ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

توقسۇندىكى يەر تەۋرەشتە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى

2011-يىلى06-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

4–دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلىندى

  8–ئىيۇن قاش قارايغاندا، توقسۇن ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزغۇچى خادىملىرى يەرلىكتىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا چېدىر تىكىپ بەرمەكتە

   ئۈرۈمچى لىنىيەسى خەۋىرى: شىنجاڭنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدىكى 5.3 بال يەر تەۋرەشتە 1241 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى . نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون 4–دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا جىددىي سەپەرۋەرلىك قىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا.

   8–ئىيۇن سائەت 9:53 تە، توقسۇن ناھىيەسىدە 5.3 بال يەر تەۋرىدى ، سائەت 9:54، 10:00 لاردا يەنە ئايرىم–ئايرىم 4.2 بال ۋە 4.1 بال قالدۇق يەر تەۋرىدى .

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ، ياردەم بېرىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسھاق ئىبراھىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە توقسۇن ناھىيەسىدىكى 1241 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان ، 324 ئائىلىنىڭ 1335 ئېغىز ئۆيى زىيانغا ئۇچرىغان ، بۇنىڭ ئىچىدە 50 دېھقان–چارۋىچى ئائىلىسىنىڭ 168 ئېغىز ئۆيى خەتەرلىك ئۆيگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ ، ئولتۇرۇشقا بولمايدىكەن ، 274 ئائىلىنىڭ 1135 ئېغىز خۇسۇسىي ئۆيى يېرىلىپ كەتكەن ، ھويلا تاملىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، بەش كالا–قوي قوتىنى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن . بۇنىڭدىن باشقا ، بۇ ناھىيەنىڭ بوستان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 24 ئېغىز سىنىپىنىڭ تاملىرىغا چاك كەتكەن ، يىلانلىق يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ سەككىز ئېغىز كېسەلخانىسىنىڭ تاملىرى يېرىلىپ كەتكەن . ھازىرغىچە ، ئادەم ئۆلۈش–يارىلىنىش مەلۇماتى تاپشۇرۇۋېلىنمىغان .

   يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، ھۆكۈمەت يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى دەرھال كۆرسەتمە بېرىپ ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى دەرھال 4–دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلدى ھەمدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنى دەرھال ئاپەت رايونىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەش ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلاردىن ھال سوراش ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى . توقسۇن ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتمۇ ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى جىددىي تارقاقلاشتۇرۇپ ، تېخىچە خەتەرلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتقانلارنى بىخەتەر جايغا يۆتكىدى ھەمدە دەرھال 500 مىڭ يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي مەبلىغى ۋە 50 ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېدىرى ئاجرىتىپ ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تويۇنۇش ، كىيىنىش، ئولتۇراقلىشىش، داۋالىنىش قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇشىنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇردى . توقسۇن ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى قۇتقۇزۇشنى پائال قانات يايدۇردى ، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىمۇ دەرھال خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ئاپتوموبىلىدىن تۆتنى ئاجرىتىپ ، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ياردەم بەردى.

   نۆۋەتتە، ئاپەت رايونىدىكى تۈرلۈك قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ كەيپىياتىمۇ تۇراقلاشتى . يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە، لەنجۇ–شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئۈرۈمچىدىن شاپتۇلغىچە بولغان ئارىلىقىدا ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ مەلۇم بۆلىكىدە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان يولۇچىلار پويىزى ۋە يۈك پويىزىمۇ نورمال قاتناشقا باشلىدى .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!