
-
چۈشۈمدە يىگىرمە قەۋەتلىك بىنادىن چۈشۈپ كېتىپتىمەن، بۇ چاغدا ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز ئىدىم، ئايالىم خوتۇنلار بىلەن چاي ئوينىغىلى كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا بىرەر ۋەسىيەت قالدۇرۇشۇم كېرەك ئىدى، بىراق شۇ تاپتا ئۇ قانىتى بولسىمۇ يېنىمغا ئۈلگۈرۈپ كېلىپ بولالمايتتى.
مەن جىددىي ئويلاندىم ۋە بىردىنلا ئون توققۇزىنچى قەۋەتتىكى قوشنىلارنىڭ دېرىزىسىنى چېكىپ، ماڭا قەغەز – قەلەم تاشلاپ بېرىشنى ئېيتماقچى بولدۇم.-ساۋۇتكا، ھاي ساۋۇتكا! – دەپ توۋلىدىم مەن. ساۋۇتكام دېرىزە تەرەپكە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرغانىكەن، دېرىزىسىنى شۇنچە ئۇرۇپ توۋلىغىنىمنى ئاڭلىمىدىمۇ ياكى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىۋالدىمۇ، مەن تەرەپكە قاراپمۇ قويمىدى. ‹‹مەندىن تېخىچىلا رەنجىپ يۈرگەنمىدۇ؟›› دەپ ئويلىدىم مەن. ئۆتكەندە ئىدارىدىكىلەر ئۆيىڭىزنى مۇبارەكلەيمىز، دەپ كېلىپ بىر كېچە ئولتۇرۇش قىلغانىدى، مەن ‹‹رېستورانغا بارايلى››، دېسەم، ئۇلار ‹‹ئۆيىڭىزنى كۆرمىسەك زادى بولمايدۇ، ئۆيىڭىزدە ئولتۇرىمىز››، دەپ تۇرۇۋېلىشتى. نېمە ئامال، ئولتۇرۇش بولغاندىكىن قىقاس – چۇقان، گۈلدۈر – تاراق بولىدىغان گەپكەن، سائەت ئون ئىككىلەر بولغاندا ساۋۇتكام چىقىپ:
ئادەمنى ئارام ئالغىلى قويامسىلەر – يوق؟، يېرىم كېچە بولاي دېدى، قوشنىلارنىمۇ ئويلاپ قويۇڭلار...