




-
فرازىئولوگىيىلىك بىرىكمىلەر
تىلىمىزدا شۇنداق تىل بىرلىكلىرى (لېكسىكىلىق بىرلىك)باركى،ئۇلارنى خەلقىمىز .ئۇزۇن مۇددەت بىر خىل مەنە ۋە بىر خىل قۇرۇلمىدا ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە،زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەنە ۋە قۇرۇلما جەھەتتە تۇراقلىققا،مۇقىملىققا ئىگە بولۇپ قالغان.بۇ خىل تىل بىرلىكلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەنە ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى تۇراقلىقلىقى،بىر پۈتۈنلۈككە ئىگىلىكى،شۇنداقلا باشقا خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن تىلدىكى يەنە بىر لېكسىكىلىق بىرلىك سۆزدىن پەرقلىنىدۇ.
دېمەك،تىلىمىزدىكى ئەنە شۇ مەنىسى،فونېتىكىلىق قۇرۇلمىسى تۇراقلاشقان سۆز بىرىكمىلىرى ۋە جۈملىلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ فرازىئولوگىيىلىك بىرىكمىلەر دەپ ئاتىلىدۇ.
فرازىئولوگىيىلىك بىرىكمىلەرنىڭ تۈرلىرى
فرازىئولوگىيىلىك بىرىكمىلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە سىنتاكسىسلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئاساسەن،ئىدىئوم،ماقال،تەمسىل،ئادەت سۆزلىرى دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ،يەنە بەزىدە ئەقلىيە سۆزلىرىمۇ فرازىئولوگىيىلىك بىرىكمىلەرنىڭ بىر تۈرى دەپ قارىلىدۇ.
1.ماقال 格言
ماقال دېگىنىمىز جانلىق تىلدا كەڭ ئومۇملاشقان،ئاتا-بوۋىلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تۇرمۇش تەجرىبىلىرى،شۇنداقلا تۈرلۈك ھايات-سەرگۈزەشتلىرىنى يەكۈنلەنگەن ئۈلگە،نەسىھەت،تەنبىھ،ئىبرەت خاراكتېرىدىكى تۇراقلىق جۈملىلەرگە قارىتىلىدۇ.مەسىلەن:
بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما
تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق
يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ
مەن كۆيەرمەن بالامغا،بالام كۆيەر بالىسىغا
ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق،ئىشلىمىگەننىڭ يۈزى چورۇق
ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ،ئويلاپ سۆزلە
ئادەمنىڭ تېشىغا باقماي،ئىچىگە باق
كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن
دوستنىڭ دوستلۇقى باشقا كۈن چۈشكەندە بىلىنەر
كۈچ بىرلىكتە ئىش ئۆملۈكتە
دوستنى يامانلىغان ئاقىلنىڭ يوقلۇقى،تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى
كۆپ ياشىغان بىلمەس،كۆپ كۆرگەن بىلەر
ياخشى بىلەن دوست بولساڭ،يېتەرسەن مۇرادقا،يامان بىلەن دوست بولساڭ،قالارسەن ئۇياتقا
كۈندۈزى گەپ قىلساڭ،ئەتراپىڭغا باق؛كېچىسى گەپ قىلساڭ قۇلاقنى قۇلاققا ياق
ياخشىلىق قىلدىڭ،خوپ قىلدىڭ؛مىننەت قىلدىڭ يوق قىلدىڭ
تەگىسەڭ،تېرىق بولۇپ؛تەگىمىسەڭ،ئېرىق بولۇر
ئاغزىمغا كەلدى دەپ دېمە،ئالدىمغا كەلدى دەپ يېمە
ئەمگەك بىلەن ئەر كۆكىرەر،يامغۇر بىلەن يەر
بىلىملىك مىڭنى يېڭەر،بىلىمسىز بىرنى
دوست يىغلىتىپ ئېيتار،دۈشمەن كۈلدۈرۈپ
قەرز ئېلىپ بەرمىگىنىڭنى كۆرەي،تۇغۇلۇپ ئۆلمىگىنىڭنى
ئوڭدا ياتقان گىردە يەپتۇ،كەتمەن چاپقان جىگدە
غوجامنىڭ قورسىقى توق،قۇلى بىلەن كارى يوق
كەتمەننى مەن چاپسام،يېتىپ يەيدۇ خان غوجام
بەرمىسىمۇ باي ياخشى،يېمىسىمۇ ماي (ياخشى)
باي يۇرتنىڭ ئوزۇقى،باتۇر ئەلنىڭ قوزۇقى
بوزەكنى بوزەك ئەتمىسەڭ،قىيامەتتە سورىقى بار
بوزەكنى تاپسام،بۇرنىغا يىپ سالسام
قۇل ئات مىنسە،چىقمىغان دۆڭى قالماس
بارغا رازى بول،يوققا سەۋر قىل
خوتۇن كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن،ئەقلى قىسقا
ئىت ۋاپا،خوتۇن جاپا
ئوغرى بىلەن يولداش بولما،خوتۇن بىلەن سىرداش
پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ،پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ
بارىدا پولدۇرۇڭ پولدۇرۇڭ،يوقىدا قاراپ ئولتۇرۇڭ
ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە،سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە
ئاكاڭ كىمنى ئالسا، يەڭگەڭ شۇ
پۇل بولسا، جاڭگالدا شورپا
ئۆزۈڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي
2.تەمسىل 谚语
تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ھادىسىلەر،كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتى،خۇسۇسىيەتلىرى قاتارلىقلار ھايۋان ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەر خىل قىلىقلىرى،تەبىئىتى، ھالىتى قاتارلىقلارغا ئوخشىتىلىپ-سېلىشتۇرۇلۇپ ئۇزۇن مۇددەت قوللىنىلىشى نەتىجىسىدە تىلىمىزغا كەڭ ئومۇملاشقان تۇراقلىق جۈملىلەر تەمسىل دەپ ئاتىلىدۇ.مەسىلەن:
ئۆچكىنىڭ ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق،قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھۇيت-ھۇيت
يىراق بولسا كىشنىشەر،يېقىن بولسا چىشلىشەر
بۆرىنىڭ تەڭ ئورتاق،قاغىنىڭ دەرەخ بېشىدا
بۇغداينىڭ باھانىسىدا قارىمۇق سۇ ئىچىپتۇ
تۆگە ئۇسۇلغا چۈشسە،يەتتە تاختا زەدەكنى بۇزار
قاغىنىڭ مېڭىشىنى دورايمەن دەپ كەكلىكنىڭ چاترىقى يېرىلىپ كېتىپتۇ
تۆشۈك يىرتىقتىن كۈلەر
تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ
تولا يېگەن بۆرىنىڭ كۆتى كاۋاك
پاختەكتە بار كۆڭۈل تۇرۇلغىدا يوقمۇ
بىر شاتراق موزاي پادىنى بۇلغار
چاشقاننىڭ ئۆلگۈسى كەلسە،مۆشۈكنىڭ قويرۇقىنى چىشلەر
مۆشۈكنىڭ گۆشكە بويى يەتمىسە،سېسىق ئىكەن دەر
قوتانغا بۆرە كىرسە،ئىتنىڭ تەرىتى قىستاپتۇ
ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە،ئالا بولۇر
پالتا چۈشكىچە كۆتەك دەم ئاپتۇ
سۇ كېتىدۇ،تاش قالىدۇ؛ئوسما كېتىدۇ،قاش قالىدۇ
مۆشۈكنىڭ پۇلى يوق، بەزگە ئامراق
قاغىلارقاق ئېتىدۇ،ئۆز كۆڭلىنى خوش ئېتىدۇ
سەللە يوغان ئىمان يوق؛دەرۋازا يوغان،بىر نان يوق
قاغا بالام ئاپئاق(دەيدۇ)،كىرپە بالام يۇمشاق(دەيدۇ)
توخو داڭگال چۈشەر،ئۆچكە جاڭگال
سەۋزىدىن خەۋەر يوق،گۈرۈچ دەم يەپتۇ
ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمىنى
توشقاندەك يۈز يىل ياشىغۇچە،يولۋاستەك بىر كۈن ياشا
يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس،ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر
ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا
3.ئىدىئوم 成语,习语
ئىدىئوم دېگىنىمىز دائىم ئۆز-ئارا بىرىكتۈرۈپ قوللىنىش نەتىجىسىدە،قۇرۇلمىسى ۋە مەنىسى تۇراقلىشىپ تىلىمىزغا كەڭ ئومۇملاشقان،تەركىبىدىكى سۆزلەر ئۆزلىرىنىڭ يەككە تۇرغان چاغدىكى مەنىسىدىن باشقىچە مەنىنى ياكى كۆچمە مەنىنى ئىپادىلەيدىغان فرازىئولوگىيىلىك بىرىكمىگە قارىتىلىدۇ.مەسىلەن:
يۇمىلاق تاۋۇز
توخۇ يۈرەك
پۇتى كۆيگەن توخۇدەك
ئارپىسىنى خام ئورۇماق
سۇغا چىلاشماق
بېشىنى سىلىماق
قۇلىقى ئېغىر
قولى گۈل
تەخسە كۆتۈرمەك
يەل بەرمەك
بېشى كۆككە تاقاشماق
قورساق كۆپمەك
شور پېشانە
ئورا كولىماق
كۆزى كىچىك
قاپاقباش
دوپپىسىنى ئاسمانغا ئاتماق
خوتنى يۆتكىمەك
سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك
بېلى بوش
بۇقىنى چىمداپ ئۆلتۈرىدىغان
قاپىقىدىن مۇز ياغماق
بوينى قاتتىق
قولى ئوچۇق
ئوت يۈرەك
قولى گۈل
بىر يەڭدىن قول چىقارماق
بەل باغلىماق
دۆلەت قۇشى قونماق
سوقا سەندەلدەك
كۆزى قىزارماق
قولى ئەگرى
قوينىڭ قوزىسىدەك(ياۋاش)
قولى قىسقا
كۆزى توق
قولغا ئالماق
ئاغزىغا قاراپ قالماق
قول قوشتۇرۇپ تۇرماق
قول ئۈزمەك
قولىنى يۇيۇۋەتمەك
يەر بىلەن يەكسان قىلماق
كۈلىنى كۆككە سورۇۋەتمەك
باشتا كۆتۈرمەك
بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرمەك
ئالىقاندا كۆتۈرمەك
ئاق تاغلىق،قارا تاغلىق بولۇشۇپ كەتمەك
ئىككى دۇنيالىق بولۇشۇپ كەتمەك
بېشى ئاسمانغا تاقاشماق
ئاغزى قۇلىقىغا يەتمەك
بۆكىنى ئاسمانغا ئاتماق
ئاغزى يالاقتەك بولۇپ كەتمەك
گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتمەك
ئاغزى كېپىشتەك بولۇپ كەتمەك
بەل باغلىماق
بېلى بوشاپ كەتمەك
بەل قويۇۋەتمەك
يېلى چىقىپ كەتمەك
كۆككە كۆتۈرمەك
يەرگە ئۇرماق
قورسىقى كەڭ
ئىچى تار
قولى ئۇزۇن
قولى قىسقا
باغرى تاش
كۆڭلى يۇمشاق
بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقماق
چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويماق
بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىماق
ئۇتتۇرۇۋەتكەن قىمارۋازدەك
يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى تۇيىدىغان
قانات سۆرىمەك
4.ئادەت سۆزلىرى 习惯语
خاراكتېر مەنىسى جەھەتتىن تىلەك،تەكەللۇپ،ئالقىش،قەسەم،قارغىش،كىنايە،تەنە قاتارلىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان،ئاغزاكىيلىق پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان،نۇتۇقتا دائىم شۇنداق ئىشلىتىش ئادەتكە ئايلانغان فرازىئولوگىيىلىك بىرىكمىلەر ئادەت( ئۆرپ) سۆزلىرى دېيىلىدۇ.مەسىلەن:
ئاقيول بولسۇن
ياخشى چۈش كۆرۈڭ
خۇدا ساقلىسۇن
خۇش ۋاق بولۇڭ
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن
ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن
دەردىگە داۋا،رەنجىگە شىپا بولسۇن
كۆڭۈللىرىگە كەلمىسۇن
مالال كەلمىسە
ئەيىبكە بۇيرۇمىسىلا
ئاۋارە قىلىپ قويدۇم
قولۇم كۆكسۈمدە
ۋاقتىڭىزنى ئالدىم
ئاغزىڭغا ياغ
ئاتاڭغا رەھمەت
مۇبارەك بولسۇن
سىزنى تەبرىكلەيمەن
ئاتامنىڭ بالىسى بولماي كېتەي
داستىخان تۇرۇپتۇ
ئېتىمنى(ئىسمىمنى) يۆتكىۋېتىمەن
نان تۇرۇپتۇ
قۇلىقىمنى كېسىپ بېرىمەن
ئەزبىرايى خۇدا
ئاغزىڭغا تاش
گۆرىدە ئۆرە تۇرسۇن
كېپىنىڭ تىزىڭدىن ئاشمىسۇن
بېشىڭنى يەيدىغان
خۇدا ئۇرسۇن
يوغان ئىش
ئالە شەھىرىڭنى
ساقال دېگەن ئۆچكىدىمۇ بار
ئاسماندىن چۈشكەن كۆك مۇنچاق
شۇڭا خۇدايىم بىلىپ ئېشەككە مۈڭگۈز بەرمىگەن
شۇڭا خۇدايىم پاقىغا قۇيرۇق بەرمىگەن
بەدىنىدە ئەركەك تۈكى بار
تىلىنىڭ ئاستىدا تىلى بار
ئاغزىڭنى يۇم
يۈزىدە تۈكى بار
بەش قولدەك ئايان
ئىككى سەككىز ئون ئالتە
قولۇڭدىن كەلسە ياغ چاينا
كېسىلى يانچۇقىدا
مېڭىسىدە سۈيى بار
چىرايغا چاي قۇيۇپ ئىچكىلى بولمايدۇ
نېسىدىن تەلىيىم يوق
ماقۇلغا جاۋاب يوق
تىلىڭنى تارت
پوقنىڭ ئىسسىقىنى يەپتۇ
ئاسماندىن چۈشكەن كۆك مۇنچاق
ئالتە كۈنلۈك ئالەم
ئەپقاچتى گەپ
كوچا پارىڭى
تېپىلماسنىڭ خورمىسى
ئۆزىنىڭ شورى
خۇدانىڭ مۆمىن بەندىسى
ئاغزىنىڭ يېلى
توخو قونداققا چىقماستا
قۇم چېچەكلىگەندە
ئىتنىڭ بالىسى
بېشىنى تاشقا ئۇرغان بىلەنمۇ
بازار چاققاننىڭ
كاللىسى جايىدا
بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا
سالاغا كەتكەن قېرىندىشىم
قولۇم كۆكسۈمدە
سېپى ئۆزىدىن
كۆتۈر قاسقىنىڭنى
كېسىلى يانچۇقىدا
كۆتۈر كەشىڭنى
مۈڭگۈز چىقتىمۇ؟
مايىقى دورا بوپتىمۇ؟
كېسىپ بەردىمۇ؟
سىرىڭ چۈشۈپ كېتەتتىمۇ؟
كۆزۈڭگە بىر نەرسە كىرىپ قالغانمۇ؟
جان توشامدۇ؟
شۇمۇ كۈنمۇ؟
ئاغزىڭ يوقمۇ؟
ئاغزىڭغا ئىنەك تەپكەنمۇ؟
ئارىغا شامال كىرمەيدۇ
قىل سىغمايدۇ
كۈندە ھېيتمىدى ساڭزا-پوشكال يىگىلىبىزنىڭ مۇنبىرىدىن كروران رەتلىگەن،ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەش،قوغداش،ئىشلىتىش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئولىيىتى. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.قالايمىقان كۆچۈرمەڭ!