خادىملار ئاپتوموبىل كابىنكىسىغا قىسىلىپ قالغان شوپۇرنىڭ جەسىتىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئالىمجان ئابلەت خەۋىرى ، فوتوسى: 8-ئىيۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 15:15 ئەتراپىدا ، دۆلەت يولى 315-لىنىيەسىنىڭ يەكەن چارەك بازىرى تەۋەسىدىكى بۆلىكىدە قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ، بىر ئادەم قازا قىلىپ ، ئىككى ئادەم ئېغىر يارىلاندى .
ئىگىلىنىشىچە ، يول يۈرۈۋاتقان چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى ئالدىدىكى توسالغۇدىن ئاپتوموبىلنى قاچۇرۇپ ، جىددىي تورمۇز قىلغاندا ، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ كوزۇپىغا بېسىلغان مېخانىكىلىق ئاپتوموبىل ئىنېرتسىيە تەسىرىدە ئالدىغان سۈرۈلۈپ ، بۇ يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ كابىنكىسىنى مىجىۋەتكەن . يۈك ئاپتوموبىلىدا شوپۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئادەم بار بولۇپ ، شوپۇر نەق مەيداندا قازا قىلغان، باشقا ئىككى ئادەم ئېغىر يارىلانغانلىقتىن دوختۇرخانىغا جىددىي يۆتكەلگەن .