
خۇرۇن تەتقىقات ئىشخانىسى 14-ماي تۇنجى قېتىم «2011-يىللىق جۇڭگودىكى نەۋقىران بايلار تەرتىپى» نى ئېلان قىلدى، جۇڭگودىكى ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە 2-ئەۋلاد بايلارنىڭ ئەھۋالى ئانالىز قىلىنغان بۇ بايلار تەرتىپىدىن 40 ياشتىن تۆۋەن 56 نەۋقىران باي ئورۇن ئالدى. «تېڭشۈن» تور شىركىتىنىڭ باش لېدىرى 39 ياشلىق ما خۇاتېڭ 32 مىليارد يۈەنلىك بايلىقى بىلەن نەۋقىران بايلار تەرتىپىدە 1-ئورۇندا، «بىگۈييۈەن» ئۆي-زېمىن گۇرۇھ شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ياڭ خۇييەن 2-ئورۇندا تۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياڭ خۇييەن 2-ئەۋلاد بايلار تەرتىپىدە 1-ئورۇندا تۇردى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى نەۋقىران بايلار تەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىش سالاھىيىتىنىڭ تۆۋەن چېكى 1 مىليارد يۈەن بولغان، نەۋقىران بايلار تەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان 56 باينىڭ 44 ى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەنلەر، 12سى ئائىلە بايلىقىغا ۋارىسلىق قىلغانلار ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، «سەنئەن» گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لىن جىچياڭ (37 ياش) ۋە «خەيشىن» پولات-تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لى جاۋخۇي (30 ياش) نىڭ بايلىقى 2-ئەۋلاد بايلار تەرتىپىدە 2- ۋە 3-ئورۇندا تۇرغان.
IT ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسى نەۋقىران بايلارنى ئەڭ كۆپ ئاپىرىدە قىلغان ساھە بولۇپ، بۇ ساھەدىن چىققان 15 كىشى نەۋقىران بايلار تەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان، ئۇنىڭدىن قالسا ئۆي-زېمىن ساھەسى نەۋقىران بايلارنى ئەڭ كۆپ ئاپىرىدە قىلغان، بۇ ساھەدىن چىققان 13 كىشى نەۋقىران بايلار تەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان، ياسىمىچىلىق ساھەسى 3-ئورۇندا بولۇپ، بۇ ساھەدىن چىققان 10 كىشى نەۋقىران بايلار تەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان.
خۇرۇن مۇنداق دېدى: خېلى كۆپ ساندىكى 2-ئەۋلاد بايلارنىڭ بايلىقىنى ھېسابلاش تەسكە توختىغانلىقتىن، ئۇلار نەۋقىران بايلار تەرتىپىگە ۋاقتىنچە كىرگۈزۈلمىدى، بۇلار «ۋاخاخا» گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى زۇڭ چىڭخۇنىڭ قىزى زۇڭ فۇلى، «سەنيى» گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لياڭ ۋېنگېننىڭ ئوغلى لياڭ زەيجۇڭ، «شىماۋ» گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى شۈ رۇڭماۋنىڭ ئوغلى شۈ شىتەن، «شىنشىۋاڭ» گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ يۇڭخاۋنىڭ قىزى ليۇ چاڭ، «ۋەنشياڭ» گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لۇ گۈەنچيۇنىڭ ئوغلى لۇ ۋېڭدىڭ قاتارلىقلار.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!