چايخانىدىن باشلانغان مۇھەببەت

ۋاقتى:2011-06-11 12:25مەنبە: يوللىغۇچى: nazakat چېكىلىشى:قىتىم
  

 
چايخانىدىن باشلانغان مۇھەببەت
ئاپتۇرى: ئەكرەم ھەبىيبۇل
ھەي ، گەپنى قەيەردىن باشلىسام بۇلار؟ ئەڭ ياخشىسى گەپنى ئاشۇ بىغەم يۈرگەن چاغلىرىمدىن باشلاي.
مەن بۇرۇن مۇھەببەت جەھەتتە قىزلاردىن كۆپ ئازاپ يەپ كەتكەچكە شۇنداقمىكىن، قىز بالا، مۇھەببەت دىگەنلەرگە ئانچە بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتىم. ئۇنداق بولغىنى بىلەن ماڭا كۈيۈپ يۈرگەن قىزلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. لىكىن شۇ ۋاقىتلاردا مىڭ يۈرىكىم مۇز بۇلۇپ قېتىپ كەتكەن ئىدى.
شۇنداق بولغاچقىمىكىن ئۆيدىكىلەر تولۇپ ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىۋالساڭ بولدى دەپ قويسا خۇشاللىغىمدىن نىمە قىلغۇم كەلسە شۇنى قىلىپ ئەركىن، ئازادە ئويناپ يۈرۈپ دەرسلەر بىلەنمۇ ئانچە كارىم بولماي يۈرەتتىم. ھەي، ئىشقىلىپ بىغەم يۈرگەن كۈنلەردە ئۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شۇ ۋاقىتلاردا«168  118 »دەپ پۈتكۈل شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر خىل كىشلەر چىقىپ پاراڭلىشىدىغان، كۈلكە چاقچاق قىلىشىدىغان، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلايدىغان ۋە ئەۋەتىدىغان مانا مۇشۇنداق كۆڭۈل ئىچىش، پاراڭلىشىش چايخانىسى ئىدى. بۇ چايخانا ياشلار ئارسىدا خېلى مودا بولغان بولۇپ، مەنمۇ بۇ چايخانىغا قىزىقىپ قىلىپ بۇ چايخانىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم. «ھەي! بۇ چايخانا بولدىكەن جۇمۇ، يىڭى دوستلار بىلەن تۇنۇشۇپ، پاراڭلىشىپ، چاقچاق قىلىشىپ، زېرىكىپ قالغاندا ، ناخشا-مۇزىكا  ئاڭلاپ، بۇرۇنلا كىرسەم بوپتىكەن» دەپ ئويلاپ قالاتتىم.
چايخانىغا كىرگەن شۇ چاغلاردا«ئەتىرگۈل»،«ئاق چىچەك»،«يايۋاتچە»... قاتارلىق نۇرغۇن دوستلار بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ئىدىم. ھە دىسىلا چايخانىغا چىقىۋىلىپ دەرسلەر بىلەنمۇ ئانچە كارىم بولمايتتى. ئۆيدىكىلەرمۇ مىنى«تولۇپ ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۋالسىلا بولدى» دەپ ئانچە بەك گەپ قىلىپ كەتمەيتتى. شۇنداقتىمۇ مەۋسۈملۈك ئىمتىھان نەتىجەم چىققان ۋاقىتتا، ئالدىن-ئالا تەييار قىلىپ قويغان كۆرسەتكۈچنى ئاتا-ئانامغا كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئانچە-مۇنچە خوشمۇ قىلىپ قوياتتىم. مەن چايخانىغا كۆپ چىقىۋەتكەچكە شۇنداقمىكىن، بىرەر كۈنى چايخانىغا چىقمىسام، ئىچىم پۇشۇپ، قىلىدىغان ئىشىمنى تاپالمايلا قالاتتىم. شۇڭا مەن ئۇخلىغاندا بولسۇن ياكى بىرەر ئىش قىلغاندا بولسۇن چايخانا خىيالىمدىن چىقمايتتى. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا مېنى بىر قىز بالا پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەنىدى. بىر كۈنى كەچلىكى ئادىتىم بويىچە يەنە چايخانىغا چىقتىم. مەن چايخانىلارنى ئارلاۋىتىپ، ئۆزەم بىلەن ئىسىمداش بىر قىز بالىنى ئۇچرىتىپ قالغاندىم.

ئىز تورى www.iz.la

مەن چايخانىغا ئىسمىمنى ئۆزگەرتىپ «شوخ بالا» دەپ چىقاتتىم.
مەن چايخانىدىكى بالىلار بىلەن پاراڭلىشۋىتىپ ئۇلارنىڭ ئىسمىنى سورىغاچ، ئارىمىزدىكى بىر قىزدىن«ھەي قىز، ئىسمىڭىز نىمە؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا:{ئاۋۋال سىز دەپ بەرمەمسىز؟}دەپ ئىسمىنى دەپ بەرمىدى.
مەن ئۇنىڭغا:«مىنىڭ ئىسمىم (شوخ بالا) ئەمدىغۇ دەپ بېرەرسىز؟»-دىدىم مەن شوخ ئاۋازدا. ئۇ كۈلۈمسىرگەچ:{مىنىڭ ئىسمىم شوخ قىز} ئۇنىڭ يىقىملىققىنە ئاۋازلىرى بىلەن چىققان«شوخ قىز»دىگەن گېپى مېنى ھەيران قالدۇرغانىدى.
مەن چايخانىدا ئىسىمداش بىر قىزنى ئۇچرىتىدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


مەن ئۇنىڭدىن:«ئىسىملىرىمىز ئۇخشىشىپ كىتىدىكەن»دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا:{مەنمۇ شۇنى دەيمەن} كۈلۈپ قويغان ئىدى.
ئۇنىڭ ئىسىملىرىمۇ، كۈلكىلىرىمۇ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغانىدى«ئىككىمىز تۇنۇشۇپ قالساق قانداق دەيسىز؟»دەپ سورىدىم ئۇنىڭدىن.{مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ تۇراتتىم} دەپ كۈلگەچ جاۋاب بەردى.
شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئەسلى ئومۇ ئوقۇغۇچى ئىكەن. ئىككىمىزنىڭ يېشى بولسىمۇ، لېكىن مەن بولسام تولۇق 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتاتتىم. ئۇ مەكتەپتىن يۆتكىلىش سەۋەبىدىن تولۇقسىز 3-يىللىقتا ئوقۇيدىغانلىقىنى، ھەمدە ئادىرسىنىڭ تۇرپاندا ئىكەنلىكىدىن تارتىپ تىلفون نۇمۇرلىرىغىچە ھەممىنى دەپ بەردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۆزەمنىڭ ئادرسىنىڭ پىچاندا ئىكەنلىكىنى تېلفون نۇمۇرلىرىمنى، ئىسمىمنى دەپ بەردىم.، مەن سۆزلەۋىتىپ: ماڭا تېخى ئىسمىڭىزنى دەپ بەرمىدىڭىزغۇ؟» دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا:{ئۇنتۇپ قالغىنىمنى كۆرمەمدىغان، مىنىڭ ئىسمىم گۈلمىرە}،«گۈلمىرە» دىدىم مەن ھەيران بولغان ھالدا. ئېسمىڭىز چىرايلىق ئىكەن جۇمۇ {ياقەي، ماختىۋەتتىڭىز.} دىدى ئۇ كەمتەرلىك قىلىپ، مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاچ ئۇنىڭ مەكتەپتىكى ئىشلىرىنى  سورىدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ مەكتەپتىكى قىزىقارلىق ئىشلىرىنى دەپ بېرىۋىتىپ ئۆزى كۈلۈپ كېتەتتى. مەنمۇ ئۆزەمنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرىمنى دەپ ئۇنى كۈلدۈرۈپ تىلىقتۇرۇپلا قوياتتىم. {ھا،ھا،ھا. سىز بەك قىززىقچى ئىكەنسىز جۇمۇ!} دىدى ئۇ.ئۇنىڭ گېپىمۇ كۈلكە ئارىلاش، مېنىڭ گىپىممۇ كۈلكە ئارىلاش.{ھا،ھا،ھا}. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئۇنىڭ بىلەن خۇددى يېقىن ئادىمىمدەكلا مۇڭدىشىپ كېتىپتىمەنكى، بۇرۇنقى مۇھەببەت جەھەتتە قىزلاردىن تارتقان ئازاپلىرىمنىڭ كۆپلۈكىنى ئۆزەمنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلىرىمنىڭ ھەممىنى ئۇنىڭغا دەپ بېرىپتىمەن. ئۇمۇ ئۆزى بىلەيلا، بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىككى ئوغۇل بالىنىڭ تەلەپ قويغانلىقىنى، لىكىن، ئىككىسىنىلا رەت قىلىۋەتكەنلىكىنى، تېخىچە بىرەرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانلىقىنى دەپ بەردى. ئىشقىلىپ، شۇنداق قىزىقارلىق پاراڭلىشىپتىمىزكى، ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنىمۇ بىلەي قاپتىمىز.
ھەي، مەن ئەزەلدىن بىرەرسى بىلەن ئۇنداق پاراڭلىشىپ باقماپتىكەنمەن، شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ ماڭا تېلفون قىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، مەنمۇ ئۇنىڭغا تېلفون قىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، خوشلاشتۇق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇنىڭدىن كىيىن، بىزنىڭ ئالاقىمىز بارغانسىرى قۇيۇقلىشىشقا باشلىغانىدى. بىز بەزىدە چايخانىدا ئۇچراشساق، يەنە بەزىدە تېلفون قىلىشىپ، ئالاقىلىشىپ تۇراتتۇق. نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇنىڭ بىلەن خېلىلا يېقىن بولۇپ قالغان ئىدۇق. كۆڭلۈمىز يېرىم بولۇپ قالغان چاغلاردا، بىر-بىرىمىزگە تەسەللى بېرىشىپ، بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنىمۇ چۈشۈنۈشۈپ قالغان ئىدۇق. نىمىشقىكىن، ئۇنىڭ بىلەن بىرەر كۈن پاراڭلاشمىسام، بىرەر يېرىم كامدەكلا بىلىنەتتى. مەن شۇ  چاغدىلا ئۇنى ھەقىيقى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلغانىدىم. بىر قىز بالىنىڭ مىنى شۇنچىلىك كونترول قىلۋالغانلىقىغا زادىلا ئەقلىم يەتمەيدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

قىز بالا دىگەن شەيتانغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، ئەمدى مۇھەببەتلەشمەيمەن، دىگەن ئادەم ئەمدىلىكتە بىر قىزنى يەنى تېخى ئۆزۈم كۆرۈپ باقمىغان بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى كۆرمەمدىغان.
ھەي....... كۆڭۈل دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن جۇمۇ!
بىر كۈنى مىنىڭ ئۇنىڭ سۆرئىتىنى كۆرۈپ باققىم كىلىپ، ئۇنىڭدىن، ماڭا رەڭلىك ئۇچۇر ئارقىلىق سۆرئىتىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى ئېيتتىم. ئۇ ناھايتتى تىزلا ماڭا سۆرئىتىنى ئەۋەتىپتۇ. مەن ئۇنىڭ سەبىيلەرچە چۈشكەن سۆرئىتىگە قاراپ، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالغانىدىم. ئۇنىڭ تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان چىرايى، بىر جۈپ قاپقارا كۆزلىرى مېنى ئۆزىگە تېخىمۇ جەلپ قىلىۋالغانىدى. مەنمۇ كەينىگە ياندۇرۇپلا، ئۆزەمنىڭ بىر پارچە سۆرئىتىمنى ئەۋەتتىم.... تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئۇ سۆرئىتىمنى كۆرگەن بولسا كېرەك، سۆرئىتىمنى ئەۋەتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، ماڭا تېلفون قىلىپتۇ. مەن تىلفون­ ئىلىشىمغىلا {ۋەي... كىلىشكەن يىگىت بارمۇ سىز} دەپ مىنى ماختاپلا كەتتى. مېنى بەك ماختىۋەتتىڭىز، سىزمۇ بەك چىرايلىقكەنسىزغۇ، سۆرئىتىڭىزنى كۆرۈپلا سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم جۇمۇ، بۇ گەپنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالدىم. ئۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ، جىمىپ كەتتى. مەن ئۆزەمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئۇنىڭغا دېيىشنى ئويلاپ كىلىۋاتاتتىم. مانا، ئەمدى گەپلىرىمنى ئاڭلاپ بولۇپ،{بىز تېخى بىرەر قىتىممۇ كۆرۈشۈپ باقمىساق، تېخى بىر-بىرىمىزنى تۇلۇق چۈشەنمەيمىز.} دەپ مېنىڭ تەلىپىمنى رەت قىلىۋەتتى. مەن شۇ چاغدا ئۆزەمنىڭ گۆشىنى ئۆزەم يېگۈدەك بولۇپ، بىشىمدىن بىر چىلەك سۇ قويۋەتكەندەكلا بولۇپ قالغانىدىم. چۈنكى مەن يەنى بىر قىتىم قىز بالىدىن مۇھەببەتنىڭ ئازابىنى تارتقانىدىم. مەن تېلفوننى قويىۋىتىپ، دەرت-ئەلەمگە، ئاچچىق-ھەسرەتكە چۈشۈپ كەتتىم.بىر ئويلىسام، ئۆزەمگە ئاچچىقىم كىلەتتى. مەن باشقىلاردىن ئاچچىقنى ھاراق كىسىدۇ، دىگەن گېپىنى ئېسىمگە ئىلىپ، ئۆزەمنىڭكى، ھاراقكەش، زابوي ئاغىنىلىرىمنى ئەسكە ئالدىم. مەن ئۇلار بىرەر يەردە ئولتۇرۇپ ئىچىۋاتقان بولسا، مەنمۇ بىر ئىچىپ ئاچچىقىمنى چىقىرىپ كىلەي، دەپ ئويلاپ ئۇلارغا تېلفون قىلدىم. ئىز تورى بەك ياخشى
ئويلىغىنىمدەك، ئۇلار ئولتۇرۇپ ئىچىشۋاتقانىكەن. سىلەر، قەيەردە؟ دەپ سورىدىم. مەن ئۇلاردىن، {بىز كونا جايدا} ئۇنداق بولسا مەن ھازىرلا باراي دەپ تېلفوننى قويىۋىتىپ، ئۇلارنىڭ قېشىغا باردىم.مەن بارسام، ئۇلار سورۇننى ئەمدىلا باشلىغان ئىكەن، مېنىڭ ئاچچىقىم بەك كىلىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئەخمەتنىڭ ئالدىدىكى يېرىم بوتولكا ئاق ھاراقنى ئېلىپ، ئۈزۈلدۈرمەي ئىچىۋىتىپتىمەن. تۇنجى قىتىم ھاراق ئېچىشىم بولغاچقا، شۇنداقمىكىن، كانايلىرىم قىزىپ، باشلىرىم قىيىپ، كۆزلىرىم خۇددى ئالمىدەك قىزىرىپ كەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى بىرسى {ئەزمەت ئاداش، بىز بۇرۇن ساڭا ئىچ  دەپ ئىچكۈزەلمەي، چەك دەپ چەككۈزەلمەيتتۇق. بۈگۈن ئاخىرىقى زامان بولمىغاندۇ، ھە!} دەپ، مەس بولۇپ قالغاندەك سۆزلىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياقەي، ئۇنداق ئەمەس، دەپ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا دەپ بەردىم. باشقا ۋاقىتلاردا ئۇلار ئىچىپ، چىكىپ ئولتۇرسا، مەن ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى، دەرت-ئەلەملىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتىم. ئەمدىلىكتە، مەن ئىچىپ-چىكىپ ئولتۇرسام، ئۇلار مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانىدى. ئۇلار مېنىڭ ئىشلىرىمنى بىلىپ خىيالغا چۈشۈپ، جىمىپ كەتكەنىدى.
مەن بولسام يەنە ھاراق ئىچكەچ ئۇنى ئويلاپ، خىيال سۈرۈۋاتاتتىم. توساتتىن ئارىمىزدىكى بىرەيلەننىڭ گىپى خىيالىمنى بۈلىۋەتتى. ئۇمۇ كەيپ بۇلۇپ قالغان بولسا كېرەك، كۆزلىرىنى خۇمالاشتۇرۇپ، ئارانلا سۆزلەۋاتاتتى. ئۇ ماڭ {قىز بالا دىگەنگە ئۇنچىلىك قىلىش كەتمەيدۇ، جاھاندا قىز بالا دىگەندىن تۇلا نەرسە يوق، ساڭا باشقا قىز بالا چىقماسمۇ} دەپ ماڭا تەسەللى بەرمەكچى بولغانىدى. لىكىن ئۇنىڭ گەپلىرىگە سەل ئاچچىقىم كىلىپ سەن ئۇنداق دىگەن بىلەن، كۆڭۈل چۈشسە بولىدۇ. ئۇلارغا نىمىلا دىگەن بىلەن، كۆڭۈل چۈشۈپ ياخشى كۆرگەنگە يەتمەيدۇ. دەپ ئۇنىڭ گىپىنى قايرىۋەتتىم. ئۇ يەنە سۆزىنى قايرىۋەتتىم. ئۇ يەنە سۆزىنى دااۋام قىلىپ،{ئۇنداق بولسا، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن تىرىشمامسەن.} ئۇنىڭ بۇ گىپى ماڭا ئىلھام بۇلۇپ، تېلفوننى قولىمغا ئالدىم-دە ئۇنىڭغا يەنە تېلفون قىلىدىم.

copyright by www.iz.la


مەن ھاراقنى بەك كۆپ ئىچىپ، مەس بولۇپ قالغاچقا شۇنداقمىكىن، ئۇنىڭغا نېمىلەرنى دىگىنىمنى ىۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئاغىنىلىرىم بولسا بىز ئىككىمىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تىنچ ئولتۇراتتى. مېنىڭ گەپلىرىم قوۋلاشمىغان بولسا كېرەك، ئۇ مىنىڭ ھاراق ئىچكىنىمنى بىلىپ، ئەنسىرگەن ئاۋازدا{سىز ھاراق ئىچتىڭىزما؟} ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان ئاغىنىلىرىم،{سىز ئىچمەيدىغان، چەكمەيدىغان ئادەمنى ئىچىدىغان، چىكىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغاندىكىن، ئىچمەي قانداق قىلىدۇ. ئەمسە}. ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، يەنە جىم بولۇپ كەتتى.... مەن ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي، سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىزنى ياخشى كۆرىمەن......دەۋىتىپئاۋازلىرىم يېغا ئارىلاش چىقىپكەتكەنىدى. ئۇ چاغدا، مەن تۇنجى قىتىم، تۇنجى قىتىم  بىر قىز بالىنى دەپ ياش تۆككەنىدىم. ئۇ مىنىڭ ئۆزىنى دەپ شۇنچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن بولسا كېرەك.{ مەن سىزنىڭ شۇنچىلىك قىلىشىڭىزغا ئەرزىيمەنمۇ،} دەپ تىتىرەڭگۈ ئاۋازدا سورىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەن ئۇنۇڭغا سىز ھەقىيقەتەن شۇنداق قىلىشىمغا ئەرزىيسىز، ئۇنىڭغا شۇنداق دەپ ئۇنۇڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم.
{ئۇنداق بولسا بىز كۆرۈشەيلى} دىدى ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا، مەن ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتتىمكى خۇشاللىقىمدىن مەسلىكىممۇ يىشىلىپ كەتكەن ئىدى. مىنىڭ ياش ئەگىپ تۇرغان كۆزلىرىمدىن ئەمدى ياش ئەمەس كۈلكىنىڭ خۇشاللىقىمنىڭ جىلۋىلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئاغىينىلىرىم{ مانا،ئەمدى قالماشتى} دەپ كۈلۈپ قويدى...
بىزمۇ كۈلۈپ قويدۇق....
بىز ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ئالدىمىزدىكى روزو ھىيتتا ئۇنىڭ بىلەن تۇرپاندا كۆرىشىدىغانغا دىيىشىپ قويدۇق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۈگۈن مانا مەن تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن روزا ھىتمۇ ئاخىرى يىتىپ كەلدى.
مەن ھىيىت نامىزىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىش ئۈچۈن يولۇچىلار بىكىتىگە باردىم. ھىيت بولغاچقىمىكىن بىكەتتە ئادەم بەك كۆپ ئىدى. مەن ئاران تەستە سائەت 8نىڭ بىلىتىنى ئىلىپ ئاپتۇبۇسقا چىقتىم-دە ئۇنىڭغا تىلفون قىلىدىم. مەن يولغا چىقتىم، سىزنى قەيەردىن تاپىمەن، ئۇ ماڭا {ئۇنداق بولسا مەن سىزنى بىكەتتە ساقلاي} دەپ كۈلۈپ قويۇپ تېلفوننى قۇيىۋەتتى.ئاپتۇبۇس ماڭغىچە مەن ئۇنىڭغا بىر دەستە گۈل ئىلىۋالغان ئىدىم. ئابتۇبۇس كىتىۋاتىدۇ. مەن بولسام ئەنە شۇ شېرىن خىيالدا.... «5-ئىيول ۋەقەسى» يۈز بەرگەچكە شۇنداقمىكىن يولۇچىلارنى تەكشۈرۈش بەك چىڭلاپ كەتكەنىدى. شۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن يولدا بىر قانچە يەرە توسۇلۇپ قالغان ئىدۇق. ماشىنا قانچە ئۇزاق توسۇلۇپ قالسا مىنىڭ ئىچىم شۇنچىلىك بەك تىتىلداپ كىتەتتى. چۈنكى مەن ئۇنى بەك ئۇزاق ساقلىتۋەتمەي دەپ ئويلىغان ئىدىم.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


مانا تۇرپان شەھىرىگىمۇ ئاخىرى يىتىپ كەلدۇق. شەھەر ئىچىگە كىرىشىمىز بىلەن يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى گۈل-گىياھلار، دەل-دەرخلەر شەھەرنىڭ قىياپىتىنى تېخىمۇ گۈزەلللەشتۈرۈپ كۆزگە ئالاھىدە چىلىقىپ تۇراتتى. مانا ئاپتۇبۇسمۇ بىكەتتە كىردى. مەن ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ بىكەت ئىچىگە سەپ سىلىپ قارىدىم. قارىسام ئۇ بىكەت ئىچىدە كۆرۈنمەيتتى. مەن ئۇنى قەيەردىدۇ دەپ ئۇنىڭغا تىلفون قىلىدىم. مەن ئۇنىڭغا سىز قەيەردە، بىكەتتە كۆرۈنمەيسىزغۇ، دىسەم ئۇ ماڭا كايىپلا كەتتى. دېمىسىمۇ راست، سائەت 8دە ماڭدىم دەپ قويۇپ 12 گىچە ساقلىتۋەتكەنكىن ئۇنىڭ ئاچچىقلانمىغىمۇ ھەق دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا سەۋەبىنى چۈشەندۈردۈم. ئۇمۇ چۈشەنگەن بولسا كېرەك مەن ھازىرلا بارىمەن دەپ تېلفوننى قويىۋەتتى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ بىكەتكە كىرىپ كەلدى. مەن ئۇنىڭغا بايا سىتىۋالغان بىر دەستە گۈلنى تۇتۇپ مىنى كەچۈرۈڭ بۇلامدۇ دىيىشىمگىلا- ئۇ{ ئۇنداق دىمەڭ، سىز يە قەستەن ساقلاتمىسىڭىز} دەپ مىيىققىدە كۈلۈپ قويدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەن ئۇنۇڭدىن تاماق-يىدىڭىزمۇ دەپ سورىسام ئۇ ماڭا {ساقلىسام كەلمىگەچكە شۇڭا ئۈزۈم يالغۇز تاماق يىگىلى ماڭغان، ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كەلسەم سىز تىلفون قىلىپسىز، شۇڭا تاماق يىمەيلا كىلىشىم} دەپ ماڭا ئەركىلەپ قويدى.
يۈرۈڭ ئەمسە دەپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يىگىلى باردۇق. تاماقنى يەپ بولۇپ خەلق مەيدانىدا سۈرەتكە چۈشتۇق. سۈرەتكە چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن بىللە ياشلار يولىدا پاراڭلاشقاچ ماڭدۇق. ياشلار يولىنىڭ مەنزىرسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، سەڭگىلەپ پىشىپ كەتكەن ئۈزۈملەر خۇددى مەرۋايىتتەك چاقناپ كۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ ياشلار يولىنى ئاجايىپ تۈسكە كىرگۈزگەنىدى. مەن مۇشۇنداق گۈزەل مەنزىرە ئىچىدە چىن كۈڭلۈمدىن ياخشى كۆرگەن ئادىمىم بىلەن پاراڭلىشىپ مىڭىۋىتىپ ئۆزەمنى خۇددى جەننەتتەكلا ھېس قىلىپ قالغان ئىدىم. مەن ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ ئاخىرى ئۇنىڭ ئاغزىدىن {ئازىدىن مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن} دىگەن جاۋابنى ئالدىم. مەن بۇ چاغدا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتىمكى. پۈتۈن جاھان يورۇپ كەتكەندەك قىن-قىنىمغا پاتماي دىگەن سۆزلەر بىلەنمۇ خۇشاللىقىمنى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايتتى. مانا ھەش-پەش دىگۈچە كەچ بولۇپ قاپتۇ، مۇشۇنداق شېرىن مىنوتلاردا ۋاقىت ئەجەپ تىز ئۈتۈدۇ دىسە؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەن كەتمەكچى بولغىنىمدا ئۇ مىنى ئۇزۇتۇپ قويغىلى بىكەتكە بىللە باردى. ئۇ ماڭا كۆيۈنۈپ{ئۆيگە بارغاندا ماڭا تېلفون قىلىۋىتىڭ، بولمىسا ئەنسىرەيدىكەنمەن} بولىدۇ. مەن چۇقۇم تېلفون قىلىمەن دەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم.
ئابتوبۇس يولغا چىققان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئاپتوبوسنىڭ كەينىدىن قولىنى پولاڭلىتىپ خوش دىگەن سىمايى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى. ئۆيىگە يىتىپ كەلسەم بەك كەچ بولۇپ كىتىپتۇ، مەن ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئۇنۇڭغا تېلفون قىلىدىم. «مەن ئۆيگە كىلىۋالدىم» دىدىم مەن، ئۇ ماڭا{ساق سالامەت يىتىپ بارغان بولسىڭىزلا بولدى} دەپ يەنە ماڭا ئەركىلەپ قويدى. نىمىشقىكىن ئۇ دائىم ماڭا گەپ قىلغاندا ماڭا ئەركىلەپ گەپ قىلاتتى. باشقىلارغا بولسا پەقەتلا ئەركىلمەيتتى. شۇڭا مەنمۇ ئۇنىڭ ئەركىلەشلىرىنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ھازا پاراڭلىشىپ خوشلۇشۇپ يىتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئەتىسى مەكتەپكە كىتىۋىتىپ، ئۇلارنىڭ مەكتىدە ئۇقۇسام بولمامدۇ، ئۇنى كۈندە كۆرۈپ تۇرىمەن ئەمەسمۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈشتىن كىيىن مەكتەپتىن قايتقاندىن كىيىن ئۆيگە كىلىپ ئاتا-ئانامغا ئۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇم بارلىقىنى ئېيتتىم. ئاتا-ئانام مىنىڭ مەكتەپ يۆتكۈلۈشۈمگە قوشۇلمىدى. مەن ئۇلارنىڭ قوشۇلمىغىنىغا قارىماي  چىڭ تۇرىۋىلىپ ئۇلار بىلەن قىزىرىشىپ قالدىم. مەن ئاچچىقىمدا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئۇنىڭغا تىلفون قىلىپ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى دىدىم. مەن تېخى ئۇنى مىنىڭ قىشىمغا يۆتكىلىدىغان بولدى دەپ خوشال بولارمىكىن دىسەم ئۇ ماڭا ئاچچىقلاپ مەكتەپ يۈتكۈلۈشۈمگە قوشۇلمىدى. مىنىڭ ئاچچىقىم كىلىپ تىلفوننى قويىۋەتتىم. تىلفوننى قويىۋىتىپ سەل ئويلىنىپ قالدىم. مىنىڭ قىلغىنىم سەل ئىشىپ كەتتىمۇ قانداق، دەپ ئويلاپ ئۇنۇڭغا تىلفون قىلدىم، ئۇ تىلفوننى ئىلىپلا{خاپا بولۇپ قالدىڭىزما} دەپ مەندىن كەچۈرۈپ سورىدى، مەن ياندۇرۇپلا ياقەي، خاپا بولۇپ قالمىدىم، ئويلاپ باقسام مىنىڭ قىلغانلىرىم بەك ئىشىپ كىتىپتۇ، ئەسلى سىزگىمۇ،ئاتا-ئانامغىمۇ، قاتتىق تەگمىسەم بولاتتى. دەپ كەچۈرۈپ سورىدۇم. ئىز تورى www.iz.la
ئۇ ماڭا {كەچۈرۈمنى مىنىڭدىن ئەمەس، ئاتا-ئانىڭىزدىن سوراڭ} دەپ ماڭا ئەقىل كۆرسەتتى. مەن ئۇنىڭغا سەل تۇرۇپ تىلفون قىلاي دەپ تىلفوننى قويىۋەتتىم ھەم كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن ئاتا-ئانامنىڭ قىشىغا چىقسام ئۇلار تىخېچە خاپا ئولتۇرغانىكەن. مەن ئاستا ئۇلارنىڭ قىشىغا بېرىپ ئۇلارغا « ئاتا -ئاپا مەن خاتا قىلىپتىمەن، ئەسلى سىلەر بىلەن تاكاللاشمىسام بولاتتى» دەپ ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورىدىم. بۇ چاغدا ئاتا-ئانامنىڭ چىرايىدىكى خاپىلىق بىردىنلا ئۆچۈپ{بالام سەن راستىنلا ئۇ مەكتەپتە ئوقۇماقچىما؟} دەپ سورىدى. مەن ئۇلارغا سىلەر قوشۇلساڭلارلا مىنىڭ ئوقۇغۇم بار دىدىم تۆۋەن ئاۋازدا{ ئۇنداق بولسا ئوقۇغىن، لىكىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشكە ۋەدە بېرىسەن} دىدى ئۇلار ماڭا شەرت قويۇپ، مەن ئاتا-ئانامنىڭ سۆزىدىن قەۋەتلا خۇشال بولۇپ كىتىپ ئۇلارغا ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشكە ۋەدە بەردىم. مەن بۇ خوش-خەۋەرنى ئۇنىڭغا ئېيتماقچى بولدۇم-يۇ لىكىن تۇيۇقسىز ئۇنى خوش قىلىۋىتەي دەپ ئۇنىڭغا ئېيتمىدىم. مەن ئەتىسىلا مەكتەپكە يۆتكىلىش رەسمىيتىنى بىجىرىپ بولۇپلا مەكتەپكە ئورۇنلاشتىم. مۇھىت ئالماشتۇرغاچقىمىكىن مەن بالىلارنىڭ ئارسىدا تازا ئىچىلىپ-يىيىلىپ ئولتۇرالمىدىم. چۈشتىن كىيىن ئالدىراش ياتاققا كىتىۋاتسام ئۇ تۇيۇقسىز ئالدىمغا چىقىپ قالدى. ئۇ كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەن بولسا كېرەك، ماڭا قاراپ تۇرۇپلا قالدى. مەن ئۇنىڭغا بۇ مەن تۇنۇيالمايۋاتامسىز دەپ سورىدىم.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ئۇ ئويقۇدىن ئويغانغاندەك بولۇپ{ راستنلا يۆتكىلىپ كەپسىزغۇ} دەپ ھەيران قالدى. مەن ئۇنىڭغا ماڭغاچ ھەممىنى دەپ بەردىم، ئۇمۇ مىنىڭ يوللۇق ئىش قىلغىنىمدىن خوشال بولۇپ ياتىقىغا كىرىپ كەتتى، مەنمۇ ياتاققا كىرىپ كەتتىم.
شۇنداق قىلىپ يىڭى مەكتەپ ھاياتىم باشلىنىپ كەتتى. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى مەكتەپ بىلەنمۇ، بالىلار بىلەنمۇ چىقىشىپ كەتتىم. مەن ئەمدى بوش ئۆتكەن ۋاقىتلارى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئازغىنە 1 يىل ۋاقىتنى قەدرلەپ ياخشى ئۆگۈنىۋاتىمەن. ھازىر مەن تولۇق ئۈچۈنچى يىللىقتا، ئۇ بولسا تولۇق 1-يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ.....
بىزنىڭ يۇقارقى ھىكايىمىزنى كۆرگەن-ئاڭلىغان دوستلىرىمىزنى بىز ئىككىمىزگە مەڭگۈ بەخت تىلشنى، ئىشلىرىمىزنىڭ ئوتۇقلۇق بولۇشىغا ھەمدە مىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈمگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشۈنى           ىۈمۈت قىلىمەن...شۇنداقلا مەنمۇ سېلەرگەچىن يۈرۈگۈم دىن بەخىت تېلەيمەن......... ئىز تورى www.iz.la
رەخمەت سىلەرگە...
ئەسكەرتىش:بۇئەسەرپۇتۇنلەي ئۆزەم نىڭ كەچۇرمىشى بۇيىچە يېزىلغان .قىلچە ساختىلىق يوق ،بۇنۇڭغا ئۇخشاش ۋەقەلەرباشقا جايلاردىمۇ يۈز بەرگەن بۇلۇشى مۇمكىن ،شۇڭلاشقا تۇغرا چۈشۈنىشىڭىزلەرنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئەسەردىكى كىشى ئسىملىرى ؟ۆزگەرتىلدى.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ئالاقىلاشقۇچى: ئەكرەم ھەبىيبۇل
يان تېلفۇن:13779005464
ئۆي تېلفۇن:0995-8336802

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(7)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • مەھەللەمدە قالغان خاتىرە

    قۇربانجان توختى ئازىق بۈگۈن خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغىنىمدا، ماڭا شۇنچىلىك تونۇش ھەم يېقىملىق ئاشۇ گۈزەل مەھەللەمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز كارتىنىلار كۆز ئالدىمدىن بىربىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى . مېنىڭ مەھەللەم بەئەينى بىر پارچە گۈزەل سۈرەتكە ئوخشايتتى . يول بويىدا سايە تاش...

  • ئارماندا قالغان مۇھەببەت(ھېكايە)

    گۈلنىگار سالام ئەزىمەت، قانداق ئەھۋالىڭ ؟ ياخشى تۇرۇۋاتامسەن ؟ بەلكىم بۇ خېتىمنى كۆرۈپ ھەيران قالغانسەن، ئەلۋەتتە ھەيران قېلىشىڭ نورمال ئىش. بىزنىڭ ئالاقلاشمىغىنىمىزغىمۇ يېرىم يىل بولاي دەپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيان كۆرۈشۈش ئەمەس بىرەر قېتىممۇ تېلفۇنلىشىپ قوي...

  • ئانىنىڭ كۆز يېشى

    (ھېكايە) ئەمەر ھېمىت ــ تاك، تاك، تاك... ئىشىكنىڭ چېكىلىشى بىلەن دىققىتىم بۇرۇلدى، 60 ياشلاردىكى چىرايى سولغۇن بىر ئايال ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى. ئۇنى ئورۇندۇققا باشلىدىم. ــ سودىيە ئەپەندىم، ئالدىلىرىغا ئوغلۇمنىڭ گۇناھىنى تىلىگىلى كەلدىم... ئايالنىڭ كۆزلىر...

  • كەپتەر

    مەن تۈز بىر دۆڭدە تۇراتتىم، كۆز ئالدىمدا پىشىپ قالغان قارا بۇندايزارلىق،ئۇ بىر تۇرۇپ ئالتۇن رەڭدە،بىر تۇرۇپ كۈمۈش رەڭدە چاقناۋاتقان دېڭىزدەك رەڭدە تۈس ئالغانىدى. بىراق،ئۇ دېڭىز مەۋج ئۇرمايتتى.ھاۋا دىمىق،سامالدىن ئەسەرمۇ يوق، قاتتق بوران-چاپقۇن شەپىسى بار...

  • تەلەيلىك يىگىت

    جامىس مېرلىنىڭ قوللىرى تىترەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئادەم كۈلۈپ كەتتى ۋە ئۇنىڭدىن: تۇنجى قېتىم مەشغۇلات قىلىشىڭىز ئوخشىمامدۇ؟ دەپ سورىدى. ياق!، دېدى ئۇ يالغان ئېيتىپ ۋە ئۆزىنى بۇ ئىشلارنى قىلالايدىغاندەك كۆرسەتمەكچى بولۇپ، كۆزۈمنى يۇمۇۋالساممۇ م...

  • يىغىلاڭلار ئاياللار

    مۇقەددىمە: كۆپ قىزلارنىڭ،كۆپ ئاياللارنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىدىم،كۆردۈم،يىغلاپ تۇغۇلغان ئىنساننىڭ كۈلۈپ ياشىشى ھايات پرىنسىپىغا شۇنچە ئۇيغۇن بولسىمۇ كۈلەلمەيۋاتقىنى ئەمەلىيەت،قىزلارنى يىغلىمىسۇن دەپ ئەمەس،ئاياللارنى،ئانىلارنى ياش تۆكۈشتىن توختىتىش ئۈمىدىدە ئەمە...

  • ئانىنىڭ غەزىپى

    ئۈمەر ئىسمايىل يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيۇلدا تۇختىماي ماڭغىنىمغىمۇ ئىككى سائەتتىن ئاشتى،ماشىنىنى پۇتۇن كۈن ئىجارىگە ئالغان مۇماي بىلەن ئۇغلى تىخىچە بىر ئىغىزمۇ زۇۋان سۇرمىگەنىدى،ئۆزەممۇ كۆپ گەپ قىلىشنى ياقتۇرمىغاچقا يۇلۇچىلار گەپ سۇرىسا گىپىگە چۇشلۇق جاۋاپ بى...

  • سەككىز ئىستاكان قەھۋە

    مەن مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىغان؛موللا نەسىردىن ئىشىانىسىدىن چىقىۋاتقان بانكىرىنىڭ ئالدىنىقى توسۇدى؛ -بىر ئىسىتاكان قەھۋە كەلگۈدەك ئىككى ئەننا بەرسىڭىز،موللا شۇنداق مىسىكىن،شۇنداق غەمكىن كۆرۈنەرلىك،بانكىرىنىڭ كۆڭلىكىنى يۇمشاپ كەتتى. -مانا بۇ بىر رۇپىيە،-د...

  • چىن مۇھەببەت مەڭگۈ بەرپات بولمايدۇ

    چىن مۇھەببەت مەڭگۈ بەربات بولمايدۇ بەربات بولغان مۇھەببەت تىن تۇغۇلغان پىكىرلەر جېلىل ئاۋۇت رەيھان ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپ ياخشى كۆرۈشكەن يىگىتى رەپقەتنى بەش يىل كېتىدۇ. رەپقەت ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكەسپ ئۈچۈنئۆزى ياخشى كۆرگەنقىز رەيھاننى،ياشى...

  • بىر سىقىم قۇم

    قۇربانجان توختى ئازىق بىر قىز بىر يىگتىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ . ئۇلار ئىككىسى بىر مەزگىل مۇھەببەتلىشىپ ، ئاخىرى توي قىلىشقا پۈتۈشۈپتۇ . توي يېقىنلاشقانسېرى ، ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈپ قاپتۇ . قىز يىگىتنى بەكلا ياخشى كۆرگەچكە ، دائىم ئۇنىڭ نېمە قىلى...

  • بۆرە تراگدىيىسى

    بۆرە تىراگىدىيەسى بىر توپ بۆرىلەر ئوۋچىنىڭ ھېيلىسىگە ئالدىنىپ ئاخىرى بىر ئۆڭكۈرگە قامىلىپ قاپتۇ.ئوۋچى ئۇلارنى ئېنىدىن چىققان ھامان بىر-بىرلەپ ئۆلتۈرمەك بولۇپ ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدا قورالىنى تەقلەپ تۇرۇپتۇ.بۆرىلەر بىرەرسى چىقىپ ئوۋچىغا تۇيقسىز ھۇجۇم قىلىپ،ئۇنىڭ...

  • ئاتا

    بيورنسچېر نابيورنسون (نورۋېگىيە) ھېكايە ھېكايىمىزدىكى باش قەھرىمان مۇشۇ جايدىكى ئەڭ باي ۋە تەسىرى بار كىشى. ئۇنىڭ ئىسمى سولد ئوۋېرسا بولۇپ، ياداڭغۇ، ئېگىز بويلۇق، سەمىمىي ئادەم. بىر كۈنى سولد پوپنىڭ كۇتۇپخانىسىغا كىردى. - مەن ئوغۇللۇق بولدۇم! دېدى ئۇ ھايا...

  • قوغۇن دوختۇرى

    باقى _ باقىمەن ، قوغۇن باقىمەن . ئاغرىپ قالسا قوغۇنغا، ئوكۇل سالمەن. بەش ياشلىق تۇرغۇنجان دوسلىرنى ئەگەشتۈرۈپ ئاتىسىنىڭ يول بويىغا سىلۋالغان ئالچۇقىغا كىلىپ ، قۇم ئېرىقتا كۈن بويى ئوينايتتى. ئۇلارنىڭ قىزقارلىق ئويۇنلىرى بەزىدە تۇرغۇنجاننىڭ ئاتىسىنىياز ئاك...

  • باشلىق بىلەن ئوينىغان شاھمات

    -دوستۇم ۋارىس،سۆزلىرىمىگە قۇلاق سال.بىردەم ھال-مۇڭ بولايلى. (دىدار غەنىمەت،پۇرسەت غەنىمەت)دەپتىكەنمەن.سائەتتىن كېيىن ئىدارە باشلىقى ۋاھاپنىڭ(كالا بېشى)مارلىلىق ئېسىل پىكاپى دەل مۇشۇ يەردىن ئۆتىدۇ.بۈگۈن دىگەن شېكەت شەنبە،ساڭا ئۈلپەت بولۇشىنى ئۆگىتىپ قويماق...

  • كوچىدا

    باققاللار ، ماتاڭىچىلار بىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئالىدىدىكى كوچىنىڭ ئىككى تەرپىدە قاتار تۇرۇپ سودا قىلاتتى . بولۇپىمۇ ياز ، كۈز كۈنىلىرى يېڭى پىشىقان پەسىل مېۋىلىرى بۇ يەرنى تېخىمۇ ئاۋاتىلاشىتۇراتتى . بىر كۈنى چۈشىتە سىرتىقا قىشىمىغا كۆزۇمىگە باققالارنىڭ يېنىدا ئول...