ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئىقتىساد>

تىجارەت ھېكمىتى: تىجارەتتە ساھە تاللاش...

2011-يىلى04-ئاينىڭ29-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
   

ئىككى ئامېرىكىلىق نيۇيوركتا شېرىكلىشىپ ئاپتوموبىل رېمونت شىركىتى ئېچىپتۇ. سودىسىمۇ ناھايىتى روناق تېپىپتۇ. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۇلار بۇ سودىدىن زېرىكىپ، ئاپتوموبىل رېمونت شىركىتىنى سېتىۋېتىپتۇ. ئۇلار مىئامىغا كېلىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپلەپ سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بېتون ياسالمىلىرىنىڭ بازىرى چىققۇدەك، دەپ ئويلاپ، بىر بېتون ياسالمىلىرى زاۋۇتىنىڭ پاي چېكى ھوقۇقىنى سېتىۋاپتۇ. ئەمما ئۇلار بىناكارلىق كەسپىنىڭ ئەھلى بولمىغاچقا، زىيان تارتىپ، ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن زىيانغا چىداپ، پاي چېكى ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، قايتىدىن ئاپتوموبىل رېمونت شىركىتىنى ئېچىپتۇ. تىجارەت ھېكمىتى: تىجارەت قىلغاندا قايسى ساھەنى تاللاپ تىجارەت قىلىشنى تىجارەتچىنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسى بەلگىلىمەيدۇ. شۇڭا تىجارەتچى خالىغانچە ئىش قىلماسلىقى، ئۆزىنىڭ تەجرىبىسى، بىلىمى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى قاتارلىقلارنى ئەتراپلىق ئويلىشىشى كېرەك.  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!