يازما تۈرلىرى :تەرمىلەر

ئاڭلاپ قۇيۇڭ !

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 12 viewsئىنكاس سانى : 0

ئاڭلاپ قۇيۇڭ !

ئەڭ بۇرۇنقى رادىئو ئاڭلىتىش

     1906-يىل 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم سىمسىز رادىئو ئاڭلىتىلغان . ئامېرىكا پېتىسبۇرگ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىروففىسورى رېگناد فسېندېن ماسسا چۇستىس شىتاشى بلۇنېت تېغىدىكى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئېلىكتىر ئۈسكىنلىرى شىركىتىنىڭ ئېگىزلىكى 128 مېتىر كېلىدىغان رادىئو مۇنارى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم رادىئو پىروگىراممىلىرىنى تارقاتقان . رادىئو پىروگىراممىلرى  « ئىنجىل » دىكى روژىستۋو قىسسىلىرى ، ئىسكىرىپكا مۇزىكىسى قاتارلىقلار بولغان ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گېرمانىيەلىك مۇزىكانىت ھاندىر ئىشلىگەن«،مۇڭلۇق كۈي» ناملىق مۇزىكا ئاڭلىتىلغان. كىشلەر قىزىقارلىق رادىئو پىروگىراممىلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن ھەيرانلىق ھىس  قىلغان . بۇنىڭدىن ئىلگىرى پىروفېسسۇر فىېندىن 1900-يىلى بىر قېتىم رادىئو نۇتىقى سۆزلىگەن بولسىمۇ ، ئاۋازى ئېنىق بولمىغاچقا ،ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغانىدى .1902-يىلى ئامېرىكىلىق نىسان ستپرفىلىدمۇ كېنتاككى شىتاتىنىڭ مۇرلى شەھىرىدە سىناق تەرىققىسىدە بىر قېتىم رادىئو ئاڭلىتىلغان.

   سىتورفىلد پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئوقۇغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئېلىكتىر ئۈسىكىنىلىرىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىش  قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا ، كېيىن كەشپىياتچىغا ئايلانغان.1886-يىلى ئۇ ژۇرنالدىن گېرمانىيەلىك خېسىنىڭ ئېلىكتىر دولقۇنغا ئائىت سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، ئۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ ، ئېلىكتىر    دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ ئاڭلىتىشنى سىناپ باقماقچى بولغان . سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇلۇپ ، بارانات ستورفىلد دۇنيادىكى تۇنجى رادىئو دىكتورى بۇلپ قالغان ھەمدە «رادىئو ئاتىسى » دەپ ئاتالغان . ھازىر كېنتاككى شىتاتىنىڭ مۇرلى ئۇنۋېرسىتىتىدا ئۇنىڭ خاتىرە مۇنارى ئابىدىسى بار .

«شىنجاڭ ياشلىرى » 2010-يىللىق 10-سانىدىن ئېلىندى .

يۇمشاق سۆزلۈك ۋە مۇلايىملىقنىڭ پايدىلىرى ھەققىدە

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.15ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 18 viewsئىنكاس سانى : 0

يۇمشاق سۆزلۈك ۋە مۇلايىملىقنىڭ پايدىلىرى ھەققىدە

   يۇمشاق سۆزلۈك ۋە مۇلايىملىق نېمە ؟ يۇمشاق سۆزلۈك ۋە مۇلايىملىق غەزەپ ئوتى ئالغاندا ئۆزەڭنى تۇتۇپ قېلىشىڭ ۋە بۇ خىسلىتىڭ بىلەن ئۆزەڭنى جاھىل ئادەملەرگە ئوخشىتىپ قويۇشتىن ساقلاپ قېلىشىڭدۇر.

  مۇلايىملىق ، شېرىن سۆزلۈك ، يۇمشاقلقنىڭ ئالىيجاناپلىق تەرەپلىرىدىن بىرى ـــ ئۆچ ئېلىش ، ئۇرۇشۇش ، سۆكۈش قۇدرىتىگە ئىگە بولغان ھالدا ئەمەس ، ئەكسىچە كەچۈرۈش ، ناتوغرا ئىشنى ۋارقىراپ – جارقىرىماي مۇلەيىملىق بىلەن چۈشەندۈرۈشتۇر . قوپاللىقتىن شۇ قوپاللىقىنى قىلغۇچىنىڭ ئەسەپ تارىلىرىلا ئەمەس ، باشقىلارنىڭ ئەسەپ تارىلىرىمۇ ئۈزۈلىدۇ .

  يۇمشاق سۆزلۈك ۋە مۇلايىم تەبىئەتلىك كىشلەرنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرى شۇكى ، ئۇلار كىشلەرنىڭ نادان تەبىئەتلىك ، جاھىل ھەمدە قوپال كىشلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى خىلۋەتتە چۈشەندۈرىدۇ . قۇبۇل قىلسا نۇر ئۈستىگە نۇر ، ئەكسىچە بۇيۇن تولغاپ بۇ قىلىقتىن ۋاز كەچمىسە ئۇنداق ئادەمدىن ئۇزاقلىشىش زۆرۈرۈ. قوپال سۆز ئاڭلاپ ، كۈن بويى خاپىلىق يۇتۇپ يۈرۈش كىمگىمۇ ياقىدۇ ؟

  مۇلايىم ۋە يۇمشاق سۆزلۈكنىڭ پايدىلىرىدىن بىرى شۇكى ، بۇنداق تەبىئەتكە ئىگە كىشلەرنىڭ ئابرويى كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بارىدۇ . كىشلەر قوبال ئادەمدىن قاچىدۇ . مۇلايىم كىشى بىلەن دوستلىشىشىقا ئىنتىلىدۇ .

خەتكۈچ : تۈر : تەرمىلەر

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بۇلىشى كېرەك

يوللانغان ۋاقتى : 2011.04.15ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 19 viewsئىنكاس سانى : 0

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بۇلىشى كېرەك

   پەرزەنت ئائىلىنىڭ يىلتىزى، ئاتا-ئانىنىڭ ئۈمىدى، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى . شۇنداق ئىكەن ، پەرشەنتلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ ساغلام، ئەقىدىلىك ، بىلىملىك ، ئېسىل ئەخلاقى پەزىلەتكە ئىگە ئادەملەردىن قىلىپ تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ئاتا- ئانىلارنىڭ ۋەتەن ، مىللەت ۋە جەمئىيەت ئالدىدىكى مۇقەددەس بۇرچى . بالىلارنىڭ خاراكتىرى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاتا- ئانىنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە رولى ناھايىتتى مۇھىم بولغاچقا ئاتا- ئانىلار ئۆزنىڭ ئېسىل مىجەز-خارەكتىرى ، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتى جۈملىدىن ، تىلى ، ھەرىكىتى،قەلبى ئارقىلىق  پەرزەنتلىرىگە ھەر جەھەتتىن ئۈلگە بۇلۇشى ، ئۇلارنىڭ يۇمران قەلبىدە يۈكسەك ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن تىرىشىشى زۆرۈردۇر.

  ئاتا- ئانا پەرزەنتىنىڭ ئەينىكى ، تېرىك ئۈلگىسى . پەرزەنتلەر ئائىلە تەربىيىسىنى ئاتا- ئانىسنىڭ بىۋاستە تەسىرىدە قۇبۇل قىلىدۇ . ئاتا- ئانىنىڭ مىجەز-خارەكتىرى،ئەخلاق – پەزىلىتى، مەسلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بالىنىڭ ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىتىن ، ئاتا- ئانىنىڭ مىجەز –خۇلىقى ، ئىش ھەركىتنىڭ تەسىرى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكىس ئېتىدۇ . بالىلاردا ئەقەلىي قابىلىيەت ۋە خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ ، ئۇلاردا شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاس، قىزىقىش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ .“ بالا كۆرگەننى دورايدۇ، قېرى كۆرگەننى سورايدۇ“ دېگەندەك ، بالىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ سۆز – ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ ئۇلارنىڭ رېئال تۇرۇقىنى دورايدۇ . ئاتا-ئانىنىڭ ئۈلگىلىك رولى ھەققىدە روس پىداگوكى نوۋچىكوف :“بالىلارنىڭ يۇمران قەلبىگە ھېچنەرسە ئۈلگىدەك كۈچلۈك تەسىر قىلالمايدۇ، ھەممە ئۈلگىلەر ئىچىدە ئاتا- ئانا ئۈلگىسىدىنمۇ ئالاھىدە چوڭقۇرراق ۋە مۇستەھكەمرەك ئۇرۇن ئالىدىغان ئۈلگە يوق “ دەپ ئېيتقان. ئائىلە تەربىيىسى شارائىتىدا بالىلار ئاتا- ئانىسىدىن قۇبۇل قىلغان ھەرقانداق سۆز – ھەرىكەت بالىلارنىڭ ئېڭىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ خارەكتىر ۋە ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئوخشىمايىدىغان نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.“ئوغۇل ئاتىنى دورايدۇ، قىز ئانىنى دورايدۇ“ دېگەندەك ، بالىلار ئاتا- ئانىسىدىن مەلۇم ناچار ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۇۋالسا ، بۇنى ئۆزگەرتىش ناھايتتى قىيىنغا توختايدۇ. بەزى ئاتا- ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسىدە بولمىغۇر سۆز – ھەرىكەتلەرنىڭ پەرزەنتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئانچە ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەيدۇ، نەتىجىدە بىلىپ-بىلمەي پەرزەنتىنىڭ ناچار  ئىللەتلەرنى، يامان ئادەتلەرنى يۇقتۇرىۋېلىشىغا ئۆزلىرى سەۋەپچى بۇلىدۇ.“ بالاڭ يامان بولسا ئۆزەڭدىن كۆر “ دېگەندەك ، بالام تېخى كىچىك، ئاڭلىمايدۇ، بىلمەيدۇ، دەپ قاراپ بالىلارنىڭ ئالدىدا دېيىشكە بولمايدىغان گەپ-سۆزلەرنى دېيىش، بولمىغۇر چاقچاقلارنى قىلىش، ئىچ كىيىملەر بىلەن يۈرۈش، كۆرۈشكە بولمايدىغان فىلىملەرنى كۆرۈش، ۋارقىراش-جارقىراش ، جېدەل-ماجىرا قىلىش،رومكا سوقۇشتۇرۇش، تاماكا چېكىش، پۇل تىكىپ قارتا ئويناش ، قاتار چايلارغا ، قاۋاقخانىلارغا تولا قاتىراش… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىلاردا سەلىبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەر بۇلۇپ ، بۇنداق ناچار ئىللەتلەرنىڭ بالىلارنىڭ بەخىت-ئىستىقبالىغا ۋە جەمئىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان يامان تەسىرى، ئاتا-ئانىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ چېكىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ .“ئاۋۋال ئۆزەڭنى تۈزە ، ئاندىن بالىنى“ دېگەندەك ، پەرزەنتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان، ئۆزىنىڭ شەخسىي ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان،ئويۇن –تاماشىلىرىنى قۇربان قىلالايدىغان روھىنى يېتىلدۈرگەن ئاتا- ئانىلارلا ھەقىقىي مەنىدىكى مەسئۇلىيەتچان ئاتا- ئانىلاردۇر.بۇ توغرىدا مۇنداق بىر ئىبىرەتلىك ھېكايە بار:

  بىر ئادەم ھەركۈنى ئىشقا بېرىشتىن ئىلگىرى قاۋاقخانىغا بېرىپ ھاراق ئىچىشكە ئادەتلىنىپ قاپتۇ.قېلىن قار ياغقان بىر كۈنى ئۇ يەنە ئەتىگەندە خوتۇن – بالىلىرى بىلەن خوشلشىپ ئۆزى يالغۇز قاۋاقخانا تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇزاققا بارمايلا ئۇ بىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى سېزىپتۇ ، ئارقىغا ئۆرۈلۈپ قارىسا ، بالىسى ئۇنىڭ قاردا قالدۇرغان ئاياغ ئىزىغا دەسسەپ تۇرۇپ خۇشال ھالدا :“دادا، قارا، مەن سېنىڭ ئاياغ ئىزىڭغا دەسسەپ كېلىۋاتىمەن“ دەپتۇ . بۇ گەپنى ئاڭلىغان دادا قاتتىق چۆچۈپتۇ ۋە كۆڭلىدە :“مەن نېمە ئىش قىلسام بالام شۇنى دورايدىكەن، ھەتتا قاۋاقخانىغا بارساممۇ…“ دەپ ئويلاپتۇ ھەمدە شۇ كۈنىدىن باشلاپ قاۋاقخانىغا قايتا ئاياغ باسماپتۇ.

   بۇ ھېكايىدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئاتا-ئانىنىڭ سۆزى ، ھەركىتى،قەلبى پەرزەنتكە نىسپەتەن بىۋاستە ئۈلگە ۋە تەربىيەدۇر.ئاتا-ئانا ئائىلىدە ئەدەب-ئەخلاقلىق،قائىدە – يۇسۇنلۇق، ئىناق –ئىجىل بولسا ، بۇنداق ئائىلە مۇھىتىدا ياشىغان بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش پەزىلەتلىك چوڭ بۇلىدۇ.

  خەلقىمىزدە :“ ئاتىنىڭ پەزىلىتى ئوغۇلغا مىراس“ دېگەن ھېكىمەت بار . شۇڭا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئۈلگە قىلىپ چوڭ بولىدىغانلىقىنى ،ئۆزلىرى قانداق ئادەم بولسا ، پەرزەنتلىرىنىڭمۇ شۇنداق ئادەم بولىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقى ، پەرزەنتى ئالدىدا قىلغان ئەڭ كىچىك گەپ –سۆز ، ئىش – ھەرىكەتلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، پەرزەنتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇرۇنسىز ئارزۇ – ھەۋىسى ، ئەھمىيەتسىز باردى-كەلدىلىرىنى ، شەخسىي مەنپەئەتىنى قۇربان قىلالايدىغان پىداكار روھنى يېتىلدۈرىشى ، پەرزەنتلىرىگە ئۆزىنىڭ ئېسىل مىجەز-خۇلىقى ، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتى،ساپ قەلبى بىلەن ئۈلگە بۇلۇشى كېرەك.