا شۇنىڭغا بار» دەيدۇ.
پولات ئالەمدار دۆلەتنىڭ بىۋاستە قول تىقىپ ھەل قىلىپ بولالمىغان قارا جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، ھەمدە قارا جەمئىيەتنىڭ ئىچىگە كىرىشكە ئۇرىنىدۇ. ھەمدە قارا جەمئىيەتتە خېلى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ. ئامېرىكىنى ئۆزىگە ئارقا تىرەك قىلغان بۇ گۇرۇھنى يۇقتىش ئۇچۇن ئۇ قولدىن كەلگەن تىرىشچانلىقىنى قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ دوستلىرىدىن مەماتى، ئابدۇللەي ۋە ئەرخان ئۇنىڭغا ياردەمچى بولىدۇ.
« بۆرىلەر ۋادىسى پىستۇرما »
پولات ئالەمدار ۋە دوستلىرى يۇقىردا گېپىنى قىلغان گۇرۇھنى يۇقاتقان كىيىن يېڭى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدۇ، بۇ قېتىقىسمۇ قارا گورۇھ يوقىتىش ئىشى ئەمما ئوخشىمايدىغىنى بۇ قېتىمقىسى دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قارا گوروھ. شۇڭلاشقا فىلىمنىڭ باش قىسىملىرىدا چۇڭقۇر دۆلەت بۇ گوروھ ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش ئاساس قىلىنغان. كىيىنكى قىسىملىرمۇ ئوخشاشلا يەنە شۇ قارا گوروھ يوقىتىش.