ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى يېقىنلاپ كەلمەكتە، سىنىپتىكى قىز-ئوغۇللارنىڭ مۇھەببىتى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتلىرى بىر ئاز پەسلەپ، ھەممەيلەن دىگۈدەك ئوقۇشقا بېرىلىپ كەتتى. ئىمتاھان يېقىنلاپ كەلگەنسىرى بەك جىددىلىشىپ كىتىپ باراتتىم. «ئىمتاھاندىن ئۈتەلمىسەم قانداق قىلارمەن؟» دەپ ئەندىشە قىلاتتىم. تۇيۇقسىز كاللامغا دادامنىڭ «ئەگەر ئىمتاھاندىن ئۆتەلمەيدىغان بولساڭ، ساڭا بىر يوغان كەتمەن بىلەن 10 مو يەر ئېلىپ بىرىمەن، يەر تېرىپ، دىھقانچىلىق قىلىپ كۈن ئۆتكۈزىسەن، قالغىنى ئۈزۈڭگە باغلىق، ئۈزەڭنىڭ تەقدىرى ئۈزەڭنىڭ قولىدا، پۇرسەتنى قولدىن بەرمە!» دىگىنى ئىسىمگە كەلدى.
مانا، ئىمتاھان ۋاقتىمۇ يىتىپ كەلدى. بۈگۈن خەنزۇتىلى دەرسىدىن ئىمتاھان ئېلىناتتى. ئۈزۈمگە زور ئىشەنچ بىلەن ئىمتاھان مەيدانىغا كىرىپ كەلدىم. ھەممەيلەن بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئىمتاھان قەغىزى تارقىتىۋاتقان كومىسسىيەگە قاراپ ھاڭ-تاڭ بولۇپلا قالدىم،. ئۆز كۆزۈمگە ئۈزۈم ئىشەنمەيلا قېلىۋاتاتتىم، ..