ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئىقتىساد>

ئىقتىساد باشقۇرۇشتىكى ئۈچ خاتا قاراش

2011-يىلى05-ئاينىڭ02-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

بىرىنچى خاتا قاراش: ئىقتىساد باشقۇرۇش مەبلەغ سېلىش، مەھسۇلات سېتىۋېلىش دېگەنلىك، دەپ قاراش. ئىقتىساد باشقۇرۇش بىلەن مەبلەغ سېلىش باشقا-باشقا ئۇقۇم. ئىقتىساد باشقۇرۇشتا كۆزدە تۇتىلىدىغىنى كىشىلىك تۇرمۇش پىلانى بولۇپ، ئۇ ھەر كىمگە قولىدىكى پۇلنى قانداق تۇتۇش، قانداق خەجلەشنى ئۆگىتىدۇ. ئۇنىڭدا بايلىقنىڭ جۇغلىنىشى نەزەرگە ئېلىنىپلا قالماي، قولىدىكى بايلىققا كاپالەتلىك قىلىشمۇ ئويلىشىلىدۇ. مەبلەغ سېلىشتا كۆزدە تۇتىلىدىغىنى پۇلغا تايىنىپ پۇل تېپىش مەسىلىسى.

ئىككىنچى خاتا قاراش: ئىقتىساد باشقۇرۇش بېيىش، بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىش، دەپ قاراش. بايلىقنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئىقتىساد باشقۇرۇشتىكى بىردىنبىر نىشان ئەمەس، ئىقتىساد باشقۇرۇش پۇلنى پىلانلىق خەجلەش دېگەنلىك. شۇنداق قىلغاندا ئائىلە ئىقتىسادىڭىز بىلەن تۇرمۇش نىشانىڭىزنى ماسلاشتۇرۇپ ماڭالايسىز. بۇنداق بولغاندا ھەم مۈلكىڭىزنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرغىلى، ھەم تۇرمۇشىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ئىقتىساد باشقۇرۇشنىڭ تۈپكى نىشانى ئائىلە ئىقتىسادىڭىزنى ھەر قاچان ئەڭ ياخشى ھالەتتە ساقلاپ، تۇرمۇش سۈپىتىڭىزنى ئۆستۈرۈش.

ئۈچىنچى خاتا قاراش: ئىقتىساد باشقۇرۇش پۇلدارلارنىڭلا ئىشى، دېيىش. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىقتىساد باشقۇرۇش بىر خىل ئائىلىۋى مەسئۇلىيەت، بىرخىل ياشاش ئۇسۇلى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا مائاشلىقلار ئىقتىساد باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا ئەڭ لايىق كىشىلەر.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!